مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1471|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(4) مەنبە: خەلق تورى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(4)مەنبە: خەلق تورى


  مەدەنىيەت — مىللەتنىڭ قان تومۇرى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىقتىسادىي سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز. ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈلۈشى، باراۋەرلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ــ سەنئەت، ئاخبارات ــ نەشرىيات، رادىيو ــ كىنو ــ تېلېۋىزىيە، ئارخىپ ئىشلىرى قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ بۇ ھەقتىكى كىتابلارنى ئوقۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت بازىرىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. مەدەنىيەتنى چىقىرىشنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا تاراتقۇ ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرىمىز. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى، ماھارەت تەنتەربىيەسى ۋە تەنتەربىيە كەسپىنى راۋاجلاندۇرىمىز. ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلىتىمىزمۇ چوقۇم زامانىۋى كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇپ چىقالايدۇ.

   جەمئىيەتنى تۈزەشنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكت بىرلىكتە تۈزەش يولىنى تۇتىمىز. كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، مەھەللە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ۋە دېموكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى ۋە جەمئىيەتنى تۈزەشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جامائەت بىخەتەرلىكى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ــ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يـەر تەۋرەش، ھاۋا رايـى، ئۆلچـەپ سىزىش قاتارلىـق خىزمەتلـەرنى ياخشـى ئىشلەيمىز. ئەرزىيـەت خىزمىتـى تۈزۈمـىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىجتىمائىـي زىددىيەتنى ۋاقتىدا، ئۆز جايىدا ھەل قىلىمىز. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىـش خىزمىتـىنى كۈچەيتىمىز. قانۇننـى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيـەسـىنى چوڭقـۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇن جەھەتـتـە ياردەم بېرىشنى زورايتىمىز. جەمئىيـەت ئامانلىقىنـى ئۇنىۋېرسـال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، زوراۋان ــ تېررورلـۇق جىنايىتىگە قاتتىـق زەربـە بېرىـپ، دۆلـەت خەۋپسىزلىكـىنى قوغداپ، ياخشـى ئىجتىمائىـي تەرتىـپنى شەكىللەندۈرۈپ، بىرلىكتە تىنچ جۇڭگو قۇرىمىز. )8(خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش. خەلق — دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇستەھكەملەنسە، ئەل ئەمىن تاپىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى — بارلىق خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش. مېخانىزم بەرپا قىلىش، كەم جايلارنى تولۇقلاش، ئاخىرقى چەكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش — خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىگىلىك تىكلەشكە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇ يىل 7 مىليون 270 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدۇ، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى تېپىپ، ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر ــ بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىينىلىپ قالغانلارغا ياردەم بېرىش، يار ــ يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق» ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ چىقىرىش جەريانىدا ئىشچى ــ خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. يېزا يۆتكەلمە ئەمگەك كۈچلىرى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىقلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلايمىز. تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنى تېخىمۇ ئىززەت ــ ئابرۇي، تېخىمۇ غۇرۇر بىلەن ياشايدىغان قىلىمىز.

  كىرىم — خەلق تۇرمۇشىنىڭ مەنبەسى. كىرىم تەقسىمات تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىرىم پەرقىنى تىرىشىپ كىچىكلىتىش لازىم. كارخانا ئىشچى ــ خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنى بەلگىلەش ۋە نورمال ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىمىز. دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇلىنىڭ ئىش ھەققىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز ۋە ياخشىلايمىز. ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، كەسپىي ئورۇنلاردا ئۈنۈم مائاشىنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، تېببىي خادىم قاتارلىقلارنىڭ ساھە ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مائاش تۈزۈمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، جاپالىق، چەت، يىراق رايونلارنىڭ ياردەم پۇلىنى ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. كىرىمى تۆۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن كۆپەيتىمىز. ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەرنىڭ سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز. شەھەر ــ يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئىقتىساد بىلەن تەڭ ئاشۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئەمەلىي مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ھېس قىلدۇرىمىز.

  ئىجتىمائىي كاپالەت — خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. مۇھىم نۇقتا — ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ــ يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كىشىلەرنى ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى كۈرەشتە غەم ــ ئەندىشىدىن خالاس قىلىش. شەھەر ــ يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۇنى ئىشچى ــ خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، كارخانا يىللىق فوندى، كەسىپ يىللىق فوندى ۋە سودا سۇغۇرتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىمىز. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە كاپالەت ئۆلچىمى باھا سەۋىيەسىگە باغلىنىدىغان ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ياشانغانلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق ــ مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قورامىغا توشمىغانلار مۇھاپىزىتى ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىلەر كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مېيىپلار ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ۋە مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەير ــ ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. قىيىنچىلىقتا قالغان ھەربىر ئادەمنى جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقىغا، مېھرىبانلىقىغا ئېرىشتۈرىمىز. تۇرالغۇ كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پۈتۈن خەلقنىڭ ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇشنى نىشان قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. بۇ يىل يېڭىدىن 7 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆينىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل كەپە ئۆي رايونلىرىدا 4 مىليون 700 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆي سېلىنىپ، يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. چوڭ شەھەرلەرنىڭ كاپالەتلىك ئۆي نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز. ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى بىلەن ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. سىياسەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇغا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ۋە ۋاسىتىسىنى يېڭىلاپ، بازارلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا، تەننەرخىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا مەبلەغ جەھەتتە مەدەت بېرىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مالىيە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئادىل تەقسىم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجازەتلىك كىرىشچېكىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇشۇ يىل ئىچىدە 4 مىليون 800 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇنى ئاساسەن پۈتتۈرۈپ، ئۆيگە تەلمۈرۈپ تۇرغان تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يېڭى ئۆيگە بالدۇرراق كۆچۈرۈشى لازىم. ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەڭشەپ ۋە تىزگىنلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك تاۋار ئۆي ۋە مۈلۈك ھوقۇقى ئورتاق تۇرالغۇ تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، ھايانكەشلىك، سېلىنما خاراكتېرلىك ئېھتىياجنى تورمۇزلاپ، ئۆي ــ زېمىن بازىرىنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ئادەمنىڭ ھاياتى ھەممىدىن مۇھىم، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەرقانداق ۋاقىتتا بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق لازىم. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن ــ نىزاملارنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، ئالاھىدە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. بازار تەرتىپىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، مەخسۇس تەرتىپكە سېلىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ساختا، ناچار مەھسۇلات ئىشلەش ــ سېتىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىمىز. ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشتىن ئوبوروت، ئىستېمالغىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى، جەمئىيەتنى ئورتاق تۈزەش تۈزۈمى ۋە سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز، مەركەزدىن جايلارغىچە، ھەتتا ئاساسىي قاتلامغىچە بولغان يېمەكلىك ــ دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. نىزام ۋە ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىپ، ئەڭ قاتتىق نازارەت ــ باشقۇرۇش، ئەڭ قاتتىق جازالاش، مەسئۇلىيەتنى ئەڭ ئەستايىدىل سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق تاماقنىڭ بۇلغىنىشىنى قەتئىي تىزگىنلەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

   )9( ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە ئىگە گۈزەل يۇرت ــ ماكاننى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە تاقىلىدۇ. تۇمان ــ تۈتەكلىك ھاۋارايى دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى، مۇھىت بۇلغىنىش زىددىيىتىنىڭ گەۋدىلىنىشى — تەبىئەتنىڭ يىرىك تەرەققىيات ئۇسۇلىغا ياندۇرغان قىزىل چىرىغى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىپ، بۇ چىڭ ۋەزىپىنى قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن قەتئىي ئورۇنلاش شەرت. كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز. تۇمان ــ تۈتەك كۆپ پەيدا بولىدىغان ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەر ۋە رايونلار مۇھىم نۇقتا، ئۇششاق دانچە ماددىلار )PM2.5(، سۈمۈرۈلۈشچان دانچە ماددىلار )PM10( نى تىزگىنلەشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە ئۈنۈمى، قالدۇق گاز چىقىرىش، چاڭ ــ توزان كۆتۈرۈلۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، جامائەت ئورتاق قاتنىشىدىغان يېڭى مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش، بىرلەشمە تىزگىنلەش يولىنى تۇتۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. بۇ يىل كۆمۈر يېقىلغۇلۇق 50 مىڭ كىچىك پار قازاننى شاللاپ چىقىرىمىز، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق 15 مىليون كىلوۋاتلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش يولى بىلەن، 130 مىليون كىلوۋاتلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ نىتراتسىزلاشتۇرۇش يولى بىلەن، 180 مىليون كىلوۋاتلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ چاڭ ــ توزاننى يوقىتىش يولى بىلەن ئۆزگەرتىلىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىل ۋە كونا ئاپتوموبىلدىن 6 مىليوننى شاللاپ چىقىرىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرىمىز. پۈتۈن مەملىكەتنى 4 ئۆلچەملىك ئاپتوموبىل دېزىل مېيى بىلەن تەمىنلەيمىز. پاكىز سۇ ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ۋادى بۇلغىنىشىنىڭ تىزگىنلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك مەنبە بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەپ، گۈزەل يېزا ــ كەنت قۇرىمىز. بىز نامراتلىققا قارشى جەڭ ئېلان قىلغانغا ئوخشاش بۇلغىنىشقا قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشىمىز لازىم.

  ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئېنېرگىيە تېجەش ــ بۇلغىما ئازايتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەيمىز، بۇ يىل ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ سىجىللىقى 3.9% تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىلىدۇ، گۈڭگۈرت )Ⅳ( ئوكسىد چىقىرىش مىقدارىمۇ، خىمىيەۋى ئېھتىياجلىق ئوكسىگېن چىقىرىش مىقدارىمۇ 2% ئازايتىلىدۇ. تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر تورى ۋە تەقسىملىمە ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، بىيوماسسا ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىمىز، بىر تۈركۈم سۇ ئېلېكتىر، يادرو ئېلېكتىر تۈرلىرىدە ئىش باشلىنىدۇ. تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتلىمى گازى، سىلانېتس گازىنى چارلاش، ئېچىش ۋە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىمىز. بايلىق مەھسۇلاتنىڭ باھا ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاھالە ئىشلىتىدىغان سۇ، توكنىڭ پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. بىناكارلىق ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەر مەھسۇلات ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا ۋە ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىمىز. سۇ تېجەش، ماتېرىيال تېجەش ۋە بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى كۈچەيتىمىز. ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ - ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش كەسپىنى جۇشقۇن گۈللەنمە كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز. ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇشنى داۋاملىق يولغا قويىمىز، بۇ يىل بۇنىڭغا 5 مىليون مو يەر ئورۇنلاشتۇرىمىز. يايلىتىشنى توختىتىپ ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇ - تۇپراقنى ساقلاش، تاشلىشىشنى تىزگىنلەش، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. ئۈچ دەريا مەنبەسى رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىمىز. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون، ۋادى ھالقىغان ئېكولوگىيە تولۇقلىما مېخانىزمىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ھازىر ئۈچۈنلا ئەمەس، يىراق كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ، پۈتكۈل جەمئىيەتمۇ يەنىمۇ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ياشايدىغان يۇرت ــ ماكانىمىزنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-28 00:36:45 | ئايرىم كۆرۈش

文化是民族的血脉。要培育和践行社会主义核心价值观,加强公民道德和精神文明建设。继续深化文化体制改革,完善文化经济政策,增强文化整体实力和竞争力。促进基本公共文化服务标准化均等化,发展文化艺术、新闻出版、广播电影电视、档案等事业,繁荣发展哲学社会科学,倡导全民阅读。提升文化产业发展水平,培育和规范文化市场。传承和弘扬优秀传统文化,重视保护文物。加快文化走出去,发展文化贸易,加强国际传播能力建设,提升国家文化软实力。发展全民健身和竞技体育产业。我国是历史悠久的文明古国,也一定能建成现代文化强国。

推进社会治理创新。注重运用法治方式,实行多元主体共同治理,健全村务公开、居务公开和民主管理制度,更好发挥社会组织在公共服务和社会治理中的作用。加强应急管理,提高公共安全和防灾救灾减灾能力,做好地震、气象、测绘等工作。改革信访工作制度,及时就近化解社会矛盾。加强行政复议工作。深入开展普法教育,加大法律援助。加强社会治安综合治理,坚决打击暴力恐怖犯罪活动,维护国家安全,形成良好社会秩序。今天大会开始时,我们对3月1日发生在云南昆明火车站的严重暴力恐怖事件,表示了强烈谴责,对不幸遇难群众表示了沉痛哀悼,对遇难家属和受伤群众表示了深切慰问,我们要坚决打击一切渎亵国家法律尊严,挑战人类文明底线的暴恐犯罪,确保广大人民群众生命财产安全,共同建设平安中国。

(八)统筹做好保障和改善民生工作。

民惟邦本,本固邦宁。政府工作的根本目的,是让全体人民过上好日子。要坚持建机制、补短板、兜底线,保障群众基本生活,不断提高人民生活水平和质量。

就业是民生之本。坚持实施就业优先战略和更加积极的就业政策,优化就业创业环境,以创新引领创业,以创业带动就业。今年高校毕业生将达727万人,要开发更多就业岗位,实施不间断的就业创业服务,提高大学生就业创业比例。加大对城镇就业困难人员帮扶力度,确保“零就业”家庭至少有一人就业,做好淘汰落后产能职工安置和再就业工作。统筹农村转移劳动力、退役军人等就业工作。努力实现更加充分、更高质量就业,使劳动者生活更加体面、更有尊严。

收入是民生之源。要深化收入分配体制改革,努力缩小收入差距。健全企业职工工资决定和正常增长机制,推进工资集体协商,构建和谐劳动关系。加强和改进国有企业负责人薪酬管理。改革机关事业单位工资制度,在事业单位逐步推行绩效工资,健全医务人员等适应行业特点的薪酬制度,完善艰苦边远地区津贴增长机制。多渠道增加低收入者收入,不断扩大中等收入者比重。使城乡居民收入与经济同步增长,广大人民群众普遍感受到得实惠。

社保是民生之基。重点是推进社会救助制度改革,继续提高城乡低保水平,全面实施临时救助制度,为特殊困难群众基本生活提供保障,为人民创业奋斗解除后顾之忧。建立统一的城乡居民基本养老保险制度,完善与职工养老保险的衔接办法,改革机关事业单位养老保险制度,鼓励发展企业年金、职业年金和商业保险。完善失业保险和工伤保险制度。落实社会救助和保障标准与物价水平挂钩联动机制。发展老龄事业,保障妇女权益,关心青少年发展,加强未成年人保护和困境家庭保障,做好残疾人基本公共服务和残疾预防,支持慈善事业发展。让每一个身处困境者都能得到社会关爱和温暖。

完善住房保障机制。以全体人民住有所居为目标,坚持分类指导、分步实施、分级负责,加大保障性安居工程建设力度,今年新开工700万套以上,其中各类棚户区470万套以上,加强配套设施建设。提高大城市保障房比例。推进公租房和廉租房并轨运行。创新政策性住房投融资机制和工具,采取市场化运作方式,为保障房建设提供长期稳定、成本适当的资金支持。各级政府要增加财政投入,提高建设质量,保证公平分配,完善准入退出机制,年内基本建成保障房480万套,让翘首以盼的住房困难群众早日迁入新居。针对不同城市情况分类调控,增加中小套型商品房和共有产权住房供应,抑制投机投资性需求,促进房地产市场持续健康发展。

人命关天,安全生产这根弦任何时候都要绷紧。要严格执行安全生产法律法规,全面落实安全生产责任制,坚决遏制重特大安全事故发生。大力整顿和规范市场秩序,继续开展专项整治,严厉打击制售假冒伪劣行为。建立从生产加工到流通消费的全过程监管机制、社会共治制度和可追溯体系,健全从中央到地方直至基层的食品药品安全监管体制。严守法规和标准,用最严格的监管、最严厉的处罚、最严肃的问责,坚决治理餐桌上的污染,切实保障“舌尖上的安全”。

(九)努力建设生态文明的美好家园。

生态文明建设关系人民生活,关乎民族未来。雾霾天气范围扩大,环境污染矛盾突出,是大自然向粗放发展方式亮起的红灯。必须加强生态环境保护,下决心用硬措施完成硬任务。

出重拳强化污染防治。以雾霾频发的特大城市和区域为重点,以细颗粒物(PM2.5)和可吸入颗粒物(PM10)治理为突破口,抓住产业结构、能源效率、尾气排放和扬尘等关键环节,健全政府、企业、公众共同参与新机制,实行区域联防联控,深入实施大气污染防治行动计划。今年要淘汰燃煤小锅炉5万台,推进燃煤电厂脱硫改造1500万千瓦、脱硝改造1.3亿千瓦、除尘改造1.8亿千瓦,淘汰黄标车和老旧车600万辆,在全国供应国四标准车用柴油。实施清洁水行动计划,加强饮用水源保护,推进重点流域污染治理。实施土壤修复工程。整治农业面源污染,建设美丽乡村。我们要像对贫困宣战一样,坚决向污染宣战。

推动能源生产和消费方式变革。加大节能减排力度,控制能源消费总量,今年能源消耗强度要降低3.9%以上,二氧化硫、化学需氧量排放量都要减少2%。要提高非化石能源发电比重,发展智能电网和分布式能源,鼓励发展风能、太阳能,开工一批水电、核电项目。加强天然气、煤层气、页岩气勘探开采与应用。推进资源性产品价格改革,建立健全居民用水、用气阶梯价格制度。实施建筑能效提升、节能产品惠民工程,发展清洁生产、绿色低碳技术和循环经济,提高应对气候变化能力。强化节水、节材和资源综合利用。加快开发应用节能环保技术和产品,把节能环保产业打造成生机勃勃的朝阳产业。

推进生态保护与建设。继续实施退耕还林还草,今年拟安排500万亩。实施退牧还草、天然林保护、防沙治沙、水土保持、石漠化治理、湿地恢复等重大生态工程。加强三江源生态保护。落实主体功能区制度,探索建立跨区域、跨流域生态补偿机制。生态环保功在当代、利在千秋。各级政府和全社会都要进一步积极行动起来,呵护好我们赖以生存的共同家园。

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:58 , Processed in 0.098513 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش