مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 39|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كاسابلانكا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-4-23 01:00:03 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش |چوڭ رەسىمنىلا ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى


كاسابلانكا
مۇھەببەتنىڭ  دەرياسىغا  بوپتىمەن  غەرق،
بىللە  كۆرۈپ  سېنىڭ  بىلەن «كاسابلانكا »نى
ئۈستى  ئوچۇق  كىنوخانا،  ئاخىرقى  رەتتە
لامپۇچكىلار  چاچار  ئىدى  ئاجىز  نۇرىنى

قولىمىزدا  كولا  ،قوناق  ئېتىلدۇرمىسى
شامپان،  بېلىق  قىيامىغا  ئوخشاشلا  بۇئان
يازنىڭ  ئەشۇ  چىدىغۇسىز  ئىسسىق  كېچىسى
ۋىسالىڭغا  يېتىش  ئۈچۈن  بەرگەنتى  ئىمكان

بولغان  ئىدىڭ  سەنمۇ  ماڭا  ئاشىق  بىقارار
بىللە  كۆرگەن  چېغىمىزدا  «كاسابلانكا»نى
كۆيۈپ  تۇرغان  شام  نۇرىدا،  قەھۋەخانىدا
تۇتۇۋالغان  ئىدۇق  مەھكەم  قوللىرىمىزنى

چەتكە  ئېلىپ  ئۆزىمىزنى  چىراق  نۇرىدىن
كەتكەن  ئىدۇق  قۇچاقلىشىپ  شۈنچىلىك  مەھكەم
كۆزلىرىڭدە  ئاينىڭ  نۇرى،  كىنو  بىلەن  تەڭ
ماشىنامدا  يارالغانتى  مۆجىزە  شۇ  دەم

ئەشۇ  تەكرار  سۆيۈشۈشلەر  «كاسابلانكا»دا
چەك-چېكى  يوق  تەلپۈنۈشكە  بولغانتى  غەرق
قايتىپ  كەلگىن  تېز  يېنىمغا،  »كاسابلانكا»غا
سۆيگۈم  سەنچۈن  ھەركۈن،ھەرتۈن  ئۇرماقتا  بەرق

نۇرغۇن  دىللار  ئىھتىمالەم   «كاسابلانكا»دا
ئازاپ-ھەسرەت،  غەم-غۇسسىگە  بولغاندۇ  دۇچار
ئويلايمەنكى  بىز  ياراتقان  سۆيگۈ-مۇھەببەت
ئاخىرلىشىش  دەملىرىنى  كۆرمەيدۇ  زىنھار
بىراق  سېنىڭ  كەتكىنىڭنى  كۆرگەن  دەقىقە
يۈرەكلرىم  لەختە  بولدى  تەكرار  ۋە  تەكرار

ئەشۇ  تەكرار  سۆيۈشۈشلەر  كاسابلانكىدا
چەك-چېكى  يوق  تەلپۈنۈشكە  بولغانتى  غەرق
قايتىپ  كەلگىن  تېز  يېنىمغا،  «كاسابلانكا»غا
سۆيگۈم  سەنچۈن  ھەركۈن،ھەرتۈن  ئۇرماقتا  بەرق

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇللا تەرجىمىسى


ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان «كاسابلانكا» ناملىق بۇ ناخشىنى بېرتې خىگگىنس ئېيتقان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ ناخشىنى «كاسابلانكا» ناملىق شۇ كىنونىڭ ناخشىسى دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ناخشىنى بېرتې خىگگىنس ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى كىنونى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئىلھامغا كېلىپ ئىجاد قىلغان، شۇنداقلا ناخشىغا كىنونىڭ نامىنى بەرگەن. بۇ كىنو 1942-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ، ئەسلى نامى «شىمالى ئافرىقىدىكى جاسۇس كۆلەڭگۈسى»دۇر. ئۇنىڭغا كىرىشتۈرۈلگەن «ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ» ناملىق ناخشىنى ھېرمان ھېفېرد ئىجاد قىلغان. تۆۋەندە بۇ ناخشىنىڭ ئۇيغۇرچە شېئىرلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. ناۋادا سىزگە يارىغان بولسا دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى، ھەر يەكشەنبە كۈنىدىكى كىلاسىك كۈيلەر سەھىپىمىزگە دېققىتىڭىزنى ئاغدۇرۇشنى ئۇنتىمىغايسىز.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:04 , Processed in 0.123452 second(s), 27 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش