ئەينى ۋاقىتتا سالاھىددىن خان دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان بولسا، تارىخ سەھنىسىدە چىڭگىزخان دەپ بىرى بولمايتتى. چىڭگىزخان قوشۇنلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ۋاقتىدا، خانلىقنىڭ شاھزادىسى سالاھىددىن خان دادىسىغا، پۈتۈن لەشكەرلەرنى يىغىپ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چىڭگىزخانغا ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما جەڭ قىلىش پىلانىنى بېرىدۇ، ئەمما دادىسى ھەممە لەشكەرلىرىنىڭ بىراقلا مەغلۇپ بولىشىدىن ئەنسىرەپ تۆتكە بۆلۈپ ھوجۇم قىلىش پىلانىدا چىڭ تۇرىدۇ. نەتىجىدە ئون كۈنگە بارمايلا نۇرغۇن تالاپەتكە ئۇچراپ مەغلۇپ بولىدۇ ۋە ئۆزى جەڭدە قۇربان بولىدۇ. ئاندىن بارلىق ھوقۇق شاھزادە سالاھىددىن خانغا قالىدۇ، ئۇ تىرىك قالغان بارلىق لەشكەرلەرنى بىريەرگە يىغىدۇ(ئەينى ۋاقىتتا خانلىقنىڭ پۈتۈن لەشكىرى 30تۈمەندىن ئاشاتتى،دادىسىنىڭ خاتا ئىدىيىدە چىڭ تۇرۋېلىشى بىلەن ئىككى مىڭدەك لەشكىرى قالغان)،ھەمدە چىڭگىزخانغا تاقابىل تۇرىدۇ، گەرچە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ئىككى مىڭ لەشكەر بىلەن توپتوغرا بىر ئاي ئېلىشىدۇ… چىڭگىزخان بۇ شاھزادىنىڭ جاسارىتىگە ۋە ئەقلىگە قول قويىدۇ.
دادىنىڭ گېپىنى شەرتسىز ئاڭلاش كېرەك(ئېتىقادىغا تاقاشمىسىلا). ئەمما دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئازغان بالىنى «تارىخ تېخى كۆرمىدى» دىيىش، تارىخ كۆرمىگەن ئادەمنىڭ قارىشىمۇ قانداق؟
زوردۇن شۈكران |