مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 88|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىر بوۋاينىڭ قالدۇرغان 9 ئېغىز ۋەسىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-4-5 22:58:59 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
بىر بوۋاينىڭ قالدۇرغان 9 ئېغىز ۋەسىيىتى

1. باشقىلاردىن ئىقتىسادى ياردەم جەھەتتە ئۈمۈد كۈتمە!چۈنكى ھىچكىم پۇلغا تويمايدۇ .

2. دوستلىرىڭنىڭ ساڭا ياردەم قىلغانلىقى ۋاپادارلىق ، ساداقەت جۈملىسىدىن . ياردەم قىلماسلىقىمۇ خاتالىق ئەمەس ، ئاغرىنما،چۈنكى ھىچكىمنىڭ سەندە قەرزى يوق .

3. سەن مۇھتاج بولغاندا ، چوقۇم ساڭا ياردەم بىرىدىغان ئادەمنىڭ يوقلىقىنى بىلىشىڭ كىرەك،پەقەت ئۆزۈڭلا ئۆزۈڭنى مۇستەقىل ، قەيسەر ، خۇشال ، بەخىتلىك قىلالايدۇ . چۈنكى پەقەت ئۆزۈڭلا ئۆزۈڭگە بىرئۆمۈر ھايات-ماماتتا بىرگە بولالايدۇ ، چۈشەندىڭمۇ ؟

4. باي - كەمبەغەللىكىگە قاراپ دوسىت تۇتما ، ئۇنىڭ مىليارد بايلىقىنىڭ سەن بىلەن بىر تىيىنلىق مۇناسىۋىتى يوق ، ئۆزۈڭنى ئەرمەك ھايۋان قاتارىدا كۆرمە ، بەلكىم يەنە بىر ئۇنىڭ ھىچنىمىسى يوق ،ئەمما سەن بىلەن بىرپارچە ناننى تەڭ بۆلۈشۈپ يىيەلەيدۇ .

5. دۇنيادا راستىنلا گۈزەل ، پاك سۆيگۈ بولىشى مۇمكىن ، لىكىن ئۇنداق سۆيگۈ پەقەت پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمچى قىزغا ، پەرھات بىلەن شىرىنغا تەۋە . چۈنكى ئۇلارنىڭ ھىچقايسى ئۇزاق ياشىيالمىغان(شۇنداق سۆيگۈگە ئېرىشىش ئۈچۈن)،ئەمما بىز ئۇزاق ياشىشىمىز كىرەك .

6. ماددىي جەھەتتىن باي دوستنى دەپ مەنىۋى جەھەتتىن باي دوستۇڭدىن يىراقلاشما . ئالدىرىماي ھىس قىلىپ قالىسەن ، چۈنكى بىرى سەن بىلەن چوڭ يەپ-ئىچىش بىلەن بىرگە ساڭا دۇنيانىڭ مۇرەككەپ ئازاۋىنى ھىس قىلدۇرۇپ قويىدۇ ، يەنە بىرى بولسا كاتتا تائام-شاراپسىز ، ھويلا-ئارامسىزمۇ سەن بىلەن بىللە ئىتىزلاردا يۈگىرەلەيدۇ ، ناخشا ئىيتالايدۇ ، بالىلاردەك تەلۋىلەرچە كۈلەلەيدۇ .

7. مەيلى سەن نىمە مەقسەت بىلەن توي قىلغان بول ، پەرزەنىتلىك بولغان ھامان ، بۇ ئۆينى قىزغىن سۆي ، مەيلى قانچە غىرىبانە ، كۆڭۈلسىز بولسۇن ، سىنىڭ مۇشۇ ئۆينى ئىللىتىش مەسئۇلىيتىڭ بار، چۈنكى سەن ئاتا - ئانا

8. ياشلىق بىردەمدىلا ئۆتۈپ كىتىدۇ ، قورۇقلار ساڭا ياماشقان چاغدا سەن ھىچ ئامال قىلالماي قالىسەن ، لىكىن سەن كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى ئىچىدە ئۆزۈڭنى تاۋلىغىن ، بىركۈنلەردە قۇرۇغان قاقشالدەك بولغىنىڭدا ، ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىڭگە قاراپ كۈلۈمسىرىگىدەك بول .

9. جاھىل بولما ، تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىك جىق . دۇنيا ساڭا يارىتىلمىغان ، يەرشارى سەن ئۈچۈن ئايلانمايدۇ ، ھەممىمىز يولۇچى ، قۇرۇق كىلىپ ، قۇرۇق كىتىمىز .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:04 , Processed in 0.054524 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش