مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 929|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

系统نى سىستېما دەمدۇق؟ ياكى سېستىما دەمدۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
系统نى سىستېما دەمدۇق؟ ياكى سېستىما دەمدۇق

سىستېما دەپ يېزىلىش قائىدىگە ئۇيغۇنمۇ؟  مەسىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلەردە ئادەتتە ئې ھەرىپى ئالدىدا، ئى ھەرىپى كەينىدە بولىدۇ.  مەسىلەن، تېخنىكا، ئېلىش، بېرىش، دېگەندەك،  سىستېما دېگەنگە ئوخشاش ئالدىدا ئى ھەرىپى، كەينىدە ئې ھەرىپى كېلىدىغان سۆزلەر ماڭا ئۇچرىمىدى، ھەم بۇنداق تەلەپپۇز قىلىش بىرئاز تەسرەك، تىلىمىزغا ماس كەلمەيدۇ.
بۇ سۆز ئېنگىلىزچىدىن كىرگەن بولۇپ،  system دەپ يېزىلسىمۇ، ئېنگىلىزچىدە سىستىم دەپ ئوقۇلىدۇ، كەينىدىكى e ھەرىپىمۇ ئى دەپ ئوقۇلىدۇ،  بىراق بىز بۇ سۆزنى قوبۇل قىغاندا تىلىمىزنىڭ تەلەپپۇز ئادىتىگە قارىمايلا  سىستېما دەپ قوبۇل قىلساق، تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.
قېنى كۆپچىلىك نېمە دەيدىكىن؟
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

10

يازما

28

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
28
دىۋان
ۋاقتى: 2014-3-16 02:52:54 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئىزچىل بۇ سۆزنى سېستىما دەپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. ھەم مەتبۇئات، كىتاب ۋە تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدا سېستىما دەپ ئىشلىتىلگىنىنى كۆپرەك كۆردۈم.
سېستىما دەپ قوللىنىشقا بىر ئاۋاز بېرىمەن.

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-16 02:57:24 | ئايرىم كۆرۈش
قەلبداش يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 02:52
مەنمۇ ئىزچىل بۇ سۆزنى سېستىما دەپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمە ...

مەنچىمۇ شۇ، ئەگەر تىل يېزىق بىلەن شوغۇللانمايدىغان، مەتبۇئاتتا ئىملا تۈزەش بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ئادەتتىكى 100 ئادەمدىن سورىسا   ئىشىنىمەنكى ئاز دېگەندىمۇ 99 ئادەم سېستىما دېيىشى مۇمكىن.

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-16 03:00:14 | ئايرىم كۆرۈش
قەلبداش يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 02:52
مەنمۇ ئىزچىل بۇ سۆزنى سېستىما دەپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمە ...

مېنىڭچە  بۇ خىل سۆزلەردە ئىككىلىسىنى توغرا دېسىمۇ بولىۋېرىدۇ، چۈنكى ئىككىلىسى كۆرسىتىدىغىنى بىر ئۇقۇم.  چوقۇم ماۋۇ خاتا  ماۋۇ توغرا دەپ تۇرۇۋالسا بولمايدۇ، لۇغەتكە بىر سۆزنى كۆپرەك كىرگۈزۈپ قويسا لۇغەت ئېغىرلاپ كەتتىم دېمەيدۇ.

1

تېما

10

يازما

28

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
28
5#
ۋاقتى: 2014-3-16 03:12:35 | ئايرىم كۆرۈش
alma يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 03:00
مېنىڭچە  بۇ خىل سۆزلەردە ئىككىلىسىنى توغرا دېسىمۇ بول ...

شۇنداق. ئېغىزىمىزغىمۇ ئاسان كېلىدىغان، سۆز گىراماتىكىسىغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان سۆز ئەڭ ئاسان توغرا ئومۇملىشىدۇ.

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-16 03:29:04 | ئايرىم كۆرۈش
قەلبداش يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 03:12
شۇنداق. ئېغىزىمىزغىمۇ ئاسان كېلىدىغان، سۆز گىراماتىك ...

ۋاقتىڭىز چىقسا ئاستىدىكى ئۇلىنىشتىكىدەك  تۇرپانچە سۆزلەرنى رەتلەپ  شىۋىلەر سالونىغا چىقىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن. بەزى يەرلىك سۆزلەرنىڭ  تەرجىمە قىلىش ۋە يېڭى سۆز ياساشتا ناھايىتى ياخشى ئۈلگە ئېلىش ئەھمىيىتى بار.  
/forum.php?mod=viewthread&tid=120

1

تېما

10

يازما

28

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
28
7#
ۋاقتى: 2014-3-16 03:39:56 | ئايرىم كۆرۈش
alma يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 03:29
ۋاقتىڭىز چىقسا ئاستىدىكى ئۇلىنىشتىكىدەك  تۇرپانچە سۆ ...

بولىدۇ. مەن يوللاپ قوياي.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:05 , Processed in 0.064726 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش