مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 599|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاتالغۇ بىلەن سۆزنىڭ ئالماشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ئاتالغۇ بىلەن سۆزنىڭ ئالماشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا
http://www.shewqiy.com/thread-506-1-1.html

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىغا بېسىلغان بىر قىسىم ماقالىلەردە سۆز بىلەن ئاتالغۇ ئۇقۇمىنى ئېنىق ئايرىماستىن ئاارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە شۇ ماقالىلەرنى مىسال قىلىپ ئېلىش ئارقىلىق سۆز بىلەن ئاتالغۇ ئۇقۇمىنىڭ پەرقى كۆرسىتىپ ئۆتىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆز:ئاتالغۇ، سۆز، ئاتالغۇ بىلەن سۆزنىڭ پەرقى
كىرىش سۆز: سۆز بىلەن ئاتالغۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن بۇ ئىككىسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن يەنى تىلشۇناسلىق بىلەن ئاتالغۇشۇناسلىقنى چۈشىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئاتالغۇشۇناسلىق تىلشۇناسلىقنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. ئاتالغۇشۇناسلىق تىلشۇناسلىقنىڭ تەرەقىياتىنىڭ مەھسۇلى. ئاتالغۇشۇناسلىق تىلشۇناسلىقنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان لىكسىكىشۇناسلىقتىن ئايرىلىپ چىققان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتالغۇ بىلەن سۆز ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر ساھەگە تەۋە، ئەمما كىشىلەر ھازىر ئاتالغۇشۇناسلىققا مۇستەقىل بىر پەن سۈپىتىدە قاراپ، لېكسىكىلوگىيەدىن پەرىقلەندۇرۇپ ئىشلىتىدىغان بولدى. بۇنىڭ سەۋەبى، لېكسىكىلوگىيە سۆز بايلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئاتالغۇشۇناسلىق ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى مەيلى تەبىئىي پەندىكى بولسۇن ياكى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى شەيئىلەرنىڭ، ھادىسلەرنىڭ نامىغا قويۇلىدىغان ئاتالغۇلارنى تەتقىق قېلىشىغا قارىتىلغان. كىشىنى ئويلاندۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ خىل قاراش ئاللىبۇرۇن ئىتراپ قىلىنىپ، كەڭ تۇردە مۇشۇ قائىدە بويىچە ئىشلىتىلۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ بەزى زىيالىي، يازغۇچىلىرىمىز يەنىلا بۇ ئىككى ئۇقۇمنى كاللىسىدا ئايدىڭلاشتۇرمايلا ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىپ كىلىۋېتىپتۇ.  
ئاتالغۇ بىلەن سۆز ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئۇقۇم بولۇپ، ئاتالغۇ ئىلىم-پەن، تېخنىكا ساھەسىدىكى يېڭى شەيئىلەرنىڭ ئۇقىمىغا قويىلىدىغان ئىسىم. سۆز بولسا ئىلمىي خاراكتىرىنى ئالمىغان بولسىمۇ بولىدۇ، ئۇقۇم ئىپادىلەپ بېرىش ئاساس ئەمەس، مەنا ئىپادىلەش ئاساس بولىدۇ. بىراق «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىدا بىر قىسىم ماقالىلەردە بۇ نۇقتىغا سەل قاراپ ئاتالغۇ بىلەن سۆز ئۇقۇمىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن.
مەسىلەن:
1.«بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا» --مۇھەممەتجان مىرسال يازغان ماقالىسىدە مۇنداق مىساللار ئېلىنغان:
《科学发展观,   神舟بۇ ئىككىسىنىڭ تەرجىمىسى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ ئىككى ئاتالغۇنى تىل-يېزىق كومىتېتى «ئىلمىي تەرەقىيات قارىشى» ۋە «خاسىيەتلىك كېمە» دەپ قېلىپلاشتۇرغان 》دەپ پىكرىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ يەردە بۇ ئىككى ئىسىمنى ئاتالغۇ دەپ ئاتىغىنى توغرا، يەنى ماۋزۇسى بىلەن بىردەك. بىراق تۆۋەندىكى سۆزلەرنى خاتا ھالدا ئۇقۇم بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ماقالە ماۋزۇسىنىڭ ئاستىدا  مىسال قىلىپ چۈشەندۈرگەن. يەنى:
赋予 سۆزىنىڭ تەرجىمىسى ئۈستىدە توختىلىپ بىر قانچە مىسال ئارقىلىق كۆز قارىشىنى ئىسپاتلىغان. لېكىن بۇ سۆزنى « بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا» دېگەن  كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئۈچۈن مىسال ئورنىدا قوللانغان. بۇ سۆزنى بۇ يەردە مىسال ئېلىش خاتا. چۈنكى ئۇ ئاتالغۇ بولماستىن سۆزدىن ئىبارەت.
يەنە مۇشۇ ماقالىدە، 民兵,预备部队 دېگەن سۆزلەرنىمۇ مىسال قىلىپ ئېلپ، 《بۇنى «خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس قىسىملار» دەپ ئېلىش كېرەك》دەپ كۆرسەتكەن. بىر قاراشتىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ ئاتالغۇ بولماستىن بەلكى سۆزدىن ئىبارەت.
دىمەك بۇ يازغۇچى ماقالىسىدە ئاتالغۇ ئۇقۇمى بىلەن سۆز ئۇقۇمىنى ئارىلاشتۇرۇپ قوللانغان.
«تىل ۋە تەرجىمە» 2009-يىللىق 2-سان 92-بەت
2. «بەزى ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى ۋە تەرجىمىدە سۆزلەرنى ئورۇنسىز ئىشلىتىش مەسىلىسى»--پاتىمە ئىمام يازغان ماقالىسىدە مۇنداق مىساللار بېرىلگەن:
تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تارماقلارغا بۆلۈپ كۆز قارىشىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، گەرچە ماقالە ماۋزۇسىدا «بەزى ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى ۋە تەرجىمىدە سۆزلەرنى ئورۇنسىز ئىشلىتىش مەسىلىسى» دېگەن مەركىزىي ئىدىيە ئوتتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ماقالىدە ماۋزۇغا چۇشلۇق بىرەر ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسى ئۈستىدە تەھلېل يۈرگۈزۈلمىگەن.
1.« تەرجىمىسى جايىغا چۈشمەيۋاتقان بىر قانچە ئىسىم» دېگەن كىچىك تارماق مەزمۇندا بىر نەچچە سۆزنى مىسال قىلىش ئارقىلىق بۇ كۆز قارىشىنى ئىسپاتلىغان.
①« 地税局,国税局 بۇ ئىككى ئايرىم-ئايرىم ئىدارە بولۇپ» دەپ ئىشلىتىپ بۇ سۆزلەرنىڭ ئاتالغۇ ئەمەس بەلكى، ئىدارە-ئورگاننىڭ نامى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن.
②自动存款机,自动取款机 بۇ ئىككى سۆزنىڭ تەرجىمىسىنىڭ خاتا تەرجىمى قىلىنىپ قوللىنىۋاتقانلىقىنى ۋە قانداق تەرجىمە قىلىپ قوللانسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
2.«تىل ئادىتىمىزگە خىلاپ ھالدا تەرجىمىدە نامۇۋاپىق ئىشلىتىۋاتقان بىر قىسىم سۆزلەر» دېگەن كىچىك تارماق مەزمۇندا، «تەمىنلىدى»، «قارىتا»، «شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقى»، «تۈزۈت قىلماڭ»، «دانە، نەپەر» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ تەرجىمىدە نامۇۋاپىق قوللىنىۋاتقانلىق مەسلىسى ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، قانداق ئىشلەتسە مۇۋاق بولىدىغانلىقى يېشىپ كۆرسىتىلىپ ئۆتۈلگەن.
دېمەك، بۇ ماقالىنىڭ باشتىن-ئاخىرغىچە بولغان تولۇق مەزمۇنىدا ئاتالغۇغا ئائىت بىرەر مەسىلە ئوتتۇرغا قويۇلمىغان، بىراق ماۋزۇسىدا بار. ماۋزۇ-ماقالىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىدىن ئىبارەت. ماۋزۇدىن ماقالە، ئەسەردە نېمىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئوتتۇرغا قويۇلىدىغانلىقى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. لېكىن بۇ ماقالىدىمۇ ئاپتۇر ئاتالغۇ بىلەن سۆز ئۇقۇمىنى ئارىلاشتۇرۇپ چۈشىنىپ، يا ماۋزۇنى خاتا قويغان، ياكى ماۋزۇغا ماس كەلگۈدەك مەزمۇننى ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن.
«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى،2010-يىللىق 3-سان 47-بەت
3. «تەرجىمىدە دىن ۋە ئۆرپ-ئادەتكە چېتىشلىق نام-ئاتالغۇلاردا ئەستايىدىل بولۇش كېرەك»--تۇرغۇن ئەنۋەر يازغان ماقالىسىدە مۇنداق مىساللار بېرىلگەن:
«دۆلەت ۋە مىللەتكە دائىر ئاتالغۇلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك » دېگەن كىچىك تارماق بۆلىكىدە،
朝鲜,英格兰人,威尔斯人,北爱尔兰人,英国人
قاتارلىق دۆلەت ۋە مىللەت ناملىرىنى تەرجىمىدە دىن ۋە ئۆرپ-ئادەتكە چېتىشلىق نام-ئاتالغۇلاردا دەپ خاتا ئىشلەتكەن.
گەرچە بۇ سۆزلەردىن ئاتالغۇنىڭ ئالاھىدىكلىرى ئىپادىلىنىپ چىقسىمۇ،(مەسىلەن، جەمئىيەتشۇناسلىقتا بۇ ناملارنى ئاتالغۇ ئورنىدا قوللىنىشىمۇ مۇمكىن) لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتى كىشلەرنىڭ كەڭ تۈردە نام ئورنىدا ئىشلىتىشىدىن ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ، بۇلار ئاللىبۇرۇن لېكسىكىنىڭ ئىچىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. سۆز بىلەن ئاتالغۇنىڭ ئوتتۇرسىدا سەدىچىن سىپىلىدەك ئۇنداق چوڭ چىگرا يوق. ئۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىگە ئۆتىشىپ تۇرىدۇ. يازغۇچى بۇ ماقالىسىدە بۇ نۇقتىغا سەل قارىغان بولۇپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئاتالغۇلۇق خۇسۇسىيىتىنى ئاللىبۇرۇن يوقىتىپ سۆزلۈك يەنى دۆلەت، مىللەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقانلىقىنى كاللىسىدا ئايدىڭلاشتۇرمايلا، ماۋزۇسىغا ئۇيغۇن بولمىغان مىساللارنى قوللانغان.
4. «بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە»--غېنى مەخسۇت يازغان ماقالىسىدە تۆۋەندىكىدەك مىساللار بېرىلگەن:
灾后重建,重建家园 دېگەن سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىدىكى خاتالىقلارنى بىر قانچە سۆزلەرنى مىسال قىلىش ئارقىلىق يېشىپ كۆرسىتىپ، قانداق تەرجىمە قىلسا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن.
دېمەك، يازغۇچى ئۆزىمۇ تىلغا ئالغاندەك بۇ سۆزلەر ئاتالغۇ ئەمەس، يۇقارقىلارغا ئوخشاشلا بۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن مەزمۇندا تىلغا ئېلىنغان مىسالى بىردەكلىككە ئىگە ئەمەس. دېمەك، يازغۇچى سۆز بىلەن ئاتالغۇ ئۇقۇمىنى ئارىلاشتۇرۇپ قوللانغان.
«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 3-سان 94-بەت
5. «ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىشتا كۆرۈلۈۋاتقان نامۇۋاپىق ئەھۋاللار»---رۇقىيە غەنىزات يازغان ماقالىسىدە مۇنداق مىساللار بېرىلگەن:
«ئاتالغۇلارنى يەڭگىللىك بىلەن تەرجىمە قىلىش ۋە تەرجىمىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل ئادىتىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئەھۋاللىرى مەۋجۇت» دېگەن كىچىڭ ماۋزۇدا : مەلۇم بىر تەشۋىقات تاختىسىدىكى تەشۋىقات سۆزى 及时接种菌苗 人人享有健康 دېگەن تەشۋىقات سۆزىنىڭ تەرجىمىسى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ سۆز « ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىنىپ، ھەممە ئادەم ساغلاملىقتىن بەھرىمەن بولسۇن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇنى «ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ، ساغلاملىقتىن ھەممىمىز ئورتاق بەھرىمان بولايلى» دەپ ئېلىش كېرەك دېگەن مەزمۇن سۆزلەنگەن.
ئەمدى سىز قاراپ بېقىڭ، بۇ بىر جۈملە سۆزمۇ ياكى ئاتالغۇمۇ؟
يەنە مۇشۇ كىچىك ماۋزۇچاق ئىچىگە مۇنداق سۆزلەرنىمۇ مىسال قىلىپ ئالغان:
输液体,不吃快餐,多保重  قاتارلىق سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىدىمۇ خاتالىق بار دەپ كۆرسىتىپ ئۆتكەن. لېكىن بىر نۇقتىغا دىققات قىلمىغان، يەنى ماۋزۇ بىلەن ئالغان مىسالنىڭ بىردەكلىكى.
«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 3-سان 93-بەت
«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىغا بېسىلغان خېلى كۆپ قىسىم ماقالىلەردە بۇ خىل ئەھۋالنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئاتالغۇ بىلەن سۆز ئۇقۇمى بولغان بۇ نۇقتىغا سەل قارالغان.
گەرچە ئاتالغۇ بىلەن سۆزنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇنداق چوڭ چىگرا بولمىسىمۇ، بىراق يەنىلا بىر-بىرىدىن پەرقلىق.
ئاتالغۇ ئىلىم-پەننىڭ ئالاقە قۇرالى، سۆز ئالاقىلىشىش قۇرالى بولغان تىلنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسى. ئوخشاش ئالاقە قۇرالى بولسىمۇ، لېكىن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، ئاتالغۇ ئىلىم-پەن، تېخنىكا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئىلمىيلىقى، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. بىر تەرەپلىملىككە ئىگە. ئۇ سۆزلىگۈچىنىڭ سۇبىكتىپ كۆز قارىشىنى ئەمەس، بەلكى تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان بولىدۇ، بۇنىڭدا ئاتالغۇنى ئىزاھلىغۇچىنىڭ ھىساتىنى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ، لېكىن سۆزدە ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ. ئاتالغۇ ئىلىم-پەندىكى ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدۇ، ئادەتتىكى سۆزدە ھەرقانداق ئۇقۇم ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. ئاتالغۇ ئاساسەن بىر مەنىلىك بولىدۇ، ئادەتتىكى سۆزلەر كۆپ مەنىلىك بولىدۇ. ئاتالغۇ دېگەن ۋاقىتتا ئالدى بىلەن كاللىمىزدا ئىپادىلەنگىنى ئۇقۇم بولىدۇ. ئۇقۇم ئاساسىدا تەبىر بېرىلىپ، ئاندىن ئىسىم قويۇپ ئاتالغۇنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئادەتتىكى ئىسىمنى ھارقانداق ئادەم قۇيىۋېرىدۇ، لېكىن ئاتالغۇنى ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. ئادەتتىكى ئىسىم شەخسىي بولىدۇ، لېكىن ئاتالغۇ شەخسىي ياسالمايدۇ، كوللىكتىپنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىق ماقۇللىشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك، قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىشى كېرەك.
مانا مۇشۇنداق ئېنىق پەرقلەر ئارقىلىق كاللىمىزدا ئاتالغۇ بىلەن سۆز ئۇقۇمىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىپ، ئاندىن توغرا ، چۈشىنىشلىك قوللىنىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ئىلىم-پەن مۇنبىرى بولىۋاتقات گىزىت-ژۇرناللاردا ماقالە-ئەسەرنى بېسىشتىن بۇرۇن بۇ نۇقتىغىمۇ سەل قارىماي، ياخشى تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر.

مەنبە: ئۆزۈم

ئاتالغۇ بىلەن سۆزنىڭ ئالماشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا
http://www.shewqiy.com/thread-506-1-1.html
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:18 , Processed in 0.057214 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش