|
ئىككى ئېغىر كېسەل بىركېسەلخانىدا ياتىدىكەن. ئۆي ناھايىتى كىچىك بۇلۇپ، بىركىچىك دېرىزىسى بار ئىكەن.بىمارلانىڭ بىرى دېرىزەتەرەپتەياتىدىكەن، ئۇھەركۈنى چۈشتىن كېيىن كارۋاتتا بىر سائەت ئۇلتۇرالايدىكەن .يەنە بىربىمار پۈتۇن كۈن مىدرلىماي ياتىدىكەن.دېرىزە تەرەپتىكى بىمار ھەرقېتىم ئولتۇرغان ۋاقتىدا، سرتتىكى گۈزەل مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ بېردىكەن.دېرىزىدىن باغچىدىكى كۆلنى، كۆلدىكى ئۆردەك ۋە غازلانى بالىلارنىڭ قەغەزدىن كېمە ياساپ قويۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى،ئاشىق - مەشۇقلانىڭ دەرەخ سايىسىدا مۇڭدىشىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ چىملىقتا خۇشال ئۇيناۋاتقانلىقىنى، سۆزلەپ بېردىكەن. يەنە بىر بىمار ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدىكەن. بىر بالا كۆلگە يىقىلىپ كەتكىلى تاس قالدى، بىرگۈزەل قىزچاق چىرايلىق كۆڭلەك كىيىپتۇ.... ئۇ دۇستىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ خۇددى ئۆزى سرتتىكى بارلىق ئشلانى كۆرۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەپتۇ.بىر كۈنى ئۇ « نىمىشقا دېرىزە تەرەپتىكى بىمار سرتتىكى مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، بۇنداق پۇرسەت نىمىشقا ماڭا نىسىپ بۇلمايدۇ؟ » دەپ ئۇيلاپتۇ.ئۇ ئۇيلىغانسىرى شۇنچە بىئارام بۇپتۇھەم ئۇرۇن ئالماشتۇرغىسى كەپتۇ.ئۇ كىچىدە مۇشۇلارنى ئۇيلاپ خىيالغا پىتىپتۇ.شۇ ئەسنادا يەنە بىر بىمار قاتتىق بىئارام بۇپ يۆتىلىپ بۇلالماي سېستىرانى چاقىردىغان كۇنۇپكىنى باسماقچى بۇپتۇـ يۇ، ئەمما باسالماپتۇ. ئۇ يىقىن تۇرۇپمۇ ياردەم قىلماپتۇ. ئۇ ھەمراھىنىڭ ئاستا - ئاستا نەپەستىن قىلۋاتقىنىنى ھس قىپتۇ. ئىككىنچى كۇنى ئەتىگەندە سېستىرا كىرگەندە ئۇ ئاللىبۇرۇن نەپەستىن تۇختاپ قالغان ئىكەن. بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۇ ئادەم سېستىراغا ئۆزىنى دېرىزىنىڭ يىنىغا يۇتكەپ قۇيۇشنى ئىيتىپتۇ.سېستىرالار ئۇنى يۇتكەپ قۇيۇپتۇ.ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى ۋە خۇشال بۇپتۇ.سېستىرالار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇ قۇلى بىلەن تىرەجەپ يۈرۇپ دەرىزە سىرتغا قاراپتۇ.دېرىزە سىرتىدا پەقەت بىر تۇساق ئاق تام بار ئىكەن. بىر قانچە كۇندىن كىيىن ئۇ ئۆزىنى ئەيىپلەش ۋە قايغۇرۇش ئۆكۈنىش ئىچىدە ئۆلۇپ كىتىپتۇ.ئۇنىڭ كۆرگىنى بىر سۇغۇق تام بۇلماستىن يەنە قەلبىدىكى رەزىللىك بۇپتۇ. كىشىلەربىلەن ئالاقە قىلغاندا قەلىب دەرىزىڭىزنى كەڭ ئېچۋىتىڭ، مۇھاببەتتە پىخسىقلىق قىلماڭ.چۈنكى پەقەت باشقىلانى سۆيگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ سۆيۇلىشىگە ئېرىشكىلى بۇلدۇ.شەخسىيەتچىلىك، نەپسانىيەتچىلىك، زەئىپلىكنىڭ ئېلىپ كېلدىغىنى رۇھى جەھەتتىكى مەنىسىزلىك ۋە قاراڭغۇلۇق. |
|