مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 159|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ئاياللار ، بەخىت سائادىتىنى ئەرلەر يارىتىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-2-16 13:37  



قويمىچى بىخوت ئادەمگە ، ئوغرى بىپەرۋا ئادەمگە ، بۇلاڭچى قورقۇنچاق ئادەمگە ، ساختىپەز ھاماقەت ئادەمگە ئامراق كېلىدۇ .

شۇنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇكى جەڭ مەيدانىدىكى ئوقيا تېگىپ ئۆلمىگەن قەھرىمان ، زىياپەت ئۈستۈلىگە تىزىلغان ھاراقتا ئۆلىدۇ .

ئەخلاق ئانىلىق ئۇرۇق ، ئېتىقاد ئاتىلىق ئۇرۇق . بۇ ئىككىسى بىرلەشسە ئىنسانىي كامىللىق تەۋەللۇت بولىدۇ .

بەخىت ئىچىدە ياشاۋېتىپمۇ بەخىت ئىزلەش ھېس قىلمىغان ئەڭ چوڭ ھەقىقى بەخىتسىزلىكتۇر . سەن ئۆزۈڭنىڭ قۇرۇق قول گادايلىقىڭدىن ھەسرەتلەنمە . سېنىڭ ئەقلى ھۇشۇڭ بىلەن بەش ئەزايىڭ ھاياتلىقتىكى ھىچنەرسىگە تەڭ قىلغۇلى بولمايدىغان ئەڭ زور بايلىقىڭ .

خورلۇقتا قالغان ۋاقىتنى ئۇنۇت . لېكىن شۇ خورلۇق قالدۇرغان ساۋاقنى ئەستىن چىقارما !

ئەقىلنى سېتىپ پۇل تېپىش ، ھەقىقى زىرەك تەدبىركار ئادەمنىڭ ئىشىدۇر .

دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ چارچىتىدىغان ئىش ئەھمىيەتسىز خىيالغا چۆمۈش ھەم ئۈنۈمسىز ئىش قىلىش .

كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى گەپ قىلماي تۇرۇۋېلىش .

ھەقىقەتكە تەلپۈنگەن يۈرەك ھەقىقى ھالدا ھەقىقەتنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايدۇ .

مۈشكۈلات ئالدىدا ئېگىلمىگەن باش ھاراق ئالدىدا ئېگىلىدۇ . قېلىچ ئالدىدا تۆكۈلمىگەن ياش مۇھەببەت ئالدىدا تۆكۈلىدۇ .

سەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرغىچە قۇربانلىق بېرەلەيدىغىنى پەقەتلا ئانا .

ئادەم ئەڭ بىزار بولغان نەرسىگە بەزىدە ئىنتايىن مۇھتاج بولىدۇ . پەقەت دوستىنلا مەدەت تىلىمەي ، دۈشمىنىگە قاراپ ئالغا باسالايدىغان ھەقىقى زېرەل ئادەمدۇر .

رىقابەت مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ : بىلىم ئىقتىدار رىقابىتى ، يەنە بىرى خوشامەت سوغا سالام رىقابىتى ، بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە بۇ ئىككىسى تەڭلا مەۋجۈت .

قۇلدارلار ، بايلار ۋەيران بولۇپ تەس كۈنگە قالغاندا ، ئىككى ئىشتىن قاتتىق پۇشايمان يەيدۇ : بىرى يوقسۇللاردىن خەۋەر ئالمىغىنىغا ۋە جەمىيەتكە تۆھپە قۇشالمىغىنىغا ، يەنە بىرى تازا قېنىپ ئەيىش ئىشرەت ۋە راھەتتە ياشىيالمىغىنىغا .

بەزىلەرنىڭ كۆزى توق لېكىن قۇسقى ئاچ . پارىخورنىڭ بولسا قوسقى توخ كۆزى ئاچ كېلىدۇ .

سەن چۈشەندۈرەلمىگەنكەنسەن ئاغزىڭنى يۇم . مۆتىھەم مۆتىھەمدىن قورقىدۇ .

ھەرقانداق شەكىلدىكى چېكىدىن ئاشقان يېقىنچىلىق ئادەمنى ناھايىتى ئاسانلا بىزار قىلىدۇ . سەن ئۆزۈڭنى بىلەلمىسەڭ باشقىلار تەرىپىدىن قاتتىق باشقۇرۇلىسەن .

ئارام ئېلىشنى بىلمەي دائىملا ئىشلەيدىغان ئىشۋاز بىر بولسا ئېغىر قىيىنچىلىقى بار نامرات كىشى . بىر بولسا بالدۇر ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى .

ئاياللارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززىتى تىكلەنمىگەن ئائىلىدە ھەققانىيەتچى ۋە ۋىجدانلىق پەرزەنىتلەر يېتىشىپ چىقالمايدۇ . ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى تۇرغۇزۇلمىغان ئائىلىلەردە ئىقتىدارلىق ، جۈرئەتلىك ، مەسئۇلىيەتچان پەرزەنت چىقمايدۇ .

سېنى ھۆرمەتلەيدىغان ، سۆيىدىغانلار نەدە بولسا شۇ يەردە ياشا !

ھازىر ئۇچۇر ۋاستىلىرى راۋانلاشتى بىراق سالام خەت يەنىلا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق . ئۇنى يەنە خالىغان ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدۇ . ئۇ دوستلۇق رىشتى ، ھىسىيات كۆۋرۈكى ، ۋە زىمىستان قىشتىكى ھارارەتلىك ئوت ، تومۇز ئىسسىقتىكى مۇزدەك سۈزۈك بۇلاق سۈيى .

ئادەتتىن تاشقىرى باغرى يۇمشاق كىشى ھىچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ .

كىمكى ھاراق سورۇنىدا ياكى ئادەم ئەڭ كۆپ سورۇندا ۋىجدان ، غورۇر ھەققىدە قۇرۇق گەپ قىلىدىكەن سەن ئۇنۇڭدىن سەگەكلىك بىلەن ئاگاھ بول !

ئاياللارنى قەدىرلىمىگەن ئەرلەر ، پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلەشنى بىلمىگەن ئاياللار مەڭگۈ ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ .

ئۆزىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا تۇتىۋېلىش ئادىمىيلىك بىلەن ھايۋاننىڭ ئوتتۇرسىدىكى زور پەرىقتۇر .

كۆپ بىلىم بىلمىسىمۇ لېكىن چوڭقۇر تەپەككۈر قىلالايدىغان ئادەم ھەقىقى ئالىم دىيىشكە مۇناسىپ .

يۈرەك ئوڭشالمىغىچە ئادەم ئوڭشالماس ، يۈرەك ساغلام بولمىسا ئادەم خاتىرجەم ياشىيالماس .

دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ئاياللار ، بەخىت سائادىتىنى ئەرلەر يارىتىدۇ .

بالىلارغا قاراپ جەمىيەتنى ، ئەۋلاتلارغا قاراپ ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:04 , Processed in 0.120247 second(s), 27 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش