مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 255|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سېنى كەلمىسىكەن دەپ كۈتۈۋاتىمەن -گۈلباھار ئەزىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
سېنى كەلمىسىكەن دەپ كۈتۈۋاتىمەن -گۈلباھار ئەزىز

گۈلباھار ئەزىز
سېنىڭمۇ بالاڭ بولغاندا

قەبرە بېشىدا ساڭا نېمە بار ئەي ناتىۋان بالام، ئاناڭنى ئىزدەپ مۇشۇ يەرگە كەلدىڭمۇ؟
ئارمانلىرى كۆپۈككە ئايلىنىپ، ھەسرەتلىك پىغانلارنى يۈدۈپ كېتىپ قالغان ئاناڭ، نە سەۋەب ئەمدى ئېسىڭگە كېلىپ قالدىمىكىن. ئاناڭنىڭ لازىمى بارلىقىنى، سەن ئۈچۈن ئانا كېرەك بولىدىغان يەنە نۇرغۇن ئىش بارلىقىنى بالدۇرراق بىلسەڭچۇ ئىسىت !
ئۇ چاغدا ئاناڭنى قۇل ئورنىدا كۆرمەي كۆيۈنەر بولاتتىڭمۇ؟
ئاناڭنىڭ بالىلىقتىكى سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟ ئاناڭنىڭ گۈزەل ئارمانلىرى بىلەن تولغان خاتىرىلىرىنى ۋاراقلاپ باقتىڭمىكىن؟ ئاشۇ خاتىرىلەرنى ئەقىل بىلەن ئوقۇش ساڭا بۇرۇنلا نېسىپ بولسىچۇ كاشكى.
سېنىڭمۇ بالاڭ بولغاندا، ئانىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى، بۇ ئۇلۇقلۇققا تالايلىغان ئۈنسىز بەدەللەرنى تۆلەش ئارقىلىق ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدىڭمىكىن. تالايلىغان كېچىلىرىدىكى تاتلىق ئۇيقۇسىدىن كېچىپ، سېنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ ساڭا دۇنيادىكى بارچە ھالال ۋە مۇقەددەسلىكنىڭ جەۋھىرى سىڭگەن ئىسسىق سۈتى بىلەن كۈچ - مادار بېرىدىغانلىقىنى بىلدىڭمىكىن؟ سېنىڭمۇ بالاڭ بولغاندا، بالاڭنىڭ كۆزىدىن ياش چىقسا، سېنىڭ يۈرىكىڭنىڭ يارا بولىدىغانلىقىنى بىلدىڭمىكىن؟ سېنىڭمۇ بالاڭ بولغاندا بالىلىق قەلبىنى ئانىلىق مېھىر بىلەن سۆيۈشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدىڭمىكىن؟ سېنىڭمۇ بالاڭ بولغاندا، ئانىلىق ئىستەكلىرىنىڭ قايتا ئىزىغا كەلتۈرۈپ قاداق سالغىلى بولمايدىغان ئەينەكتەك، پارىمۇ  پارە بولۇشنىڭ ئازابىنى بىلدىڭمىكىن؟ سېنىڭمۇ بالاڭ بولغاندا، بالام، تامىقىڭنى ۋاقتىدا يېگىن، قېلىنراق كىيىنگىن، ياخشى ئوقۇغىن، قىسقىسى، ئادەم بولغىن، دېگەن سۆزنىڭ سەن ئۈچۈن قىممىتىنى بىلدىڭمىكىن؟ بۇ سۆزلەرگە سىڭگەن ئانىلىق مېھىرنى ھېس قىلدىڭمىكىن؟ مۇشۇ سۆزلەر ئارقىلىق بالاڭغا بەرمەكچى بولغان ئانىلىق مېھرىڭنىڭ سوغۇق مۇئامىلىگە، ئېتىبارسىزلىققا ئېرىشىلگىنىدە، ئەينى چاغدىكى ئاناڭغا قىلغان ئادالەتسىزلىكىڭنى ھېس قىلدىڭمىكىن؟
ئەي بالام! سەن بارماقلىرىڭ بىلەن يۇمشىتىپ، كۆزلىرىڭگە سۈرتۈپ تۇرغان سېرىق تۇپراق قوينىدا ئاناڭ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى، ئۇ سېنىڭ ھازىرقى ئۆكۈنۈشلىرىڭنى ئاڭلىيالىسىچۇ كاشكى!
ئاناڭ سېنى مېھىر بىلەن قۇچاقلاپ پېشانەڭدىن سۆيگەندە، بۇ مېھىرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ مەقسەتسىز، ئەڭ پاكىز مېھىر ئىكەنلىكىنى شۇ ۋاقىتتىلا ھېس قىلالىغان بولساڭچۇ كاشكى!
ئاناڭ سېنى ئائىلە ئىشلىرىغا سېلىش ئارقىلىق، ساڭا مۇكەممەل ئادەم بولۇش، ئەقلىي تەپەككۇرۇڭنى ئىشقا سېلىشنىڭ يولىنى ئۈنسىز ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بىلدۈرۈۋاتقىنىنى بىلەلىسەڭچۇ كاشكى!
ئەي بالام، سەن يۈرىكىم، باغرىم دېگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلىغان، ئېسىڭدە بولسۇن بالام، دۇنيادا پەقەت پەرزەنتلا ئانىنىڭ يۈرىكى، باغرى. دۇنيادا مۇشۇ سۆز پەقەت ئانىنىڭلا يۈرىكىدىن ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چىقىدۇ.
سەن شاھنى، بىر پۈتۈن سەلتەنەتكە باش بولۇپ ئولتۇرغان سۇلتاننى كۆرگەن بالام، سېنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىڭ ئۈچۈنمۇ ئاناڭ سېنىڭ سۇلتانىڭ ئىدى. ئۇ سېنىڭ تۆرۈڭنىڭ، سەن بەرپا قىلغان سەلتەنىتىڭنىڭ شاھى ئىدى. ئۇ دەل شۇ يەرگە مۇناسىپ ئەجىر ساھىبى ئىدى. ئوغلۇڭنىڭ تويى بولىدۇ، قىزىڭغا چاي كېلىدۇ، شۇ تۆرلىرىڭ بوش، خۇددى يالغۇزلۇق سېنى يالمىۋېتىدىغاندەك، قۇرۇقدالغان ئىچكى دۇنيايىڭدەك. شۇنچە كۆپ ئادەم ئارىسىدا يالغۇزسەن جېنىم، شۇنچە كۆپ تەبرىكلەرمۇ ۋۇجۇدۇڭدىكى قۇرغاقلىققا، ئاناڭنىڭ مەڭزىڭنى سۆيۈپ بەرگەن ئىشەنچىسىگە ئوخشىتالماي غېرىبسىنىسەن.
قوللىرىڭنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ تەبرىكلەيدۇ-يۇ، كۆزلىرىدىكى ھەسەت ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈپ قالىسەن.ئازابىڭنى دېيەلمەيسەن، شادلىقىڭدىن تەڭ بەھرە ئالىدىغان بىرىنى تاپالمايسەن. ئەي ئانا، مۇشۇ ۋاقىتتا بولساڭچۇ يېنىمدا دەيسەن، تاپالمايسەن.
بالاڭ ساڭا ۋارقىراپ باقتىمۇ؟ بالاڭ سەن ئەتكەن تائامغا قانچىلىك ئەجرىڭنىڭ سىڭگەنلىكىنى ھېس قىلماستىن، تامىقىنى يەپ بولۇپ چىنىنى ئالدىڭغا تاققىدە قويدىمۇ؟ سەن گەپ قىلساڭ، ئاۋازى كۈچلۈكرەك چىقىپ «ھە! ئانا، ماقۇل دېدىمغۇ، نېمانداق كۆزۈمگە كىرىشىۋالىسىز» دەپ باقتىمۇ؟ ئەجەبا ئۇ ساڭا ئوخشىمامدىكەن بالام. سېنىڭ كەچمىشلىرىڭنى ئەسلەتكەندە، ئاناڭنىڭمۇ شۇ ۋاقىتتا يۈرىكى ئاغرىغانلىقىنى ئەمدى بولسىمۇ ھېس قىلغانسەنمۇ؟ سەن ئۈچۈن يول ماڭغان، سەن ئۈچۈن جاپا چەككەن، باشقىلاردا بار نەرسىنىڭ سېنىڭدىمۇ بولۇشى ئۈچۈن تەر ئاققۇزغان ئاناڭ ئەمدى قېنى؟
ئاناڭ ساراڭغىلا ئوخشايتتى. ئۇ ۋارقىرايتتى، تېرىكەتتى. باشقىلارنىڭ ئانىسىدەك مېھرىبان، چىرايلىق، ئېسىل ئەمەس ئىدى. ئەمما ئاناڭنى تۇرمۇشتىكى يوقلۇق، قانداق قىلارمەن دەيدىغان تالاي سوئاللار چارچاتقىنىنى، ئاناڭنىڭمۇ چارچايدىغانلىقىنى، مېھىر - مۇھەببەتكە، كۆيۈنۈشكە موھتاج ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ياخشى بالا بولساڭ، تېرىككەك بولۇپ ۋارقىرىمايدىغانلىقىنى، ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بەرسەڭ، چارچاشلىرى ئازايسا، نېرۋىلىرىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ پەسىيىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشنىڭ ۋە سېنىڭ غېمىڭ ئۈچۈن يىغقان پۇللىرىغا، ئاناڭنىڭمۇ ئېسىل كىيىملەرنى ئېلىپ كىيسە، چىرايلىق، ئېسىلزادە بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەمما ئاددىي ئۈستباش بىلەن ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى سۆرەپ كېتىۋاتقىنىنى، تۇرمۇشۇڭنىڭ بەرىكىتى، كۆڭلۈڭنىڭ ھۇزۇرى، دىلىڭنىڭ شادلىقى ئاشۇ ئاناڭنىڭمۇ خاتىرجەملىكتە ھەققى بارلىقى ئېسىگە كېلىپ يۈرىكىنىڭ پارە-پارە بولىدىغانلىقىنى بالدۇرراق بىلسەڭچۇ كاشكى.
سەن قارلىغاچ بالىسىنى كۆرمىدىڭ بەلكى، سېنىڭ تېلېۋىزورغا، تېلېفونلارغا كۆنۈپ قالغان كۆزلىرىڭ تەبىئەتنىڭ گۈزەل ھۆسن-جامالىغا قىزىقاتتىمۇ، ئانىلارنىڭ پەرۋىشىگە چۈشمىگەن كۆزۈڭ، قۇشلارنىڭ قانداق ئانا بولىدىغانلىقىغا پەرۋا قىلاتتىمۇ، ئاناڭ سەن ئۈچۈن كۈنبۇيى بالىلىرىنىڭ غەم-ئەندىشىسىدە يۈرىدىغان بىر ئانا قارلىغاچ ئىدى.
ئانا بولۇش تەس ئىدى بالام، سېنى ئاناڭ بالا قىلىپ ئەمەس، ئادەم قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن بېشىڭدا تىك تۇرغان ئىدى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:04 , Processed in 0.109558 second(s), 27 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش