مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 380|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

زوردۇنشۇناسلىق ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
زوردۇنشۇناسلىق ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى
ئابدۇرېشىت ئوسمان

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: زوردۇن سابىر ھەققىدىكى تەتقىقات ئاۋۋال شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل–ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئەدەبىياتشۇناس، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى ئابدۇكېرىم راخماننىڭ يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹تارىم›› ژۇرنىلى 1979–يىللىق 10–سانىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹دولان ياشلىرى›› ناملىق ھېكايىسى ھەققىدە يازغان ‹‹چىنلىق ئەدەبىياتنىڭ جېنى››(‹‹تارىم›› ژۇرنىلى 1980–يىللىق 7–سان) ناملىق ئەدەبىي ئوبزورىدىن باشلاندى. ھازىرغىچە نۇرغۇن ئۇيغۇر، خەنزۇ ۋە باشقا قېرىنداش مىللەت ئەدەبىياتشۇناس، تەتقىقاتچى ۋە ئەدەبىي ئوبزورچىلار ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۆھپىكار يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆمۈر مەنزىلى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەققىدە 161 پارچە ماقالە–ئوبزور، 93 پارچە مەرسىيە، ئەسلىمە ئېلان قىلدى. 1997–يىلى 9–ئاينىڭ 24–كۈنى ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۈرۈمچىدە ‹‹يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى››نى ئاچتى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ‹‹شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات سارىيى›› قۇرۇلۇپ، ‹‹زوردۇن سابىر بۆلۈمى›› تەسىس قىلىندى. 2009–يىلى 10–ئاينىڭ 15–كۈنى غۇلجا شەھەرلىك 2–ئوتتۇرا مەكتەپتە ‹‹زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى›› قۇرۇلدى. 2013–يىلى 28–سېنتەبىردىن 29–سېنتەبىرگىچە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ‹‹مەملىكەتلىك ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى›› ئېچىلىپ، زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. ھەر قايسى نەشرىياتلار يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆمۈر مەنزىلى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەققىدە يېزىلغان ئەسلىمە، تەتقىقات كىتابلىرىنى بەس–بەستە نەشر قىلدى.
دېمەك، زوردۇن سابىر ھەققىدىكى تەتقىقات بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا بالدۇر باشلانغان يازغۇچىشۇناسلىق تەتقىقات تېمىسى بولۇپ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆمۈر مەنزىلى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئوقۇرمەنلەر ۋە ئەدىبلىرىمىزنىڭ نەزەرىيەۋى چۈشەنچىسىنى بېيىتتى، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزنى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈردى. زوردۇن سابىر تەتقىقاتى بەلگىلىك كۆلەم ۋە تەسىر پەيدا قىلىپ، ‹‹زوردۇنشۇناسلىق›› ئىلمى بولۇپ شەكىللەندى.
تۆۋەندە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۆھپىكار يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆمۈر مەنزىلى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەققىدە يېزىلغان بىر قىسىم ئەسلىمە، تەتقىقات كىتابلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز.
1. ‹‹قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر›› ۋە ‹‹ئابرال ئوغلى›› تىرىشچان ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ زوردۇن سابىرنىڭ ئۆمۈر مەنزىلى ھەققىدە يازغان ئەسلىمىسى بولۇپ، ئالدىنقى كىتاب 2000–يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن، كېيىنكى كىتاب 2011–يىلى شىنجاڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ماخمۇت مۇھەممەت بۇ كىتابلاردا زوردۇن سابىرنىڭ ئۆمۈر مەنزىلى، ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئەدەبىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە نۇرغۇن قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بەرگەن. بۇ ئۇچۇرلار زوردۇنشۇناسلىقتا زۆرۈر بولغان بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش رولىنى ئوينىغان.
2. ‹‹زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات›› ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە تارماق ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى مەريەم قۇربان ۋە دوتسېنتلىرى ئابلىكىم ئابدۇراخمان، شەرىپە غوپۇرلار ئاپتورلۇقىدىكى بۇ كىتاب زوردۇنشۇناسلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن تۇنجى مەخسۇس تەتقىقات ئەسىرى بولۇپ، 2008–يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ كىتاب تەتقىقات شەكلى جەھەتتىن زوردۇن سابىرنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ۋە تەسىرى، زوردۇن سابىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت باسقۇچلىرى، ‹‹ئانا يۇرت›› رومانىنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبى توغرىسىدا قاتارلىق بىر – بىرىگە باغلانغان ئون تەتقىقات تېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كىتاب زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى ئومۇمىي دائىرىدىن تەتقىق قىلىشنى نىشان قىلغان. شۇڭا بۇ كىتاب زوردۇن سابىر ھەققىدە بىر قەدەر تولۇق چۈشەنچە بېرىش، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇئەييەن ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە.
3. ‹‹بىلقۇت بالىلار شەخس ھېكايىلىرى زوردۇن سابىر›› شىنجاڭ بىلقۇت شىركىتى بالىلارنىڭ تەلىم–تەربىيەسى ئۈچۈن پىلانلىغان، تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس، قۇربانجان باقىلار تۈزگەن كىتابچە بولۇپ، شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن–سىن نەشرىياتى 2011–يىلى نەشر قىلغان. بۇ كىتابچىغا ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن 30 نەپەر تارىخىي شەخسنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىش–پائالىيەتلىرى قاتارىدا زوردۇن سابىرنىڭ ئۆمۈر مەنزىلى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ناھايىتى ئىخچام، تەسىرلىك بايان قىلىنغان. بۇ كىتابچىنىڭ ئۇسلۇبى يېڭى، مەزمۇنى مول ۋە ئۆزگىچە بولۇپ، ھەر بىر مەزمۇنغا شۇنىڭغا ماس كەلگەن قىستۇرما رەسىملەر يانداشتۇرۇلغان. بۇ كىتابچە بالىلارنىڭ تۆھپىكار يازغۇچى زوردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشى، يازغۇچىنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادە، جاپالىق ئىزدىنىشكە تولغان ھاياتىدىن ئۆرنەك، ئۈلگە ئېلىپ، ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلىشى ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
4. ‹‹زوردۇن سابىر تەتقىقاتى›› شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تىل–ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى، دوتسېنت مۇھەممەد ھوشۇرنىڭ دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيە ماقالىسى بولۇپ، بۇ كىتاب شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە–نەشر قىلىش قۇرۇلۇشى تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، 2013–يىلى شىنجاڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2014–يىلى نەشر قىلىندى. ئاپتور بۇ كىتابتا زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە بىر قەدەر ئەتراپلىق باھا بەرگەن.
5. ‹‹زوردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى›› مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل–ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، ئەدەبىي ئوبزورچى ئەكبەر قادىرنىڭ كىتابى بولۇپ، 2015–يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئەكبەر قادىرنىڭ بۇ كىتابى ‹‹زوردۇن سابىر››، ‹‹زوردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى››، ‹‹زوردۇن سابىر تەتقىقاتى››، ‹‹زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى ھەققىدە›› قاتارلىق تۆت بابتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر بىر بابتا كونكرېت تېما، مەزمۇنلار بويىچە مۇھاكىمە – مۇلاھىزە قىلىنىپ، تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە مەزمۇنىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، زۇردۇنشۇناسلىقتا بەلگىلىك كۆلەم ۋە مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلدى.
6. ‹‹زوردۇن سابىر ۋە دولانلار›› مەدەنىيەتشۇناس سىنارىست ۋە يازغۇچى مۇتەللىپ سېيىت (1947–2015)نىڭ يازغان ئەسلىمە كىتابى بولۇپ، 2015–يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ كىتابتىن بىز يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ مەكىت ناھىيەسىنى تۇرمۇش ئۆگىنىش بازىسىنىڭ بىرى قىلىپ يازغان ‹‹دولان ياشلىرى››، ‹‹جىگدىلەر پىچىرلايدۇ››، ‹‹ئېھ، توپىلىق يول››، ‹‹چوغدەك ياپراقلار››، ‹‹بۈركۈت››، ‹‹كاككۈك كېلىپ قونغاندا››، ‹‹سەھەردە كۆرگەن چۈش››، ‹‹باھار ھامان ئىللىق››، ‹‹تەكلىماكان گىرۋىكىگىچە››،... قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ يېزىلىش ئارقا كۆرۈنۈشى، بۇ ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلارنىڭ پىروتوتىپلىرىغا دائىر ئىشەنچلىك ماتىرىياللارغا ئىگە بولالايمىز. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ كىتابنى زوردۇنشۇناسلىقتا مۇھىم ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە ئەسەر، دېيىشكىمۇ بولىدۇ.


http://www.nur.cn/news/2016/09/326251.shtml
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:07 , Processed in 0.094413 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش