|
ھەر نەرسە ئەھلى بىلەن ئېتىبارلىقتۇر.....
***
كۆرگەنلا كىشىدىن تاغنى تىشىپ بىرىش تەلەپ قىلىنمىدى،ئەلۋەتتە ۋېسال قىرغاقلىرىدا ئۇچراشماققا ئەھدە قىلغۇچىلار پەرھات-شىرىن بولمىسىلام.....
گۈزەل نەرسىلەردە شۇ گۈزەللىككە مۇۋاپىقلاشقۇچىنىڭ نىسىۋىسى باردۇر خالاس،شۇڭا كىشىلەر بۇلبۇلنىڭ زۇۋانىنى بىلمىسىمۇ،ئىشقىلىپ ئۇنىڭ گۈل ھەققىدە بىرنىمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيدۇ.....
ھەر نەرسىنىڭ مۇۋاپىق ئورنى بار،ئەمدى ھەيران قالما قەدىرلىكىم؛ مەسلەن:تەجرىبىلىك بېلىقچىلارنىڭ چايكىلارنىڭ ئۇچىشىغا قاراپ تور تاشلىشىغا،زەرگەرنىڭ ئالتۇن چۈشەپ قېلىشىغا،مېنىڭ سىنى سېغىنىشىمغا.....
ۋايسىغان كىشىگە سۆيۈش ياراشمايدۇ،شۇڭا ئاشىقلار گاچا بولغان تەقدىردىمۇ خاتىرجەمدۇر،چۈنكى نۇرغۇن شائىرلار ئۇلارنىڭ ھىجرانىنى يېزىشىپ بىرىدۇ.....
ھەرنەرسە ئەھلىگە مۇۋاپىق شۇنداقمۇ؟ ئەمسە؛داننى كەپتەرگە،پۇچۇق ناننى ساھىلغا،تەبەسسۇمنى غېرىپقا،يۇڭنى كىگىزچىگە،رەڭنى رەسسامغا بەر!خوپ؛ماڭا قەلبىڭنى بەر،شۇ يېتەر.....
- نەبىل ئەلى
-(گۈل قانداق نەرسىدىن) |
|