مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 6|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھەممىمىزنىڭ ھاياتىدا شۇنداق بىر ' ھەي ......' لەر بولۇپ تۇرىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 19:42 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
مۇنداق بىر ھېكايە ئاڭلىغان ئىدىم.

بەكمۇ چىرايلىق ياشانغان بىر كىشى بار ئىكەن، ئۇنىڭ يۈزلىرىدە نۇر، ھەرىكەتلىرىدە ياخشىلىق، ئۈستىبېشى پاكىز، تىلى تاتلىق ئىكەن. قوشنا - قولۇم ۋە مەھەللە - كوي بۇ كىشىنى تولىمۇ ھۆرمەت قىلىدىكەن.

بىر كۈنى مەھەللىدە ئۆلۈم بولۇپتۇ، كىشىلەر مويسىپىتنى قەبرە بېشىغا چاقىرتىشىپتۇ. مىيىتنى يەرلىككە قويۇش ئىشلىرى تۈگىگەندىن كىيىن ھەممەيلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدىغان چاغدا كىشىلەر مويسىپىتنىڭ بىر يېرىگە دىققەت قىلىپ قاپتۇ.

' تاغا، ئاپئاق كىيىملىرىڭىز خويمۇ يارىشىپتۇ، لېكىن ھەي! مۇشۇ ئايىقىڭىز نېمانچە كونا ھەم ماسلاشمىغان؟ يېڭىسىمۇ بار ئىدىغۇ، شۇنىلا كىيمەي!'

مويسىپىت بىلەن قول ئېلىشىپ چىققان ھەممە كىشى دېگۈدەك ئوخشاش سۆزنى تەكرارلاپتۇ.

مويسىپىت ھېچكىمگە جاۋاب قايتۇرماپتۇ، پەقەت كۈلۈپلا قويۇپتۇ. جامائەت تارقايدىغان مەھەلدە ئۇ باشقىلارغا قاراپ شۇنداق دەپتۇ:

' ئۈستىبېشىمنى ياراشقان كىيىملەر بىلەن بىزىدىم، سىلەردىن چېچىمنىڭ قانداق چىرايلىق ئاقارغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، بۇ كونا ئاياقنى مەقسەتلىك كىيىپ چىقتىم، كىشىنىڭ ھەممىلا يېرى مۇكەممەلدەك كۆرۈنسە ئۇ ئۆزىگە يامان نەزەردىن باشقىنى چىللىمايدۇ.'

' سىلەر كىيىملىرىم ۋە خاراكتىرىمدىن زوقلاندىڭلار، ئاخىرىدا ھەي ئېسىت، ئايىقىمۇ يارىشىپ كەتكەن بولسا دېگىنىڭلارنىڭ ئۆزى مېنى نۇرغۇنلىغان پالاكەتچىلىكلەردىن ساقلايدۇ.'

بۇ ھېكايىنى بايان قىلىپ بەرگەن دوستۇمنىڭ ئاتىسى چېچى بالدۇر چۈشۈپ كەتكەن كىشى ئىكەن، كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەر قارىغىنىدا ' مۇشۇ كىشى تولا قاملاشقان، لېكىن ھەي مۇشۇ چېچىنىزە' دەپ قوياتتىكەن، ئۇ ھەر قېتىم بۇ باھا سۆزىنى ئاڭلىغىنىدا كۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ قالىدىكەن.

كىيىنچە مويسىپىتنىڭ ھېكايىسى ئۇنىڭ قۇلىقىغا چۈشۈپتۇ، تۇرمۇشىنىڭ باشقا ھەر قايسى جەھەتلىرىدىن بەختلىك بۇ كىشى چېچىنىڭ نېمىشقا چۈشۈپ كەتكىنىنىڭ ھېكمىتىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ ۋە كۆڭلىنى يېرىم قىلـمايدىغان ئەكسىچە رەھمەت ئېيتىدىغان بولۇپتۇ.

چۈنكى ئۇ ھەر بىر نۇقساننىڭ باشقا كۆپلىگەن نۇقسانسىزلىقلارغا قالقان بولۇش ئۈچۈن مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى، خۇددى چوڭ بىر كۈنلۈكتەك ياغماقچى بولغان يامان نەزەرلىك يامغۇرنى توسۇپ قالىدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭلىق بىلەن ھاياتىنىڭ تەڭشىلىپ تېخىمۇ بەختلىك ئۆتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ قالغان ئىكەن.

ھەممىمىزنىڭ ھاياتىدا شۇنداق بىر ' ھەي ......' لەر بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ بەختسىزلىك ياكى يېتەرسىزلىك بولـماستىن بەلكى دەل ئەكسى بولىشى مۇمكىن. ھەممەيلەننى يامان كۆزلەردىن يىراق، ياخشى كۆزلەرگە يېقىن بولسۇن دەپ تىلەكلەر بىلەن:

ـ فاتىمە سەيياھ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:04 , Processed in 0.081269 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش