ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن
http://xahis.apandim.com/285.html

تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى سەنشىخاڭزى مەھەللىسىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالتە يېشىدىن باشلاپ دادىسىنىڭ دەۋىتى بىلەن مەھەللىسىدىكى دىنىي مەكتەپكە كىرىپ دىنىي ساۋاتلارنى، جۈملىدىن ئەرەب-پارس تىل- يېزىقى، شۇنداقلا چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق ئۆگەنگەن ھەمدە نەۋائى قاتارلىق كلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. 1935-يىلى ئۈرۈمچىدە پەننىي مەكتەپلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى چوڭ مەسچىت ( ھازىرقى خانتەڭرى مەسچىت)يېنىدا قۇرۇلغان «نىيازىيە» مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1938-يىلى كۈزدە ئۈرۈمچى 1- گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 1941-يىلى 7-ئايدا بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ئىمىن تۇرسۇن «نىيازىيە» مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچى 2-گىمنازىيىگەقاتناپ يۈرۈپ يېرىم يىلدەك رۇس تىلىنى ئۆگەنگەن. ئارقىدىن يەنە خەنزۇ 1- باشلانغۇچمەكتەپتە ھەر كۈنى كەچلىك كۇرسقا قاتنىشىپ خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن. 1- گىمنازىيىدەئوقۇش جەريانىدىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئىلمىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1941-يىلى 1-گىمنازىيىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىغان ۋە 1945-يىلىغا قەدەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى 6-مەكتەپ، 7-مەكتەپ، 4- مەركىزىيمەكتەپ، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. – 1944يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەركىزىي تەلىم ئۆمىكى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ 4- مەدەنىيەت-مائارىپ قارارىدا ئوقۇغان. تىرىشچان ئىمىن تۇرسۇن بۇ مەزگىللەردە بىرتەرەپتىن تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلىسە،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش مەركىزىي ئۇيۇشمىسىنىڭ قارىمىقىدىكى سانائىي نەفىسىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئۆمەكنىڭ بەدىئىي يېتەكچىسى ۋە ئۆمەك سەنئەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. 1946-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىگەمۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ تەيىنلىنىپ، كېرىيىدە خىزمەت قىلغان. 1948-يىلى 9-ئايدائۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ 1950-يىلى 1-ئايغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئالىم ئىمىن تۇرسۇن 1950-يىلى -1ئايدا سابىق ئۆلكىلىك مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەھرىر-تەرجىمە باشقارمىسىغا يۆتكەلدى. بۇ باشقارما 1951-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بولۇپقۇرۇلدى. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 1983-يىلىغا قەدەر شىنجاڭ خەلقنەشرىياتىدا مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى، مۇئاۋىن نەشرىيات باشلىقى، قوشۇمچە لۇغەت تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقىۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ، جۈملىدىن يېڭى دەۋر ئۇيغۇرنەشرىياتچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ ئارىدا 1956-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق تىل-يېزىق تەتقىقات كومىتېتى (ھازىرقى ش ئۇ ئا رمىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى) غا ئالمىشىپ ، تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىبولۇپ ئىشلىدى. 1983-يىلى 5-ئايدىن 1991-يىلىغا قەدەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىدى ۋە 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىدىن پېنسىيىگە چىققان.