مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 737|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يەر نامى ۋە كىشى ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىشتا تېگىشلىك ئىشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

82

يازما

374

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
374
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىسىملار كۆپ ئۇچرايدۇ. رايونىمىزدا قەشقەر، خوتەن، مەھمۇت، ئالىم دېگەندەك ناملار بولسا، گېزىت- تېلېۋىزورلاردا گېرمانىيە، لاس ۋېگاس، گېئورگى، بومباي دېگەندەك ناملارمۇ ئۇچرايدۇ. ئۇنداق يات ئەللەرمىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزتىلىمىزغا تەرجىمە قىلغاندا نېمىلەرگە دېقەت قىلىش كېرەك؟. خەنزۇلار يەت ئەل ناملىرىنى(كىشى ئىسمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،  تۆۋەندە قىسقارتىپ ئالدىم) خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغاندا، شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزىلىشىغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا ئۇ نامنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمىسىگە قاراپ، ئېنگلىزچە ھەرپلەرگە ئۇدۇل كېلىدىغان ئۇيغۇرچە ھەرپ بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. مەسىلەن:
1. گېرمەنىيە
ئېنگلىزچە: Germany(ئوقۇلۇشى "جېرمەني"غا يېقىن كېلىدۇ) ، نېمىسچە: Deutschland (ئوقۇلىشى "دەيچ"قا يېقىن كېلىدۇ)
گېرمانىيە نېمىسلارنىڭ دۆلىتى، نېمىسلار ئۇنى "دەيچ" دېگەچكە، خەنزۇلار ئۇنى 德国,德意志دەپ تەلەپپۇزىغا ئاساسلىنىپ خەنزۇ تىلىغا كىرگۈزگەن. ئۇيغۇرلار بولسا ئېنگلىزچە تەرجىمىسىگە قاراپ يېزىلىشىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ ،ئاندىن "ە،ا"نى قوشۇپ ئۇيغۇرلاشتۇرغان. يەنى دەيچ دېمىگەن، جېرمانىيەمۇ دېمىگەن، بەلكى گېرمەنىيە دېگەن.




2. گېئورگى ۋاشىنگتون
ئېنگلىزچە: George Washington (ئوقۇلۇشى: جورج ۋاشىڭتېن) خەنزۇچە: 乔治·华盛顿
3.پۇتىن
ئېنگلىزچە: Putin ، روسچە: Путин ئوقۇلۇشى: "پۇزىن"  خەنزۇچە: 普京


4. ستالىن
ئېنگلىزچە: Stalin، روسچە: Сталин ( روس تىلىدا ئوقۇلۇشى: سدالىن)  خەنزۇچە: 斯大林


5. لوس ئانگېلېس : Los Angeles (ئوقۇلۇشى : لوس ئانجلېس)، خەنزۇچە: 洛杉矶
6. بىئولوگىيە:
ئېنگلىزچە: Biology ( ئوقۇلۇشى: بايئالېجىي) . بۇ تەلەپپۇزىغا ئەمەس، يېزىلىشىغا ئاساسلىنىپ ئۇيغۇرتىلىغا كىرگەن سۆزنىڭ بىر مىسالى.


يۇقىرىدىكىسى كۆپىنچە ئەھۋال. بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا يۇقىرىدىكى قائىدىگە ئۇيغۇن بولمايدۇ. مەسىلەن ئەرەب تىلى، تۈرك تىلى، پارس تىلى قاتارلىقلاردىن ئىسىم تەرجىمە قىلىنغاندا، ئېنگلىزچە ئايلانمىدىن ئۆتمىسىمۇ بولىدۇ.




يات ئەل نەملىرىنى ئېنگلىزچىگە تەرجىمە قىلغاندا ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش يېزىلىشىغا دېقەت قىلىدۇ. مەسىلەن: تۈركىيەدە كۆپ قوللىنىلىدىغان فامىلە: Cidditürk. بۇ جىددىتۈرك دەپ ئوقۇلسىمۇ ئۇلار Jidditurk دەپ تەرجىمە قىلماستىن C ھەرپىنى C بويىچە ئېلىۋېرىدۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
دىۋان
ۋاقتى: 2014-4-9 02:10:38 | ئايرىم كۆرۈش
ئاڭلىشىمچە سىتالىن، دېگەن تۆمۈر ئادەم دېگەن گەپمىش، يەنى سىتا دېگەن تۆمۈر، لىن دېگەن ئادەم دېگەن مەنىدە. تۆمۈرنى سىتانۇك دەيدىغان بىر نەرسە بارغۇ، تۆمۈرنى بىر نىمە قىلىدىغان، شۇنىڭدىكى سىتا بىلەن سىتالىن دېگەن سۆزدىكى سىتا بىر مەنىدە دەپ ئاڭلىغان.

10

تېما

82

يازما

374

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
374
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-9 18:06:21 | ئايرىم كۆرۈش
alma يوللىغان ۋاقتى  2014-4-9 02:10
ئاڭلىشىمچە سىتالىن، دېگەن تۆمۈر ئادەم دېگەن گەپمىش، ي ...

توغرا، شۇنداق مەنىسى بار. ستالىن بۇ ئىسمىنى تەخەللۇس سۈپىتىدە 34 يېشىدا قويۇۋالغانمىش.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:18 , Processed in 0.056548 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش