|
چىڭغىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
تەرجىمان : ئەركمان
مومام دائىم مېنى تاغقا ئېلىپ كېتەتتى، ياز كېلىشى بىلەنلا بىللە يايلاققا كېتەتتۇق. مومام جەلبكارلىقى كۈچلۈك ھەم تولىمۇ ئەقىللىق بولۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئايال ئىدى. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ بىر ئەپسانە-رىۋايەت ۋە خەلق ناخشىلىرى خەزىنىسى ئىدى! ئۇنىڭ راست-يالغىنىنى بىلىپ بولمايدىغان نۇرغۇن ئاجايىب-غارايىب قىسمەت-سەرگۈزەشتىلىرى بارئىدى. مەن ئەينى يىللىرى چارۋىچىلارنىڭ يايلاققا كۆچكەن چاغدىكى مەنزىرىلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم. يايلاققا كۆچۈش چارۋىلارنى ھەيدەپ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكىلىش بولۇپلا قالماستىن بەلكى قاينام-تاشقىنلىق چارۋىچىلار تۇرمۇشى بىلەن كاتتا ھەم سۈرلۈك دىنىي مۇراسىمنىڭ زىچ سىڭىشىپ كەتكەن كۆرۈنۈشى ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ شەكلى ئۆزگىچە يەرمەنكە بولۇپ، يەرمەنكىدە ئەڭ ياخشى بويۇنتۇرۇق، ئەڭ ياخشى زىبۇزىننەت ۋە بېزەك بۇيۇملىرى، ئەڭ ياخشى ئات، تۆگىلەرنىڭ لوكىسىغا ئارتىپ قويۇلغان لىڭگىرچاق ھەمدە گىلەم ۋە ئات يېپىنچىسى بىلەن ئوراپ قويۇلغان كۈدە-كۆرپىلەر كۆرگەزمە قىلىناتتى. ھامان ئەڭ گۈزەل قىزدىن بىرى ئالاماننىڭ كۆزئالدىدا پەيدا بولاتتى، ھېسسىياتقا باي كۈيچى يىگىتلەر زوق-شوقى بىلەن ناخشىغا چۈشەتتى، ئارىلاپ-ئارىلاپ مۇڭ-پىغان بىلەن يۇغۇرۇلغان جۇدالىق كۈيلىرى( ناۋادا بىراۋلىرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇغقانلىرىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ۋىدالىشىۋاتقان بولسا) ۋە ھەسرەت-نادامەتلەر بىلەن ئېيتىلغان تەسىرلىك سەپەر ناخشىلىرى ئاڭلىنىپ قالاتتى. چارۋىچىلارنىڭ ئەمدىلا كۆچۈشكە باشلىغىنىدىن تارتىپ سەپەر جەريانى ۋە كۆچۈش ئاخىرلىشىپ بۇ مەنزىرە تاماملانغىچە بولغان پۈتكۈل جەريانلارنى كۆرگەن ئىدىم .
قارىغاندا مومام ماڭا بۇلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق مېنىڭ ئاناتىلغا بولغان مۇھەببەت رىشتىمنى چىڭىتىشقا نىيەت قىلغان بولسا كېرەك. ئاھ ئانا تىل! ئانا تىلنى كۈيلەيدىغان، ئانا تىلغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىدىغان سۆزلەر ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆپ! ئەمما ئانا تىلنىڭ سېھىرلىك خاسىيىتىنى ئىزاھلاپ بولغىلى بولاتتىمۇ؟ پەقەت بالا چاغدا بىلىپ ئىگىلىگەن ۋە چۈشەنگەن ئانا تىللا ئىنساننىڭ قەلب تۆرىنى خەلقنىڭ تىرىكچىلىك ۋە ئىجاد تەجرىبىسىدىن تۇغۇلغان شېئىرىي تۇيغۇلار بىلەن تولدۇرالايدۇ ھەم پەقەت ئاشۇ ئانا تىللا كىشىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىقىنى ئەبەدىل ئەبەد خوراتمايدۇ ھەمدە ئاتا-بوۋىلار تىلىنىڭ رەڭگارەڭ ھېكمەت دۇردانىلىرى بىلەن ئىنسان قەلبىنىڭ خەزىنىسىنى تولدۇرۇپ، ئىنساننى ئۇزلۇق(گۈزەللىك)ئالىمىنىڭ سېھىرلىك پاراغىتىدىن ھوزۇرلاندۇرالايدۇ.بالىلىق چاغلار نوقۇل مەنادىكى گۈزەل چاغلارلا ئەمەس، بالىلىق چاغلار بىر ئىنساننىڭ كېلەچەكتىكى ئۆزىگە خاس مىجەز-خۇلقىنى يېتىلدۈرۈشىنىڭ يادروسى. ئاشۇ بالىلىق دەۋردە يېتىلگەن ئانا تىلغا بولغان ھەقىقىي تونۇش دەل ئاشۇ دەۋردە ئادەمگە ئەتراپىدىكى كىشىلەر، ئەتراپىدىكى تەبىئەت ئالىمىنى يېڭىدىن بىلدۈرىدۇ، بۇ مۇئەييەن مەدەنىيەت ئامىلى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ.
ھېچ بولمىغاندا ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك تەجرىبەمگە ئاساسەن شۇنداق دەيمەنكى، ئادەم بالىلىق چاغلىرىدا ئادەتتە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تىلنى ستىخىيلىك رەۋىشتە پۇختا ئىگىلەپ ئالالايدۇ----- ناۋادا بۇ تىللار بالىلىقتىن باشلاپ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن بولسىلا. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا رۇس تىلىمۇ مېنىڭ ئانا تىلىم، بۇ تىلنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرى ماڭا جان بىلەن مۇجەسسەملەنگەن ئانا تىلىم قىرغىز تىلىدىن قېلىشمايدۇ !
بەش ياشلار چېغىمدا مەن تۇنجى قېتىم تەرجىمانلىق قىلىپ بىر پارچە پىششىق گۆش بىلەن تارتۇقلاندىم، مانا شۇ بىر پارچە پىششىق گۆش مېنىڭ تۇنجى« قەلەم ھەققىم» بولۇپ قالدى. بۇ يايلاقتا بولغان ۋەقە ئىدى، ئۇ كۈنلەردە مەن ئادەتتىكىدەك مومام بىلەن بىللە تۇراتتىم. بۇ ئەمدىلا كولخوز قۇرۇلغان ۋە كولخوزنىڭ دەسلەپكى مېۋىلىرى مۇستەھكەملىنىۋاتقان يىللار ئىدى.
كولخوز يېقىندىلا سېتىۋالغان بىر ئات ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ قالدى. ئات كۈپكۈندۈزدىلا ئۆلدى،
ئۆلۈدىغان چاغدا قورسىقى تۇلۇمدەك كۆپۈپ، نەپسى سىقىلىپ خارتىلداپ قالغان ئىدى. يىلقىچى تەمتىرىگىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى، چۈنكى بۇ يىراقتىكى روسىيەنىڭ دون ۋادىسىدىن كەلتۈرۈلگەن ناھايىتى قىممەت باھالىق نەسىللىك ئات ئىدى.شۇھامان چەۋەنداز يىگىتلەردىن بىرى كولخوزغا ئەھۋال مەلۇم قىلىشقا ئەۋەتىلدى ھەم داۋاملىق رايونغا مەلۇمات بېرىلدى.ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندە بىر ئورۇس تاغقا كېلىپ بىزنى ئىزدەپ تېپىپتۇ، ساغۇچ ساقاللىق، كۆك كۆز بۇ ئورۇس ناھايىتى گروي بولۇپ، ئۇچىسىغا قارا خۇرۇم پالتو كىيىۋالغان، ئۆشنىسىگە يوغان بىر سومكىمۇ ئارتىۋالغانىدى. ھېلىھەم شۇنداق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئۇ بىرەر ئېغىزمۇ قىرغىزچە بىلمەيتتى،بۇ يەردە پەقەت مەنلا ئۇنىڭ بىلەن ئورۇسچە سۆزلىشەلەيتتىم. شۇ چاغدا ئاتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ چىقىش زۆرۈر بولۇپ، ئۆلۈش ئىسپاتنامىسى يېزىش ھەممىدىن مۇھىم ئىدى. يىلقىچى قىلچە ئىككىلەنمەيلا مېنى تەرجىمە قىلىپ قىلىپ بېرىشكە تاللىدى.شۇ چاغدا مەن بالىلارنىڭ ئارىسىدا ھېلىقى ئورۇسقا قىزىقسىنىپ قاراپ تۇراتتىم.
------ كېلە،----- دېدى يىلقىچى مېنى بالىلارنىڭ ئارىسىدىن تارتىپ چىقىرىپ،----- بۇ ئادەم بىزنىڭ گېپىمىزنى بىلمەيدىكەن، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى بىزگە ئۆرۈپ بەر، ئاندىن بىزنىڭ گېپىمىزنى ئۇنىڭغا ئۆرۈپ بەرگىن!
مەن شۇچاغدا ھەم خىجىل بولدۇم ھەم قورقۇپ كەتتىم. يىلقىچى دىققەتسىزلىكتە تۇرغان چاغدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ بوشاندىم-دە مومامنىڭ چېدىرىغا قېچىپ كىرىۋالدىم.بىرتوپ ئاغىنىلىرىم چوقان كۆتۈرگىنىچە ئارقىمدىن ئەگىشىپ چېدىرىمىزغا كىرىپ كېلىشتى. بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى يىلقىچى چېدىرىمىزغا كىرىپ مەندىن قاچماسلىقىڭ كېرەگىدى، دەپ ئاغرىندى.مومام ئەزەلدىن ناھايىتى خۇشخۇي ئايال بولسىمۇ ئەمما شۇتاپتا قاپىقىنى تۈرۈپ:
----- نېمىشقا يىلقىچىغا ياردەملىشىپ كەلگەن ئورۇس بىلەن سۆزلەشمەيسەن؟ بىلىشىڭ كېرەككى ساڭا يېلىنىۋاتقىنى چوپچوڭ بىر ئادەم، ياكى سەن ئورۇسچىنى بىلمەيتتىڭمۇ؟---- دېدى.
مەن ئۈندىمىدىم، دوستلىرىم چېدىرنىڭ سىرتىدىن مارىشىپ ئىشنىڭ قانداق بولۇدىغانلىقىغا قىزىقىپ تۇرۇشاتتى.
----- ساڭا نېمە بولدى؟ ئورۇسچە سۆزلەشتىن ئۇيىلامسەن ياكى ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا سۆزلەشتىن ئۇيىلامسەن؟ ھەممە خەقنىڭ تىلىنى ئاللاھتائاللاھ ياراتقان، نېمىدىن قورقاتتىڭ، يۈر، بارغىن!---- مومام قولۇمدىن يېتىلىگىنىچە چېدىردىن چىقتى، دوستلىرىم يەنە كەينىمگە كىرىۋېلىشتى.
مېھمان كۈتۈلىدىغان چېدىردىن مېززىلىك قوي گۆشىنىڭ ھىدى كېلىۋاتاتتى، چېدىر چوڭلار بىلەن لىققىدە توشۇپ كېتىپتۇ، ئۇلار قېمىز ئىچىشكەچ گۆش يەۋاتقان ئىكەن. كولخوزدىن كەلگەن ھېلىقى چارۋا دوختۇرى ئورۇس ئاپئاق ساقاللىق بوۋايلار بىلەن بىللە ئىدى. ھېلىقى ئورۇس مېنى چاقىرىپ چېدىرغا ئېلىپ كىردى ۋە:
--- كېلە بالام، مانا بۇياققا كەل، ئېتىڭ نېمە؟----- دېدى مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈپ. مەن خىجىل بولۇپ پەس ئاۋازدا بىرنەچچە ئېغىز جاۋاب بەردىم.
--- ئۇلاردىن سوراپ باققىنە ئوغلۇم، ئۇ ئات قانداق ئۆلدى؟ ---- دېدى ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن بېشىمنى سىيلاپ ۋە يېنىدىن بىر ۋاراق قەغەز چىقىرىپ بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى.
كىشىلەر بىردىنلا جىمىپ مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇشماقتا ئىدى، مەن بولسام جىمىپلا كەتكەنىدىم، بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلالمايتتىم. سەل نېرىدا مومام تەڭقىسلىقتا قالغاندەك ئولتۇراتتى. شۇ چاغدا بىر بوۋاي مېنى دەسسىدە كۆتۈرۈپ تىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ مەھكەم قۇچاقلىۋالدى، ئۇ بىزنىڭ تۇغقىنىمىز ئىدى، ئۇ زور ئىشەنچ بىلەن قۇلىقىمغا پىچىرلاپ دېگۈدەك:
--- بۇ ئادەم سېنىڭ داداڭنى تونۇيدۇ، يەنە مۇشۇنداق ئولتۇرۇۋەرسەڭ ئۇ داداڭغا بىزنىڭ يامان گېپىمىزنى قىلىپ بېرىدۇ، يەنە تېخى داداڭغا سېنى قىرغىزلارنىڭ ئارىسىدا بەك يامان ئۆگىنىپ قاپتۇ،دەپ تىللاپ بېرىدۇ!------ دېدى ۋە ئارقىدىنلا يەنە ---- دېگىن، ئۇ ھازىرلا ئېغىز ئاچسا ئۇنىڭغا بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ ئوغا ساز(زەھەرلىك سازلىق)دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقىن...------ دەپ قوشۇپ قويدى.
--- تاغا،----- دېدىم مەن بار غەيرىتىمنى يىغىپ ئۇ ئورۇسقا ئورۇس تىلىدا،---- بىزنىڭ بۇيەر ئوغا ساس(يەر نامى)، دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ زەھەرلىك ئوت-چۆپ ئۆسۈدىغان ساسلىق، دېگەن گەپ...---- مەن شۇتاپتا مومامنىڭ، ھېلىقى ئورۇسنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ناھايىتى خۇش بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئاستا-ئاستا دادىللىشىپ قالدىم. شۇ چاغدىكى تەرجىمانلىقىمنى، سۆزمۇسۆز، جۈملىمۇجۈملە تەرجىمە قىلالىغىنىمنى ئۆمۈر بويى ئۇنتالمايمەن.
نەسىللىك ئات ئەسلىدە زەھەرلىك چۆپ يەۋېلىپ ئۆلگەن ئىكەن. ھېلىقى ئورۇس باشقا ئاتلار نېمىشقا ئاشۇ زەھەرلىك چۆپنى يېمەيدۇ ۋە پەقەت نەسىللىك ئاتلا زەھەرلىك چۆپ يەيدۇ؟ دەپ سورىدى، يىلقىچى بۇ يەردىكى ئاتلار ئۇ زەھەرلىك چۆپلەرنى يېمەيدۇ، چۈنكى بۇ يەرنىڭ ئاتلىرى ئاشۇ چۆپلەرنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، دەپ چۈشەندۈردى. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن ئارقىلىق بولۇنۇۋاتقان بۇ سۆھبەتلەرنى بىرمۇبىر قالدۇرماي تەرجىمە قىلدىم.
ھېلىقى ئورۇس مېنى ماختاپلا كەتتى، مېنى قۇچىقىغا ئېلىۋالغان ئاپئاق ساقاللىق بوۋاي مېنى يوغان بىر پارچە گۆش بىلەن تارتۇقلىدى،گۆش ھەم قىززىق ھەم مېززىلىك ئىدى، مەن قىن قىنىمغا پاتماي سەكرەپ-ئويناقشىپ دېگۈدەك چېدىردىن چىققىنىمدا ئاغىنىلىرىم دەرھال كېلىپ مېنى ئارىغا ئېلىۋېلىشتى.
--- قالتىس بولدى!----- دەپ ماختاشتى ئۇلار مېنى،---- سەن ئورۇسچە سۆزلىگەندە دەريادىكى بېلىقلاردەك ئەركىن-ئازادە بولۇپ كەتتىڭ، بىردەممۇ توختاپ قالمىدىڭ!----- دېيىشتى ئۇلار. ئەمەلىيەتتە مەن خېلىلا دۇدۇقلاپ تەرجىمە قىلغان ئىدىم، ئەمما ئاغىنىلىرىم مېنى ماختاپ ئۇچۇرغىلى تۇردى.گۆشنى ئاغىنىلىرىم بىلەن بۆلۈشۈپ يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن چېپىشىپ ئوينىغىلى كېتىشتۇق.
مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىمدا بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇم ئەرزىمدۇ؟ مېنىڭچە ئەرزىيدۇ.ئەدەبىي ئىجادىيەت ئادەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خاتىرىسىدە قالغان ئىشلاردىن، ئاشۇ ئىشلار يۈزبەرگەن چاغلاردىن باشلىنىشى كېرەك.بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئۈچ ياش چاغلىرىدىكى ئىشلارنى ئەسلىيەلەيدۇ، ھالبۇكى يەنە بەزىبىرلىرى پەقەت ئۆزىنىڭ ئون ياشلار چېغىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنىلا ئەسلىيەلەيدۇ.شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىيەتتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالايلۇق، مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىكى بۇ سەرگۈزەشتىلىرىم مانا مۇشۇنداق بولغان.مومام مەندىن تولىمۇ رازى بولغان ھەم كېيىنكى چاغلاردا تونۇش-بىلىشلىرىگە دائىم بۇ كەچمىشلەرنى سۆزلەپ مۇشۇ ئىشتىن تولىمۇ پەخىرلىنىپ يۈردى.
مومام بالىلىق چاغلىرىمنى ناھايىتى بەختلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرگەن، ئۇ ماڭا نۇرغۇن ئەپسانە-چۆچەكلەرنى ۋە خەلق كۈيلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن، مېنى نۇرغۇن داستانچى ۋە خەلق ناخشىچىلىرى يىغىلىشقان سورۇنلارغا ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن. مومام نەگىلا بارسا مېنى يېتىلىۋالاتتى، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، ئۆلۈم-يېتىم، ھېيت-بايرام سورۇنلىرىغا ئېلىپ باراتتى، مېھماندارچىلىققا بارغاندىمۇ دائىم مېنى يېنىدىن ئايرىمايتتى. ئۇ يەنە ماڭا دائىم چۈشىنى، چۈشىدە كۆرگەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەتتى، مومام كۆرگەن بۇ چۈشلەر تولىمۇ قىزىقارلىق ئىدى، ئۇ ئەمدىلا ئۇخلاپ تۇرۇشىغا مەن ئۇنى ئويغىتىپ كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالاتتىم. بەزى كىچىك، قىسقا چۈشلەرگە رازى بولمايتتىم، بۇنداق چاغلاردا دەرھال خولۇم-خوشنىلارنىڭكىگە كىرىپ خولۇم-خوشنىلاردىن بىرەرسى كۆرگەن چۈشلەرنى«ئۆتنە»ئېلىپ كىرەتتى. كېيىنچە بىلدىمكى، بۇلار مومام مەخسۇس مەن ئۈچۈن توقۇپ چىققان چۈشلەر ئىكەن!
(ئەسلى مەنبە: "ئاسىيا كىندىكى"گېزىتىنىڭ 2005-يىللىق سانلىرىنىڭ بىرى)
|
|