مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 383|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بۇ كەنىتنىڭ نامى «چۆپچىلەر» دەپ ئاتىلىپتۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2016-9-11 20:30:16 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-11 21:55  

(ئ‍ۇلاپ تارقىتىلدى)بىزنىڭ  كىچىككىنە ئىشلاردىن ھۇزۇر ئىزدەيدىغان بەزىبىر  ئىغۋاگەر  پەيلاسوپلىرىمىزغا   يېقىندىن بۇيا   مۇشۇ  رەسىم بىلەن   ( پايدىسى تەگسە يېقىنلىشىپ پايدىسى  تەگمىسە  تاشلايدىغانلارنىڭ  ھەممىسى  مۇشۇ كەنىتتىن چىققانلار )  دەپ  بۇ كەنىتنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق  ئاتىلىدىغانلىقىنى  چۈشەنمەي تۇرۇپ  ،  ئۆزىنىڭ  قىلغىنىدىن    ئۆزىچە  ھۇزۇر  ئالىدىغان  بەزىبىر ئەقىللىقلىرىمىز  ،  تۈۋەندىكى  بۇ يۇرۇت ھەققىدە  بېرىلگە  چۈشەنچىنىى   تەپسىلى  كۆرۈپ   ئۆزىڭىزنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقى  ھەققىدە  ياخشى  ئويلىنىڭ  ،  بىزنىڭ  ھەربىر يۇرتلىرىمىزنىڭ  تارىخى  ئارقا  كۆرىنىشى  بار   شۇڭا   ھەرقانداق  بىر شەيئىنىڭ  ئارقا  كۆرىنىشىنى  بىلمەي تۇرۇپ  قارىغۇلارچە   تارىخقا  چاخچاق  قىلىش   ئەڭ ئېغىر  ھاماقەتلىك ،

      كېرىيە ناھىيە  جاي  يېزىسىنىڭ  چۆپچىلە كەنتى  كېريە  دەرياسىنىڭ   بويىغا  جايلاشقان  بولغاچقا ،  ھەمىشە  كەلكۈن  ئاپىتىگە  ئۇچراپ  تۇرىدىكەن . بۇرۇنقى  زاماندا  ھەر يىلى ئۇدا كەلكۈن  ئاپىتى  يۈز  بىرىپ ، دېھقانچىلىقتىن  زادىلا   ھۇسۇل  ئالالماي ،  يامۇلغا  تاپشۇرىدىغان باجنى  تۈلەشكە  ئامالسىز  قاپتۇ . لېكىن  بەگ -دورغىلا ھە دېسە باج  تۆلەشكە  قىستاپ ،يەرلىك  دېھقانلارنى زادى ئارامىدا  قويماپتۇ . ئۇلار  ئاخىرى  بۇلالماي  يامۇلغا  كىرىپ  ، ئامبالغا داد ئېيتىپتۇ . ئامبال  ئۇلارنىڭ  ئەرزىنى  تەكشۈرۈپ  كۆرۈپ ، ئەھۋالنىڭ  راستىنلا  شۇنداق ئىكەنلىكىنى  بىلگەندىن كىيىن، ئۇلارنى  ئاشلىق ئورنىغا يامۇلنىڭ ئات - ئۇلاغلىرى ئۈچۈن ئوت - چۆپ تاپشۇرۇشقا  بۇيرۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ كەنىتتىكىلەر  يامۇلغا ئوت - چۆپ  تاپشۇرۇپ ، ئاشلىق  ئالۋىنىدىن قۇتۇلۇپتۇ . بۇ يەرلىك دېھقانلار «ئوت - چۆپ تاپشۇرغۇچىلار» دىگەن  مەنىدە  «چۆپچىلەر» دەپ  ئاتىلىپتۇ ۋە بۇ نام  بۇ كەنىتنىڭ  نامى  بۇلۇپ  ،  «چۆپچىلە» دەپ  ئاتىلىپتۇ .  

شىنجاڭ  ئۇنۋىرسىتىتى  نەشىرياتى  نەشىر قىلغان     ئابدۇللا  سولايمان  ئەپەندىم   تۈزگەن  ،   دونيادا  بىرلا  خوتەن بار ناملىق  كىتاپتىن   ئېلىندى

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:08 , Processed in 0.061206 second(s), 25 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش