مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 301|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سالاھىيەت كىملىكىمىز ئەمدى لازىم بولامدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
سالاھىيەت كىملىكىمىز ئەمدى لازىم بولامدۇ؟
قانچىلىك پۇل، قانچىلىك يۈز تېپىشىڭدىن قەتئىينەزەر، كىملىكىڭنى ئۇنۇتما، چۈنكى يولدا كىملىك تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
يۇقارقى بىر جۈملە ھازىرقى جەمئىيەتتە كىملىكىمىزنىڭ، يەنى سالاھىيەت كېنىشكىمىزنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى قىززىقارلىق ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، ھازىر كىملىك بولمىسا سىرتقا چىقىش، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس، پويىزلارغا ئولتۇرۇش، ياتاق ئېچىش دېگەنلەرنى قىلغىلى بولمايدۇ. ھەتتا ئۆيگە قايتىشمۇ تەسكە چۈشۈشى مۇمكىن.
بىراق كۆچمە ئېنتىرنېتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆچمە چىقىم قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى دېگەندەك ئىشلار بارغانسىرى قولايلاشتى. ھەتتا نەننىڭ شەھىرىدە مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۈندىداردىكى ئېلېكترونلۇق كىملىك پەيدا بولدى. ساھەدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، كىملىكنى ئۆيدە قويۇپ قويۇپ، تېلېفوننى ئېلىۋالسىلا بولىدىكەن.
تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئېنتىرنېت پىلۇس ھەمكارلىق كەسپىي بۆلۈمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نەننىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تېڭشۈن شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئىككى تەرەپ تېڭشۈننىڭ ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئاساسىدا، نەننىڭ شەھىرىدە كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ئېلېكترونلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، نەننىڭ شەھىرى ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئۈندىداردا 24 سائەت ئۇنتۇپ قالمايدىغان «ئېلېكترونلۇق كىملىك» تەسىس قىلدى.
كەلگۈسىدە نەننىڭ شەھىرى ئاھالىلىرى نەننىڭ مىكرو ساقچى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسى ۋە لۈچېڭ ساقچى- ئامما ئۇلىنىش ئەپ دېتالىنى ئېچىپ، بۇ «ئېلېكترونلۇق كىملىك»نى كۆرسەتسىلا، مېھمانخانىغا تىزىملىتىش، مەيدان- سارايلاردا بېلەت تەكشۈرۈتۈش، ۋوگزال، ئايروپورتلاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈتۈش قاتارلىقلارنى بىجىرەلەيدىكەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، تېڭشۈن شىركىتى شېنجېن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شېنجېندا ئۈندىداردا «ئېلېكترونلۇق كىملىك» يولغا قويغان بولۇپ، شېنجېندىكى ماشىنا ئىگىلىرى پراۋىنى ئۇنتۇپ قالغاندا، بۇ ئېلېكترونلۇق پراۋىنى چىقارسىلا، جەرىمانىدىن قۇتۇلۇپ قالالايدىغان بولغان.

مۇنداق بىر گەپ بار، «قىلالمايدىغان ئىش يوق، ئويلىيالمايدىغان ئىش بار» دەپ. 20 يىل بۇرۇن، نەق پۇل ئىشلەتمەي ئاپتوبۇسقا چىقىشنى ئويلىيالامدۇق؟ ئون يىل بۇرۇن ئاپتوبۇس كارتىسى بىلەن تاللا بازىرىدا مال سېتىۋېلىشنى، يانفوندا توك، سۇ، گاز پۇلى تۆلەشنى ئويلىيالامدۇق؟
ساھەدىكى سولچىلارنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە بانكىلار يوقايدىكەن، بۇ سەل ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك كۆرۈنمىسىمۇ، بىراق بۇ ئېھتىماللىقنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. بىراق ھىچ بولمىغاندا، بانكىلارغا بېرىش قېتىم سانىمىز ئازىيىشى ئېنىقلا. چۈنكى بانكا كارتىمىزنى ئۈندىدار، ئالىپايغا ئۇلىۋەتسەكلا، ئاشخانىدا تاماق يېسەك، دۇكانلاردا مال سېتىۋالساق، ھاجەتخانىلاردا قەغەز ئالساق، توردىن بېلەت ئالساق، ئۈندىدارنىڭ پۇل تۆلەش ئىقتىدارى ئارقىلىق پۇل تۆلىسەكلا بولىدۇ، مائاشىمىزنى قولغا ئالمايلا توسالغۇسىز خەجلىيەلىسەك، يەنە بانكىدىن پۇل ئالغىلى بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالامدۇ؟ ھىچ بولمىغاندا، يۇقارقى ئىشلار بېيجىڭ شەھىرىدە ئاساسەن ئەمەلىيەتكە ئايلاندى.

بىز يەنىمۇ دادىلراق ئويلىساق، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كىملىكلا ئەمەس ھەتتا بانكا كارتىسى، ئاپتوبۇس كارتىسى، دوختۇرخانا كارتىسى، سۇغۇرتا، كاپالەت كارتىسى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر يانفون نومۇرىنى ئاساس قىلغان كىملىك بىردىنبىر نومۇرى ۋە ئۈندىدار ئارقىلىقلا بىجىرىشكە بولامدۇ؟ ياكى كىملىك كارتىسى بىلەن بانكا كارتىسى، پراۋا، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى دېگەندەك كارتىلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشتۈرۈلۈشى مۇمكىنمۇ؟ يانفونىمىزدىكى بىر ئىككىلىك كود بىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىمىز، كارتىلىرىمىزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىنمۇ؟

يانفوننىڭ ئومۇملىشىشى ھەمدە ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمىنىڭ يەنىمۇ كۈچلۈك ئىجرا قىلىنىشى بىلەن، تۇرمۇشىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇشى تەبئىيلا. نۇرغۇن كىشىلەر «ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىگىلىۋالدى، ئائىلىلەرنى بۇزدى، ياشلارنى يولدىن چىقاردى»، دەپ ئاغرىنىشىدۇ، بانكا كارتىسىغا باغلىسا پۇلىنىڭ ھەممىسىنى قىزىل بولاققا خەجلىۋىتىدىغاندەك قورقۇشىدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە، ئۈندىدار بولمىسىمۇ، يامان ئىشلار ئوخشاشلا يۈز بېرىۋېرىدۇ، مەسىلە بىزنىڭ ئۈندىدارنى قانداق ئىشلىتىشىمىزدە.
ئىككى ئاي بۇرۇن ئۈرۈمچىگە قايتقىنىمدا، ئادەت بويىچە بەك جىقمۇ نەق پۇل سېلىۋالماپتىكەنمەن، يول بويىدىكى بىر دۇكاندا شۇنچىلىك نەپىس ئىشلەنگەن قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇمىنى كۆرۈپ، دەرھال سېتىۋالماقچى بولدۇم، بىراق يانچۇقۇمدىكى نەق پۇل يەتمىدى، دۇكانداردىن ئۈندىداردا تۆلەشنى ئېيتسام، قەتئىيلا ئۇنىمىدى. قولىدا يانفون بار، ئۈندىدار ئويناۋاتىدۇ، بىراق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ تۇرمۇشىمىزنى، ئۇنىڭ سودىسىنى قولايلاشتۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيۋاتاتتى، نەچچە يۈز مېتىر نېرىدا ئاپتوبانكا بارلىقىنى دەپ بەردى. بىراق بۇ سەنئەت بۇيۇمىنى سېتىۋېلىشتىن رايىم يانغان ئىدى.

يېڭى تېخنىكا تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتمەكتە، پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئەمەلىيەتتە نامراتلارنىڭ باي بولۇشىدىكى، تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ يۇقىرى قاتلامغا چىقىشىدىكى يېڭى بىر قېتىملىق پۇرسەت. بىراق بىز شۇ ئۆزگىرىشلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ ماڭالامدۇق؟ ياكى پاسسىپلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى كىچىك چەمبىرىكىمىزگە سولىۋالامدۇق؟

مەنبە: ئۇيغۇرچە تور- تاراتقۇ كۆزەتچىسى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:04 , Processed in 0.111409 second(s), 27 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش