تەكلىماكان بويلىرىدىكى جۇلالىق مەرۋايىت __ دولان قەبىلىسى
قۇرۇم تاغلىرىدىن باشلانغان زەرەپشان دەرياسى تەكلىماكان قۇملۇقىدىن كېسىپ ئۆتۈپ شىمالغا ئاقىدۇ.زەرەپشاننىڭ ئىككى قىرغىقىدا كەڭ كەتكەن يايلىق ۋە قويۇق ئىپتىدائىي توغراقلىقھەمدە بوستانلىقتا كۆپىيىپ راۋاجلانغان دولانلىقلار ۋە دولان مەدەنىيىتى بار.بۈگۈنكى كۈندە "دولان مەدەنىيىتى"، "دولان سەنئىتى"،"دولان ئۇسلۇبى"قاتارلىق سۆزلەر مودا سۆزلەر بولۇپ قالدى.
208-ئۆلكە يولىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئاۋات ناھىيەسىدىكى بوستانلىقنىڭمەركىزىگە جايلاشقان دولان قەبىلىسى ئىپتىدائىي توغراقلىقنى ئارقا كۆرۈنۈش، دولانئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئاۋات ناھىيەسى، ھەتتاكى ئاقسۇۋىلايىتىنىڭ ئالتۇن ساياھەتچىلىكىدىكى جۇلالىق مەرۋايىت بولۇپ قالدى. دولان قەبىلىسى جۇڭگو پاختا ماكانى، جۇڭگومۇسەللەس يۇرتى، دولان مەدەنىيىتى ۋە دولان دېھقانلار رەسىملىرى يۇرتى بولغانئاۋات ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىلغار ساياھەت شەھىرى بولغانئاقسۇ شەھىرىگە 58 كېلومېتىر، ناھىيە بازىرىغا 18 كېلومېتىركېلىدۇ، يەر مەيدانى 8000 مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىچىدەئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمە سارىيى، مىللىي تەنتەربىيە رايونى، مىڭ يىللىق توغراق رايونى،تۆگىقۇش باقمىچىلىق رايونى، سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش رايونى، جېجياڭ-ئاقسۇ دوستلۇقىقۇم ھەيكەل باش تېما باغچىسى قاتارلىقلاردىن باشقا مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل، ئالاھىدەيېمەك-ئىچمەك، ئوۋچىلىق، توغراق ساياھەت مۇنارى قاتارلىقلار بار.
دولان قەبىلىسىدە دۆلەت،ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىرەسمىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان "دولان مەدەنىيىتى"بار بولۇپ،دولان مۇقامى، دولان مەشرىپى، دولان راۋابى سەنئىتى، مۇسەللەس ئېچىتىش ھۈنەر-سەنئىتى ۋە دۇنيا جىننىس رېكورتى بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئەلئىچى ناخشا-ئۇسسۇل كوللېكتىپى"دولان ناخشا-ئۇسسۇل كوللېكتىپى"بار. دولانلىقلارنىڭ تارىخىيتەۋەررۈكلىرىنى ۋە دولانلىقلارنىڭ ئەسلى تۇرمۇش مەنزىرىسىنى قايتا نامايان قىلىشئارقىلىق، دولانلىقلارنىڭ قۇرۇلۇش، يېمەك-ئىچمەك، قول-ھۈنەر ۋە ئۆرپ-ئادىتىنىئومۇميۈزلۈك مۇكەممەل نامايان قىلىدۇ.
دولان قەبىلىسى 2014 -يىلى دۆلەت AAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.
مەنبە: خەلق تورى
|