مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 719|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھارماس تۆھپىكار،تەرجىمە ئۇستازى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ھارماس تۆھپىكار،تەرجىمە ئۇستازى ماھىنۇرھاجىياقۇپ ئانات
ئاپتورى : ئايگۈل ئابدۇكېرەم
شان- شەرەپ ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ. مەيلىقانداق كەسىپ، قانداق ساھەدە بولسۇن، قەتئىي ئىرادەبىلەن ئىزدەنگەندىلا ئۇتۇق ۋەشان- شەرەپكە نائىل بولغىلى بولىدۇ. شىنجاڭ رادىئو-كىنو تېلېۋىزىيە تەرجىمەمەركىزىنىڭ ئالىي تەرجىمانى، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ماھىنۇر ھاجى ياقۇپئەنە شۇنداق ھارماس ئىزدەنگۈچىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا تۆھپىكارلىمىزنىڭ بىرى.
ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان ۋە تەتقىقاتچىماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1951- يىلى  -4ئاينىڭ24- كۈنى ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1958- يىلىدىن -1968يىلىغىچە ئۈرۈمچىشەھەرلىك 19- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 6- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1970- يىلىدىن1981-يىلى 2-ئايغىچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيەئالغان ۋە ئوتتۇرامەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1981-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىگەقايتىپ 1984-يىلىغىچە«شىىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» تەھرىر بۆلۈمىدە،كېيىن شىنجاڭ ئۇنۋىرسېتىتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنسىتىتۇنى«24تارىخ» ماتېرىياللىرى تەرجىمە- تەھرىر ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلىدە يەنى  -1981يىلىشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىياتفاكولتېتىنىڭ ئىشتىن سرتقى تولۇق كۇرس سىنىپىغاقوبۇل قىلىنىپ، 1986- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 1984- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونومرايونلۇق ئەدلىيە نارازىتىگە يۆتكىلىپ، 1990- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇھەررىر ۋەتەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن، شۇيىلنىڭ ئاخىرى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن «تەڭرىتاغ» كىنوئستۇدىيەسىگە يۆتكىلىپ ،كىنو سىنارىيىسىنى تەرجىمىچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان.1998-يىلىنىڭ بېشىدا ئەينىچاغدىكى شىنجاڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغايۆتكىلىپ، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 2006- يىلى پېنسىيەگەچىققان. ھازىر تەرجىمە فىلىملەرنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتى بىلەنشۇغۇللانماقتا.
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ1981-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپكەلگەندىن كېيىن خەنزۇتىلىنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغان ھەم تەرجىمانلىقساھەسىگە قەدەم قويغان. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ ئاتىسى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي بولۇپ،ئۇ ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە تىنماي ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن. ئۇ ئەينى يىللاردائاتىسىغا ياردەملىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل– يېزىقكومىتېدا «ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» نى ئىشلەش خىزمىتىگىمۇ بىر كىشىلىكھەسسە قوشقان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرائاسىيا تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىدا ئىشلەشجەريانىدا «تارىخىي خاتىرىلەر»، «ئالدىنقى خەننامە»،«كېيىنكى خەننامە» قاتارلىقئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ،كېيىنكى تەرجىمانلىق ھاياتىئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ1984-يىلىدىن 1990-يىلىغىچەئەدلىيە نازارىتىنىڭ تەشۋىقات باشقارمىسىدا «ئەدلىيە كەسپى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىربولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە قانۇنشۇناسلىققا ئائىت 22پارچە كىتابنىڭ تەرجىمەتەھرىرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان.
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ1990-يىلىدىن بۇيان ھازىرغىچە«بۈيۈك ھەل قىلغۇچ جەڭ»،«لىياۋشېن ئۇرۇشى»،«خۇەيخەيئۇرۇشى» ،«پىڭجىن ئۇرۇشى»،«كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى«،«مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى دەۋر»، «جىڭگاڭشەن»، «ئۇرۇشتىنكېيىن»، «قىزىل قۇياش»، «جىياۋلۇ»  «ئۈچپادىشاھلىق ھەققىدە قسسە»، «سۇ بويىدا»،«غەرىبكە ساياھەت»، «دوك ۋەزىر لىيۇ يوڭ»، «يۇڭجىڭخاندانلىقى»، «كاڭشىخاندانلىقى»، «تەيپىڭ تىيەنگو»، «چىڭگىزخان، «تاڭ پادىشاھىشۇەن زۇڭ»،«شەھەرىستاندا زاۋال»، «كاڭشىنىڭ ئەل ئىچىدە خۇپىيانە زىيارىتى»قاتارلىقلارنىڭتەرجىمىسى ۋە تەھرىرلىكىنى قىلغان. «ئۇچقۇرئەجدىھا»، «تۇلپار»،«ساماۋى كۆۋرۈك»، «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتى» قاتارلىق نوپۇزلۇقمۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ چوڭ ھەجىملىك كلاسسىكتارىخىي فىلىملەرنى تەرجىمە قلىشقا ماھىر، تىلغا باي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەنھازىرغا قەدەر تەرجىمە قىلغان كلاسسىك فىلىملەرنىڭ ھەممىسى تىل جەھەتتىكى ئالاھىدەئۆزگىچىلىكى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.بىز بۇلاردىن ئۇيغۇرتىلىنىڭ پاساھەتلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
كىنو- تېلېۋزىيەتىياتىرى تىلى-كىنو ۋە تىياتىرىئىجادىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. كىنو ۋە تېلېۋزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكى-پۈتكۈل تەرجىمە خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ،ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ئارقىلىقباشقا يېزىق ۋە ئېغىز تەرجىمىسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال تەرجىمىدۇر.
كىنو ۋە تېلېۋىزىيەتىياتىرى ئىجتىمائىيتۇرمۇشتىكى تۈرلۈك تېمىلاردا ئىشلىنىدۇ. فىلىمدىكى باشقامىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشئادەتلىرىنى يەنە بىر مىللەتنىڭ تىلىغا ماس كەلتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش–كىنو ۋەتېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكىدىكى بىر سەنئەت.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كىنو ۋە تىياتىرلىرىداقەدىمكى زامان تىللىرىدىن تارتىپ ھازىرقى زامانتىللىرىغىچە، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى،ماقال-تەمسىللەر ، دىنىي ئاتالغۇلار،تۇراقلىق ئىبارىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. مانامۇشۇنداق سۆزلەرنى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇش ماھارەتھېسابلىنىدۇ. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ مانامۇشۇنداق ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرگەن ئاتاقلىقتەرجىمان.
بىر تەرجىماننىڭ تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش جەھەتتەبۇنداق يۇقىرى سەۋىيەگە يەتمىكى ئاسان ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن تىنماي ئۆگىنىشكە،ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تەرجىم ەسەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىزئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەرجىمىسى ياخشى چىققان «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «سۇ بويىدا»، «ئۈچپادىشاھلىق ھەققىدە قسسە» قاتارلىق تارىخىي، كلاسسىك ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپئۆگەنگەن. قەدىمكى نام- ئاتالغۇلارنى ئەينى دەۋرگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈنئېلىپپەسىنى ئۆگەنگەن، ئۇ شۇ دەۋرنىڭ تارىخىنى ئاساسىي تېما قىلىپ تەرجىمە قىلغان.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تېلېۋىزىيە تەرجىمىسىدىن باشقا يەنە «جۇڭگونىڭ ئۇمۇمىي تارىخى»نى تەرجىمە قىلغان. مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ تەكلىپى بىلەن «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»(تۇركىيەنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭئەسىرى) نىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن.
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ قەيەرگە بارسۇن، شۇ يەردىكىكىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغان. تەلەپچان ئۇستازدىنقابىلىيەت ئىگىسى چىقىدۇ، دېگەندەك ئۇنىڭ ئەجرىمۇ بىكارغا كەتمىگەن.ئۇنىڭتەربىيىسىدە يېتىشپ چىققان تەرجىمانلار شۇ بۆلۆمىنىڭ غوللۇق خادىملىرىغا ئايلانغان.
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنى ڭقارىشىچە، ئادەتتىكىسۆزلۈك لۇغىتىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولمايدىكەن. تەرجىمەھەر قايسى ساھەدىكى مەسىلىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا،قورال كىتابلار كۆپ بولۇشىكېرەككەن. مۇشۇنداق بولغاندىلا تەرجىمىنى تىلى راۋان،چۈشىنىشلىك، ئاممىباب قىلىپخەلقنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغىلى بولىدىكەن.
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تەرجىمە خىزمىتى بىلەنشۇغۇللانغان 30يىلدىن بۇيان، تەرجىمە ئەمەلىيىتىگەبىرلەشتۈرۈپ، تەرجىمەنەزەرىيەسىگە دائىر ماتىرياللارنى يەكۇنلەپ، تەرجىمەنەزەرىيەسىنى بېيىتىشنىمۇئۇنتۇمىغان. ئۇ ھازىرغا قەدەر تۈرلۈك گېزىت- ژۇرناللاردا تەرجىمە ۋە تىل ھەققىدەيېزىلغان  10نەچچە پارچەتەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلغان. بۇلاردىن «تەرجىمە فىلىملىرى ۋە تەرجىمەتىلى توغرىسىدا»،«تەرجىمە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللار»، «ھازىرقى زامانئۇيغۇر تىلىغا چەتئەلتىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ تىل ئەمەلىيىتىدە قوللىنىلىشى»،«تارىخىي فىلىملەرتەرجىمىسى» قاتارلىق تۆت پارچە ئىلمىي ماقالىسى مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەررادىيو- تېلېۋىزىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە مەملىكەتلىكئاخباراتچىلار ئىلمىيجەمىئىيىتى ئۆتكۈزگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا  -1دەرىجلىك مۇكاپاتقا ،«شىنجاڭنىڭ مىللىي كىنوچىلىقى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىنىڭتەرەققىيات يۈزلىنىشى توغرىسىدا»،«ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسىنى قانداق يېزىش كېرەك؟» قاتارلىقئىككى پارچە ئەسىرى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ يەنە ھەر قايسى ۋەخاندانلىقلاردا قوللىنىلىدىغان مەنسەپ، ئۇنۋان، مەرتىۋە ناملىرى ھەم ئۇلارنىڭتەرجىمىسى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە يېزىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ھەم بۇئىلمىي ماقالىسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپئالىي مەكتەپتە بىلىم ئالىدىغان ئەڭ ياخشى چاغلىرى چەت ياقايۇرتلىرىدا چېنىقىپئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بۇ ساھەدەكۆزگە كۆرنگەن ئاتاقلىق ھەم ئىجتىھاتلىق تەرجىمانغا ئايلاندۇرغان. مۇۋەپىقىيەتئىزدەنگۈچىلەرگە تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ. ماھىنۇرھاجى ياقۇپ ھەر بىر مىنۇتىنىچىڭ تۇتۇپ ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى ھەممە كىشى ئېتراپ قىلىدىغان ئاتاقلىق تەرجىمان بولۇپ2004- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئاياللار ئەدەبىياتى ئىلمىيمۇھاكىمە يىغىنىدا «ئايال ئەدىب شەرەپ مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. ماھىنۇر ھاجىياقۇپنىڭ ئاتىسى تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرە بورساداتۇغۇلغان بولغاچقا، ئاتىسىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن-2003 يىلىدىنباشلاپ ئانات تەخەللۇسىنى قوللانغان. بىر ئايال ئۈچۈن كەسىپتە ھەم پەرزەنتتەربىيەسىدە ئۇتۇق قازىنىش ئاسان ئەمەس. ئەمما ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات ئاشۇنداققىلالىدى ۋە بىر ئۆمۈر «تىرىشىش ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگەباغلىق. تەقدىرىمنىئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنمىز تىنماي تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.مۇشۇنداق قىلغاندىلاباشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ» دېگەن ھېكمەتنى ئۆزىگە مىزان قىلدى.
بىز ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئاناتنىڭ ئىشلىرىنىڭئۇتۇقلۇق، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ماقالە مەنبەسى:«شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيەگېزىتى»
«بوزتاغ مۇنبىرى» دىن ئېلىندى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6

تېما

121

يازما

387

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
387
QQ
دىۋان
ۋاقتى: 2017-2-14 14:28:26 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ خانىم ھاجى نۇر ھاجى قىزى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات دېگەن شۇۈۆغۇ دەيمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:04 , Processed in 0.060474 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش