ئۇيغۇر تىلى خەنزۇ تىلىغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتتى؟
تىل ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئالاقە قورالى ۋە مەدەنىيەت ۋاسىتىسى، ئۇزۇن تارىخىي جەريانىدا ئۇرۇش، دىن، سودا ئالاقىسى ۋە مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلى ئوخشىمىغان دەرىجىدە باشقا تىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇيغۇر تىلى قەدىمدىن تارتىپ تۈركىي، موڭغۇل، تۇنگۇس تىل تۈركۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتاي تىل سىستېمىسى، سوغدى تىلى، خارازىم تىلى، ساك تىلى، توخرى تىلى، ھىندى تىلى قاتارلىق ئىران تىل تۈركۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسى ۋە خەنزۇ تىلى، زاڭزۇ تىلى، تاڭغۇت تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەنزۇ-زاڭزۇ تىل سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تىل سىستېمىسى بىلەن ئۇچراشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوخشىمىغان تىللارنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە ئۆزگىرىشى تىلشۇناسلار ۋە جەمئىيەتشۇناسلار كۈنسېرى دىققەت قىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى. شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى كۆپ مىللەتلىك ئاپتونوم رايون بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 23 مىليونغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تەخمىنەن %60.5 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ۋە خەنزۇلار شىنجاڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىللەيدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلى شىنجاڭ رايونىدا ئىشلىتىلىشى بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئىككى تىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر تىلىدا خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر خېلى كۆپ، ئۇيغۇر ۋە خەنزۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاقە جەريانىدا خەنزۇ تىلىغا ئۇيغۇر تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. تۆۋەندە بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.
شىنجاڭ خەنزۇ تىلى دىيالېكتىدىكى ئۇيغۇرچىدىن كىرگەن سۆزلەر
باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆز مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە جەريانىدا شۇ مىللەتتە يوق نەرسە ياكى ئۇقۇمغا يولۇققاندا شۇ نەرسىلەرنى ئاتاش ئۈچۈن شۇ مىللەت تىلىنىڭ سۆز ياساش ماتېرىيالى ئارقىلىق يېڭى سۆز ياساش ياكى بىۋاسىتە باشقا تىلدىكى سۆزلەرنى قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭ خەنزۇ تىلى دىيالېكتىنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى قوبۇل قىلىش شەكلى
1. پۈتۈنلەي ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئېلىش __ بۇ بۇ ئۇيغۇرچە سۆزنى پۈتۈنلەي ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىپ، ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن نەزىر (نەيزىئېر)، نان (ناڭ)، كەتمەن (كەنتۇمەن)، دۇتار (دۇتائېر)، ياخشى (ياكېشى)، يولداش (ياۋئېرداشى)، بالا (بالاڭ)، ئاداش (ئاداشى) ۋەھاكازالار. 2. پۈتۈنلەي مەنە تەرجىمىسى بويىچە ئېلىش __ ئۇيغۇر تىلىدىكى شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى تەرجىمە قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچە خەت ئارقىلىق ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن ئۇيغۇرچە «گۈلخانا» نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغاندا «花房» بولىدۇ، يەنى «花» (ئۇيغۇرچە گۈل) + «خانا» (خەنزۇچە ئۆي دېگەن مەنىدە). بۇنداق سۆزلەردىن يەنە قورسىقى كۆپۈش (肚子胀)، چاي ئىچىش (喝茶)، كۆزى كىچىك (眼睛小)، ئوغۇلبالا (儿子娃娃) دېگەنلەر بار. 3. ئاھاڭ ۋە مەنە تەرجىمىسىنى قوشۇپ ئېلىش __ باشقا تىللاردىكى سۆزلەرنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا بۇ سۆزنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزگەرتمەي يەنە بىر قىسمىنى شۇ مىللەت تىلىدىكى ئەسلىدە بار مۇناسىۋەتلىك سۆزگە ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ئۆزگەرتىلمىگەن قىسمى شۇ مىللەت تىلىدا يوق بولىدۇ. مەسىلەن ياڭگاڭزى (يەڭگە)، گۇئېرباڭجېي (قۇربان ھېيت) ، روزىجېي (روزا ھېيت) ، موخېيەن (موخوركا)، كەنئېرجىڭ (كارىز) ۋەھاكازالار.
شىنجاڭ خەنزۇ تىلى دىيالېكتىدىكى ئۇيغۇرچىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى 1. خەنزۇ تىلىدا يوق سۆزلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىش ئەھۋالى __ بۇ خىل سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، مەسىلەن «阿訇»، «乃孜尔»، «古尔邦节» (ئاخۇن، نەزىر، قۇربان ھېيت) دېگەن سۆزلەر ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ؛ «馕» (نان) ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىلى؛ 都塔尔، 弹拨尔، 热瓦普، 麦西来普 (دۇتار، تەمبۇر،راۋاب، مەشرەپ) مەركەزلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلنەغمە سەنئىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى بۇ سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىك بىلەن شىنجاڭ خەنزۇ تىلى دىيالېكتىغا كىرگەن بولۇپ، ئاساسەن جۇغراپىيەلىك مەدەنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. 2. ئۇيغۇرچىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ خەنزۇچە سۆزنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئەھۋالى __ خەنزۇ تىلىدا ئەسلىدە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۆز بار، ئەمما شىنجاڭ خەنزۇ تىلى دىيالېكتىدىكى بۇ سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى بەك ئاز ئىشلىتىلىدۇ ياكى ئاساسەن ئۇيغۇرچىدىن كىرگەن سۆزگە ئالمىشىپ كەتكەن. مەسىلەن «پىيازى، چياماگۇ، ۋۇسىمەن» (پىياز، چامغۇر، ئوسما) بۇ ئۆسۈملۈكلەرنى洋葱، 蔓菁، 菘蓝 دەيدىغانلار بەك ئاز. يەنە بىر قىسىم سۆزلەر ئاساسەن دېگۈدەك خەنزۇچە سۆزلەر بىلە تەڭ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن بازار (巴扎) نى يەنە «集市»، «市场» دەيدۇ، بالا (巴郎) نى «小孩»، بىكارنى «白喀儿»، «ھەممىسى» (海麦斯) نى «全部»، «所有» مۇ دەيدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ خىل ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئېلىنغان سۆزلەر بىلەن خەنزۇچە سۆزلەر ئالماشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىدۇ. 3. ئۇيغۇرچىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ كۆپ خىللىقى __ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خەنزۇچە سۆزلۈكلەرنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ئىسىم بولغاندىن باشقا يەنە بىر قىسىم پېئىل، سۈپەت، رەۋىش ۋە سۆز بىرىكمىلىرىمۇ بار بولۇپ، شىنجاڭدىكى خەنزۇ ئاممىسى كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ كۆپ ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن «肚子胀» (قورسىقى كۆپۈش) ، «眼睛小» (كۆزى كىچىك) قاتارلىق سۆزلەرمۇ بىر قەدەر جانلىق ئىشلىتىلىدۇ. 4. ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئارىلاش سۆزلۈكلەر __ زور مىقداردىكى ئارىلاش سۆزلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشى شىنجاڭ خەنزۇ تىلى دىيالېكتىنىڭ سۆزلۈكلىرىنى بېيىتتى، ئارىلاش سۆزلۈكلەر ئىچىدە ئۇيغۇرچە تەركىبلەرمۇ، خەنزۇچە تەركىبلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ ئىككى تىل ئۆز-ئارا ئالاقە جەريانىدا بىر بىرىگە تەسىر كۆرسەتتى.
ئۇيغۇرچىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ شىنجاڭ خەنزۇ تىلى دىيالېكتىدىكى رولى 1. ئۇيغۇر تىلى شىنجاڭ خەنزۇ تىلى دىيالېكتىنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى بېيىتتى.خەنزۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە بىر قىسىم پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىقى دىنى ئېتىقاد (قىممەت قارىشى)، تۇرمۇش شەكلى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تەپەككۇر ئۇسۇلىدا ئىپادىلىنىدۇ، بۇ جەھەتتىكى ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەر خەنزۇ تىلىدا كەمچىل بولغاندا تەبىئىيلا بۇ سۆزلەرنى خەنزۇچىغا قوبۇل قىلىپ كىرىدۇ. شىنجاڭدىكى خەنزۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ دائىم «نان» يەيدۇ، تەبىئىيلا «كەتمەن» ئىشلىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سۆزلەر ئېغىز تىلى ۋە يېزىق تىلىدا دائىم ئىشلىتىدۇ. خەنزۇ تىلىدا مۇناسىۋەتلىك سۆز بولسىمۇ يەنىلا ئۇيغۇرچىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرى كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. 2. ئۇيغۇرچىدىن كىرگەن سۆزلەر مىللەتلەر ئارىسىدىكى كۈندىلىك ئالاقىگە پايدىلىق. ئالاقە تىلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارى بولۇپ، شىنجاڭدا خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى (بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى) ئارىسىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئالاقە ئۈچۈن خەنزۇلارمۇ بىر نەچچە ئېغىز ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئۆگىنىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ خەنزۇ تىلىنى سىستېمىلىق ئۆگەنمىگەن بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان خەنزۇچە گەپلەرنى دېيەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالاقە جەريانىدا ئىككى خىل تىل تەركىبى ئارىلاش تىل شەكلى شەكىللەنگەن بولۇپ، پاراڭلاشقان ۋاقىتتا خەنزۇلارنىڭ گېپىدە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر ۋە ئارىلاش سۆزلەر بار، جۈملە شەكلىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆنگەن سۆز تەرتىپى بويىچە تەشكىللىنىدۇ، ئاھاڭىمۇ قارشى تەرەپكە يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر گەپ قىلغان ۋاقتىدا خەنزۇچىدىن كىرگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، مىللىي تىلدىكى گىرامماتىكىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىنتوناتسىيە ئۇلانمىسى ئارقىلىق ئىنتوناتسىيەنى كۈچەيتىپ سۆزلەشنى ياقتۇرىدۇ. بۇ قوش تىل مۇھىتىدىكى ئالاقىنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ، ئۇيغۇرچىدىن كىرگەن سۆزلەر ئۇيغۇر، خەنزۇ تىلى ئۇچراشقانلىقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
www.uycnr.com
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA3NTExNDcyMg==&mid=2651031105&idx=1&sn=63695369ea9fb3a67f6cab6bc71c5f20&scene=2&srcid=0814t7PQ3VnQgVwNgPzbHBt5&from=timeline&isappinstalled=0#wechat_redirect |