مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 60|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

جاۋاپ بەر ھايات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-2-12 19:27:54 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
جاۋاپ بەر ھايات

گۈل سۇنۇپ كەلدىڭ ھايات، خۇش بولۇپ ئالدىم پۇراپ.
ئۇچ دېدىڭ، بەردىڭ قانات، ئۆزگىلەر قالدى قاراپ.
كۈل دېدىڭ كۈلكە بەردىڭ، كۈلكەم ياندى چوغ بولۇپ،
مەن بىلەن كۈلدى جاھان، تۇمانمۇ كەتتى تاراپ.
كۆي دېدىڭ، كۆيدۈم ئەجەپ گۈلخان ئۇندا نە قىلسۇن؟
ئوتلىرىم مەشرىقتە ياندى، مەغرىپمۇ كۆيدى لاۋۇلداپ.
تۇر دېدىڭ، يۈگۈر دېدىڭ، ھالىمنى ھېچ قويمىدىڭ،
ئاھ بۈگۈن يەتتى ھاردۇق، مەشۇق قالدى ھالسىراپ.
تەنگە يەتكەن مالامەت، ئەسلى ئۇ ھېچگەپ ئەمەس،
ئەي ھايات ئەزدىڭ كۆڭۈلنى دىل پەرىشان يىغلامسىراپ.
ئارتۇقۇم يوقتۇر ھايات، يەنە سەن بارىم مېنىڭ،
ماڭا بىر تەۋپىق بەرگىن، چەكمىسۇن قەلبىم ئازاپ.
ياشاشنىڭ مەناسى نېمە؟ قەلىبنىڭ غەمخانى نېمە ؟
ئەي ھايات سوراي سەندىن، چىن ھەقىقىي بەرگىن جاۋاپ…!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-12 07:09 , Processed in 0.086691 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش