مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 63|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مېنى كىملەر ۋاپاسىز دەر، ۋاپاغا زەر تېگىشمەيمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-2-15 10:23:59 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
مېنى كىملەر ۋاپاسىز دەر، ۋاپاغا زەر تېگىشمەيمەن،
ساداقەت ساھىلى مەنزىل، شاھانە يەر تىگىشمەيمەن.
يەنە كىملەر يارامسىز دەر، بۇنى تەن ئالغىنىم خوپتۇر،
بىراق سۆيگۈم غۇبارسىز، چىن بۆلەك جەۋھەر تىگىشمەيمەن.
مۇھەببەت نە؟ ماڭا ھېس ئەتكۈزۈپ قەلبىمنى گۈللەتكەن
ۋاپادارغا، مەلىكە بولسىمۇ دىلبەر تىگىشمەيمەن.
مىھىر تۆككەن بۇلاقىمدىن يىراق شاھلىققا تاۋىم يوق،
يۈرەي ئاقساپ دىلىم خۇشكەن مىھىرسىز پەر تىگىشمەيمەن.
ھاياتنى قىسقا دەيمىز ۋەلىكىن كۆپتۇر ھەۋەس، ئارزۇ،
ھەۋەسلەر قانچە رەڭدار ئارمىنىم ئەختەر، تىگىشمەيمەن.
تومۇزدا سالقىنى ئالەم كىشىگە بىر ھوزۇر تەڭسىز،
نەسىيم روھ خۇشبۇيى شادىم، بۆلەك ئەنبەر تىگىشمەيمەن.
بەخت ئۇيغۇر تېكىن ئىستەك يولىنى ھەركىشى بىلمەس،
كى ئارمانىمغا ھېچقانداق زەر، ئەڭگۈشتەر تىگىشمەيمەن.

ئۇيغۇر تېكىن
2016- 9- دىكابىر جۈمە نىسپى شەنبە، تەۋەككۇل
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-12 07:09 , Processed in 0.096654 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش