مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بالزاكنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

204

يازما

1079

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1079
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 16 مىنۇت بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
بالزاكنىڭدەپنە مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق
ۋىكتورئۈگو (فرانسىيە)
تەرجىمان:تۇرغۇن ئابلىز
ئەپەندىلەر:
ھازىر بۇ قەبرىگە دەپنە قىلىنغان ئادەمگەمەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈلمەكتە. بىزگە نىسبەتەن بارلىق ساختىلىقلار غايىببولدى. بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىنىڭ كۆزى ھۆكۈمدارلارغا ئەمەس بەلكى مۇتەپەككۇرلارغاتىكىلىدۇ. بىر مۇتەپەككۇر ئارىمىزدىن كېتىۋىدى، بۇنىڭدىن پۈتكۈل مەملىكەت لەرزىگەكەلدى. بۈگۈن خەلق بىر تالانتنىڭ ۋاپاتىغا ماتەم تۇتماقتا، دۆلەت بىر تالانتنىڭۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرمەكتە.
بالزاك، دېگەن بۇ ئىسىم دەۋرىمىزدەئۇزاققىچە يادلىنىدۇ، جۈملىدىن ئەۋلادلارنىڭ شانلىق تۆھپىسىدە نامايان بولىدۇ.خۇددى 17-ئەسىردە رىشېلىئۇ  ۋاپاتىدىنكېيىن بىر تۈركۈم شۆھرەت قازانغان يازغۇچىلار بارلىققا كەلگىنىگە، مەەنىيەتتەرەققىياتى داۋامىدا بىر خىل قانۇنىيەت بارلىققا كېلىپ ئەلەمدار ھۆكۈمداردىنكېيىن مەنىۋىي ھۆكۈمدار بارلىققا كەلگىنىگە ئوخشاش بالزاك ئەپەندى  19-ئەسىردە ناپولېئوندىن كېيىنكى گىگانتيازغۇچىلار سېپىگە مەنسۇپ.
ئەڭ مەشھۇر شەخسلەر قاتارىدا بالزاكھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ؛ ئەڭ مۇنەۋۋەر شەخسلەر تىزىملىكىدە بالزاك تۇنجىسى. ئۇنىڭتالانتى شۇقەدەر قالتىسكى، كامالەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن، ئەمما بۇ يەردەئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ پۈتكۈل ئەسەرلىرى پەقەتبىر كىتابقا ــــ جانلىق، شانلىق، مەزمۇنى ناھايىتى تېرەن بىر كىتابقامۇجەسسەملەنگەن. بىزنىڭ بۇ يەردە كۆرۈۋاتقىنىمىزبىزنى ئېنىق شەرھلەشكە ئاجىز كېلىدىغان، رېئاللىق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ھودۇقۇشۋە ۋەھىمىگە ئېلىپ بارىدىغان دەۋرىمىزدىكى زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ يۈزلىنىشىدۇر.«كومېدىيە» دېگەن ماۋزۇدا قالتىس بىر كىتاب بار، ئەمەلىيەتتە ئۇنى «تارىخ» دېسەكمۇبولىدۇ، بالزاك بۇ ئەسىرى ئارقىلىق بارلىق شەكىل ۋە بارلىق ئۇسلۇبنى مۇجەسسەملەشجەھەتتە تاسىتىئۇستىن ئېشىپ كەتكەن، سۇئېيتتوننى ئارقىدا قالدۇرغان، بومارشېستىنھالقىپ كەتكەن، رابېلەيسكە يېتىشكەن؛ بۇ ئەسەر كۆزىتىش، تەسەۋۋۇرغا تويۇنغان ئەسەربولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن چىن، سەمىمىي، ئادەتتىكى ئىشلار، ئاددىي پاراڭ، پارچە-پۇراتتەپسىلاتلار، قوپاللىقلار، رەزىللىكلەر ھەققىدىكى تەسۋىر-بايانلار بار. ئەمامبەزىدە ئۇشتۇمتۇتلا تاشقىي نىقابلارنى يىرتىپ تاشلاش خىلمۇخىل، رەڭگارەڭ رېئاللىقتولۇق، ئەينەن ئېچىپ بېرىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە قاراڭغۇ ۋە تەسىرلىك غايىلەرنىكۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مەيلى خالايلى مەيلى خالىمايلى، تەنئالايلى-ئالمايلى، بۇ غايەت زور ھەم ئاجايىب ئۆزگىچە ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئاڭسىزھالدا ئىنقىلابىي يازغۇچىلارنىڭ قۇدرەتلىك سېپىگە كىرىپ كەتكەن. بالزاكنىڭ قەلىمىئۇدۇل نىشانغا چېپىپ زامانىمىز جەمئىيىتى بىلەن ئېلىشقان. ئۇ تەرەپ-تەرەپتىن بەزىنەرسىلەرنى ئۈزۈۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەۋھۇم تەسۋىر، ئبمىد، چۇقان، ساختانىقابالار بار. ئۇ قەلبنى قېزىپ ئىلھامنى ئوپېراتسىيە قىلغان. ئادەم، روھ، قەلب،ئىچكى ئەزا، مېڭە ۋە شەخسنىڭ ھالاكىتى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. بالزاك ئۆزىنىڭ ئەركىنتۇغما تالانتى ۋە ساغلام ماھىيىتى، دەۋرىمىزگە خاس ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىقئىنقىلابنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، نېمىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەھشەر كۈنى تېخىمۇ ئېنىقكۆرۈپ يەتكەن ھەم نېمىنىڭ مەنىسىزلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەن. شۇڭا ئۇ چېھرىدىنتەبەسسۇم ياغدۇرۇپ، بىمالال ھالدا ئادەمنى چۆچۈتىدىغان تەتقىقاتلارنى ماھىرلىقبىلەن رويابقا چىقارغان. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتلىرى مۇللېرنىڭكىدەك دەرد-ئەلەمگە پېتىپقالمىغان، رۇسسونىڭكىدەك يامان ئىجتىمائىي ئىللەتلەرگە نەپرەتلىنىش بىلەنلاكۇپايىلەنمىگەن.
مانا بۇ ئۇنىڭ ئارىمىزدىكى خىزمىتى. مانا بۇئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەسەرلىرى، ئالىيجاناب ھەم ساغلام ئەسەرلىرى، گرانت تاشتىنتىكلىگەن ئابىدىسى! بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ شۆھرىتى ئەسەرلىرىنىڭ چوققىسىدا نۇرلۇقجىلۋە قىلىدۇ. بۈيۈكلەر ئۆزلىرىنىڭ كېلەچەكتە تىكلىنىدىغان ھەيكىلىگە مەسئۇل بولۇشئۈچۈن ئۆزىگە ئۇلتاش قوپۇرىدۇ.
ئۇنىڭ ۋاپاتى پارىژنى لەرزىگە سالدى. ئۇفرانسىيەگە قايتىپ كەلگىلى نەچچە ئايلا بولغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاقياشىيالمايدىغانلىقىنى تۇيۇپ، ۋەتىنىنى بىر كۆرۈۋېلىش ئىستىكىدە خۇددى يىراقسەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا ئانىسىنى بىر قۇچاقلىۋالماقچى بولغان ئادەمگە ئوخشاپقالدى. ئۇ قىسقا ئەمما تولۇق ياشىدى، ئەسەرلىرى ئۇ ياشىغان يىلاردىنمۇ كۆپ بولدى.
ھەسرىتا! ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدىغان،چارچاشنى بىلمەيدىغان بۇ يازغۇچى، بۇ پەيلاسوپ، بۇ مۇتەپەككۇر، بۇ شائىر، بۇتالانت بىز بىلەن بىللە بۇ دۇنياغا مېھمان بولۇۋاتقان مەزگىلدە بوران-چاپقۇنلۇق ۋەكۈرەشكە تولغان تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈردى، بۇ بارلىق بۈيۈك شەخسلەرگە ئورتاقتەقدىر. بۈگۈن ئۇ ئۇيقۇغا كەتتى، توقۇنۇش ۋە ئۆچ-ئاداۋەتتىن قۇتۇلدى. قەبرىگەكىرگەن بۇ كۈندە ئۇ يەنە شان-شەرەپ قەسىرىگىمۇ كىردى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ۋەتەنئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلار بىلەن بىللە قاتمۇ-قات ئاسمىنىمىزدا چاقنايدۇ.
شۇ تاپتا بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئەپەندىلەر،كۆڭلۈڭلاردا ئۇنىڭغا زوقۇڭلار كېلىۋاتامدۇ؟
ئەپەندىلەر، مۇشۇنداق يوقىتىش ئالدىدا مەيلىقانچىلىك ئازابلىنايلى، مۇشۇنداق ئېغىر زەربىگە بەرداشلىق بېرەيلى! زەربە، ئازابھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ ئاۋال قوبۇل قىلىپ ئاندىن بىرنېمە دەيلى. مۇشۇنداق بىردەۋرىمىزدە بىر بۈيۈك ئىنساننىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى ئادەمنى قات-قات ئېغىر ئازابقاسالىدۇ، ئادەمنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تەۋرىتىپ قويىدۇ.  بەلكىم بۇ خەيرلىك ئىشتۇ، بەلكىم بۇ بىزگەزۆرۈردۇ. بەلكىم پەرۋەردىگارنىڭ خەلقنى ئالىيجانابلىق تىلسىملىرىغايۈزلەندۈرگىنىدۇ.
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنىبىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئەڭ ئالىي ئىبرەت، چۈنكى بۇ بىر ئالىيجاناب ئەرۋاھ يەنە بىردۇنياغا كىرگەن چاغ؛ بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ھەممىگە ئايان بولغان تالانلىق قانىتىبىلەن كۆكتە ئۇزاققىچە پەرۋاز قىلغان، بىردىنلا ھېچكىم كۆرەلمەيدىغان يەنە بىرقانىتىنى قېقىپ ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ماكاندا غايىب بولۇۋاتقان چاغ. مۇشۇنداقچاغدا بىزنىڭ قەلبىمىز سۈر ۋە سەمىمىيەتكە تولىدۇ.
ياق، ئۇ ھېچكىم بىلمەيدىغان ماكان ئەمەس!مەن باشقا بىر قايغۇ-ھەسرەتلىك سورۇندا دېگەن، شۇ تاپتا يەنە قىلچە بىزاربولماستىن يەنە دەيمەنكى، بۇ زۇلمەتلىك تۈن ئەمەس، بەلكى بىر نۇرلۇق سائەت! بۇ ئىنتىھائەمەس بەلكى ئىپتىدا! بۇ يوقلۇق ئەمەس بەلكى ئەبەدىيلىك! سۆزۈمنى ئاڭلاۋاتقانئەپەندىلەر، ئەجەبا دەۋاتقانلىرىم راست ئەمەسمۇ؟ مۇشۇنداق قەبرە ئەبەدىيلىكنىڭدەلىلدۇر! بەزى مەشھۇر شەخسلەر بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقاندا كىشىلەر بۇ دانىشمەنكىشىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يېتىدۇ، ئۇنىڭ بۇ دۇنيانىڭئازابلىرىنى يەتكىچە تارتقانلىقى ۋە شۇ سائەتتە پاكلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىپھەتتا ئۇنى ئەركەك، دەپ تەرىپلىشىدۇ. ھەتتا كۆڭلىدە ھايات چېغىدا تالانتلىق بولغانئادەمنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن روھقا ئايلانماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئويلىشىدۇ!
巴尔扎克葬词
作者:雨果
各位先生:
现在被葬入坟墓的这个人,举国哀悼他。对我们来说,一切虚构都消失了。从今以后,众目仰望的将不是统治者,而是思想家。一位思想家不存在了,举国为之震惊。今天,人民哀悼一位天才之死,国家哀悼一位天才之死。
诸位先生,巴尔扎克这个名字将长留于我们这一时代,也将流转于后世的光辉业绩之中。巴尔扎克先生属于19世纪拿破仑之后的、强有力的作家之列。正如17世纪,一群显赫的作家涌现在黎塞留之后一样——就像文明发展中,出现了一种规律,促使武力统治者之后,出现精神统治者一样。
在最伟大的人物中间,巴尔扎克是名列前茅者;在最优秀的人物中间,巴尔扎克是佼佼者之一。他才华卓越,至善至美,但他的成就不是眼下说得尽的。他的所有作品仅仅形成了一部书,一部有生命的、光亮的、深刻的书。我们在这里看见,我们的整个现代文明的走向,带着我们说不清楚的、同现实打成一片的惊惶与恐怖。一部了不起的书,他题作“喜剧”,其实就是题作“历史”也没有什么,这里有一切的形式和一切的风格,超过塔西陀,上溯到苏埃通,越过博马舍,直达拉伯雷;一部既是观察又是想象的书,这里有大量的真实、亲切、家常、琐碎、粗鄙。但是,有时通过突然撕破表面、充分揭示形形色色的现实,让人马上看到最阴沉和最悲壮的理想。
愿意也罢,不愿意也罢,同意也罢,不同意也罢,这部庞大而又奇特的作品的作者,不自觉地加入了革命作家的强大行列。巴尔扎克笔直地奔向目标,抓住了现代社会进行肉搏。他从各方面揪过来一些东西,有虚像,有希望,有呼喊,有假面具。他发掘内心,解剖激情。他探索人、灵魂、心、脏腑、头脑和各个人的深渊。巴尔扎克由于他自由的天赋和强壮的本性,由于他具有我们时代的聪明才智,身经革命,更看出了什么是人类的末日,也更了解什么是无意。于是面带微笑,泰然自若,进行了令人生畏的研究,但仍然游刃有余。他的这种研究不像莫里哀那样陷入忧郁,也不像卢梭那样愤世嫉俗。
这就是他在我们中间的工作。这就是他给我们留下来的作品,崇高而又扎实的作品,金刚岩层堆积起来的雄伟的纪念碑!从今以后,他的声名在作品的顶尖熠熠发光。伟人们为自己建造了底座,未来负起安放雕像的责任。
他的去世惊呆了巴黎。他回到法兰西有几个月了。他觉得自己不久于人世,希望再看一眼他的祖国,就像一个人出门远行之前,再来拥抱一下自己的母亲一样。
他的一生是短促的,然而也是饱满的,作品比岁月还多。
唉!这位惊人的、不知疲倦的作家,这位哲学家,这位思想家,这位诗人,这位天才,在同我们一起旅居在这世上的期间,经历了充满风暴和斗争的生活,这是一切伟大人物的共同命运。今天,他安息了,他走出了冲突与仇恨。在他进入坟墓的这一天,他同时也步入了荣誉的宫殿。从今以后,他将和祖国的星星一起,熠熠闪耀于我们上空的云层之上。
站在这里的诸位先生,你们心里不羡慕他吗?
各位先生,面对着这样一种损失,不管我们怎样悲痛,就忍受一下这样的重大打击吧。打击再伤心,再严重,也先接受下来再说吧。在我们这样一个时代里,一个伟人的逝世,不时地使那些疑虑重重、受怀疑论折磨的人,对宗教产生动摇。这也许是一桩好事,这也许是必要的。上天在让人民面对崇高的奥秘。
上天知道自己做的是什么,因为这是最高的教训。当一个崇高的英灵,庄严地走进另一世界的时候;当一个人张开他的有目共睹的、天才的翅膀,久久飞翔在群众的上空,忽而展开另外的、看不见的翅膀,消失在未知之乡的时候。我们的心中,只能充满严肃和诚挚。
不,那不是未知之乡!我在另一个沉痛的场合已经说过,现在我也永不厌烦地还要再说——这不是黑夜,而是光明!这不是结束,而是开始!这不是虚无,而是永恒!我说的难道不是真话吗,听我说话的诸位先生?这样的坟墓,就是不朽的明证!面对某些鼎鼎大名的、与世长辞的人物,人们更清晰地感到这个睿智的人的神圣使命,他经历人世是为了受苦和净化,大家称他为大丈夫。而且心想,生前凡是天才的人,死后就不可能不化作灵魂!

خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:03 , Processed in 0.059184 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش