مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەلەم ،قەغەز،خەت... ◉ ئىمىن ئەھمىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-4-7 10:42:13 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
قەلەم ،قەغەز،خەت...

◉ ئىمىن ئەھمىدى

يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق پوچتا ماركىسى ئېلىپ
ئەرزان لېپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت .
كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ
خەت كەلدى لېكىن كەلـمىدى ھەسرەت .
تېشىلىپ كەتتى قەغەز نەچچە يەردىن
سانجىلغاندا چېكىت ،پەشكە قەلەمنىڭ ئۇچى .
بۇ ئەمەس ئىدى قەغەزنىڭ نېپىزلىقىدىن
شۇنداق قىلاتتى سېغىنىش ،سۆيگۈنىڭ كۈچى .
رەڭ يېيىلاتتى ئۇ يەر بۇ يەرگە
داغ چۈشۈرەتتى قەغەزگە كۆز ياش .
سوئال ،ئۈندەشلەرنىڭ مايماقلىقى
قىلىپ قوياتتى ماڭا كۆڭلۈڭنى پاش .
دەرىخا ! كومپيۇتېر،يانفوندىكى گەپلەر
شۇنداق تۈز ،ھېچ نەرسە بولـمىغاندەك .
قولۇڭنىڭ تىترىگىنى نامەلۇم
سېمونت ئېرىقتا سۇ ماڭغاندەك .
قېنى ئۆز ۋاقىتىدىكى تۈگىمەس گەپلەر
قېنى ۋاراقلارغا سىڭگەن ھاياجان .
قەغەزنى مىجىپ مەيدەمگە تاڭاتتىم
كومپيۇتېرغا نەدە مۇنداق ئىمكان ؟
يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق ماركا ئېلىپ
ئەرزان لېپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت .
كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ
ئۇنىڭدىن شادلىق ئەمەس، كۆپەيدى ھەسرەت
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:04 , Processed in 0.054379 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش