ئابدىرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
http://www.ustazim.net/thread-681-1-1.html
كۈچلۈك رېئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئېگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر1985-يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان <<ئىز>> نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كىتابخانلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىدىغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى-ئاخىر <<قەشقەر كېچىسى>>، <<ئىز>>، <<ئۆمۈر مەنزىللىرى>>، <<ئويغانغان زېمىن>> قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ يەنە <<شېئىر ۋە شائىر>>، <<تۇرپان تەسىراتلىرى>>، <<قەشقەر كېچىسى>>، <<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>> قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ <<شېئىرىيەت>>، <<مىللەتلەر ئەدەبىياتى>>،<<غەربىي دىيار ئەدەبىياتى>> قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. 1982-يىلى1-ئايدا <<خەلق گېزىتى>> دە ۋە <<مىللەتلەر ئەدەبىياتى>> تەتقىقاتىغا دائىر ئوبزورلار مەجمۇئەسىنىڭ 2-سانىدا <<قەشقەر كېچىسى>> ھەققىدە مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ، بۇ نادىر ئەسەر <<ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارىدىكى ئاجايىپ ئېسىل گۈل>> دەپ مەدھىيلەندى. بۇ داستاننىڭ ياپون تىلىدىكى قىسقارتىلغان تەرجىمىسى1985-يىلى ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان <<جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى>>نىڭ 2-توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسى1988-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئايرىم كىتاب بولۇپ بېسىلىغان. ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. مۇشۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923-يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكلا ئايرىلىپ، يىتىم قالغان. دادىسى تىلەش بېگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگە بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن. ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، دىننىي مەكتەپكە بەرگەن. دىننىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان كىلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە <<سوپى ئاللا يار>> دېگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادىلاپ بولغان. 1934-يىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان. ۋە 1936-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939- يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنىغا ئىمتىھان بىرىپ كىرگەن. 1942-يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پىداگوگىكا فاكولتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يېڭى ھايات دەۋرى بولغان. ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۇەن ئەپەندى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئېگە بولغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە <<گاڭ قانات لاچىن>>، <<دولقۇنلۇق ھايات>>، <<يېڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا>>، <<تامچە قاندىن مىليۇن چېچەكلەر>>، <<چىن مودەن>> (ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان) قاتارلىق شېئىر، داستان، ۋە دىراممىلارنى <<شىنجاڭ گېزىتى>>، <<يېڭى نۇر>> قاتارلىق مەتبۇئاتلاردائارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمىدلىك ياش كۈچ بولۇپ قوشۇلغان. 1943-يىلى باھاردا، مىللىتارسىت شېڭ شىسەي<<تەرەققىپەرۋەر>> لىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتتى. چېن تىيەنچۇ، ماۋزىمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنى ۋە نۇرغۇن ئىلغار زاتلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ياش شائىرمۇ بۇ بوراندىن ئامان قالماي1944-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى. ئۇ 1945-يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، نەشرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. 1946-يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى <<يۈرەك مۇڭلىرى>> تاش مەتبەئەدە بېسىلىپ چىقتى. ئازاتلىقتىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خېلى بىر مەزگىل، ئاساسەن تەرجىمانلىق، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن جۈملىدىن چەت ئەل تىللىرى ۋە ئەدەبىياتنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىغان ئىدى. لېكىن شۇ چاغلاردا ئۇ <<سول>> لۇشيەنىنىڭ كاساپىتى بىلەن مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولالمىغان. پەقەت پارتىيە11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنلا، شائىر قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئېگە بولدى ۋە تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشتى. ئۇ قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل ئىچىدە <<ياخشى>>، <<كېرەك بولسا>>، <<ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس>>، <<بوغدا ئانام>>، <<مەن ئاق بايراق ئەمەس>>، <<قەشقەر كېچىسى>>،<<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>>، <<گۈل ۋە ئازغان>> قاتارلىق شېئىر، داستان ۋە باللادىلارنى، <<ئىز>>، <<ئويغانغان زېمىن>>رومانلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تولۇق نامايەن قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ ھارماس قەلەمكەش، ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم تىلەشوپ ئۆتكۈر 1995-يىلى10-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خەيرىلەشتى.
|