مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 251|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاتا سۆزىنى سىنىغان ئەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

204

يازما

1079

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1079
ئاتا سۆزىنى سىنىغان ئەر


ئەركمان
"چۈش ئىچىدىكى چۈش" ناملىق چاتما ھېكايىنىڭ بىرى!
    توۋا دېمىسە بىكار، بۇ شۇنداق بىر كۆرۈپ قالغان چۈش. ئىلگىرى ئاينىگار مۇئەللىم چەت ئەل ئەدەبىياتىدا سېھرىي  رېئالىزمدىن دەرس بەرگەن چاغلىرىدىن باشلاپ شۇنداق غەلىتە چۈش كۆرۈدىغان بولۇپ قېلىپ، "دوستلۇق دوختۇرخانىسى"نىڭ روھىي ئانالىز بۆلۈمىگە نەچچە كۆرۈنگەن بولسىمۇ ھېچ پايدىسى بولمىدى. مانا، ئەمدى بولغاندا ئېرى ئۆزىنى قاتتىق بىر شاپىلاق ئۇرغاننى ئاز دەپ نىكاھىدىن قويۇۋېتىپ چۈش كۆرۈپ بىرمۇنچە بىئارام بولدى.
___ ۋاي خوتۇن، نەدىكى بىر چۈشنى كۆرۈپ ئۆزۈڭنى بىئارام قىلىپ يۈرىدىكەنسەن، مانا بىر يوتقاندا ياتمامدۇق! ___ چۈشىنى سۆزلەيمەن، دەپ ئېرى ئىدرىسنى ئويغاتقان ئاينىگار ئېرىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن سەل تەسكىن تاپتى.


___ سەندەك خوتۇندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان، يوقال!
___ ۋاي مەن ئېزىپتىمەن، بولدى قىلىڭە ...
      ئىدرىس قازىخانىدىلا، قازى-قۇززاتلارنىڭ، مۇفتىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاينىگارنىڭ خېتىنى بەردى. ئىدرىسمۇ قىزىق بىر ئادەم-دە، بۇنچىۋالا قىلىپ نېمە كەپتۇ؟ ئۇنىڭ كاللىسىغا ئۆيلىنىدىغان چاغدا دادىسىنىڭ " ئوغلۇم، خوتۇنىڭغا راست گېپىڭنى قىلما، يايىدىن دوست تۇتما، يېڭى بېيىغان سودىگەردىن پۇل قەرز ئالما"  دېگىنى ئېسىگە كېلىپ قالدى. بۇرادەرلەر ئارا باراۋەت سورۇنلىرىدا، كۈندىلىك تىرىكچىلىكتە  "ئاتىلار سۆزى تاۋلانغان، ئەمەلىي سىناقلاردىن ئۆتكەن" دەپ كۆپ ئاڭلىدى، دادىسىنىڭ  ئۆزى ئاينىگارغا كۆيۈپ-پىشىپ، ئاخىر ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، توي قىلىدىغان چاغدا دادىسىنىڭ دېگەن يېرىگە كۆنمەي، ئاينىگارنى ئالىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغاندا، دادىسىنىڭ ھېلىقى گەپنى قىلغانلىقى باراۋەتلەردىكى مۇشۇنداق گەپنى ئاڭلىغىنىدا دائىم ئېسىگە كېلىۋالاتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىگە جىن كىردى.
    بىر كۈنى ئىدرىس مەھەللىدىكى ھۆپىگەرلىك قىلىپ تېزلا بېيىپ قالغان ئىلياس كاسكىدىن ئالتە تەڭگە قەرز ئالدى. چۆنتەكتىكى بۇ پۇلنى پات-پات تۇتۇپ قويۇپ، ئۇدۇل يامۇلنىڭ ئالدىغا باردى. بىردەمدىن كېيىن يامۇل دەرۋازىسىدىن ئىمىر تاقاق چىقىپ كەلدى.
___ ھوي ئىدرىسكا، كېلىپ قاپسەنغۇ! ___ دېدى ئىمىر تاقاق.
___ بىرەر خۇمرا ئىچىپ كەلمەمدۇق؟ ___ دېدى ئىرىس كۈلۈپ.
     ئىككىسى قاۋاققا كىردى. ئىدرىس بىر تەڭگىگە بىر ئوغلاقنى پۈتۈنلا قازانغا باستۇردى، يەنە بىر تەڭگىگە بىر خۇمرا مەيزاب كەلتۈردى. ئىككىيلەن تۈن تەڭ بولغىچە يەپ-ئىچىشىپ، قىيامەتلىك ئاغىينىلەردىن بولۇپ قېلىشتى. ئىككىسى سەھەردە تارقاشتى. ئىمىر تاقاق ئۇدۇل يامۇلدىكى بويتاقلار ياتىقىغا كەتتى. ئىدرىس قاۋاق خوجايىنىدىن ھېلىقى ئوغلاقنىڭ ئانىسىنى ___ ساقاللىق ئۆچكىنى بىر تەڭگىگە سېتىۋېلىپ بوغۇزلاتقاندىن كېيىن، بىر تاغارغا ئۆچكىنىڭ ئۆلۈكىنى قاچىلاپ يۈدۈپ ئۆيىگە قايتتى.
     دەرۋازىنىڭ قاتتىق تېپىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئاينىگار يۈگرۈپ چىقتى.
___ ۋاي خوتۇن ، ئېزىپ قىمار ئوينىغان ئىدىم، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويدۇم،___ دېدى ئىدرىس ئالاق-جالاق بولۇپ.
___ ۋاي خۇدايىمەي، يۈدۈۋالغىنىڭىز نېمە-ئۇ؟
___ ھېلىقى ئادەمنىڭ جەسىتى، تېز بول خوتۇن، بالىلار ئويغانماستا باغقا كۆمۈۋېتەيلى!
     ئىدرىس تاغاردىكى ئۆچكە ئۆلۈكىنى  باغقا ئېلىپ چىقىپ تاغار بىلەنلا كۆمدى. ئاينىگار بىر چەتتە قاراپ تۇردى.
     بۇ ئىشلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگىمۇ بىرەر ھەپتە بولغاندا، ئىمىر تاقاق يامۇلدىن چىقىپ، ئىدرىسنى كەچتە قاۋاققا تەكلىپ قىلدى. قىيامەتلىك ئاغىينىلەر يەنە بىر خۇمرا ئىچىشتى. كەچتە ئىدرىس ئۆيگە شىر كەيپ بولۇپ قايتتى. ئاينىگار بىرمۇنچە كوتۇلدىغىلى تۇردى. ئاچچىقى تۇتقان ئىدرىس خوتۇنىنى تازا كېلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق ئۇرىۋىدى، ئاينىگار:
___ ھۇ ھاراقكەش، قىمارباز، قاتىل، خەپ توختاپ تۇرە قېنى، تاڭمۇ ئاتسۇن، كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسەتمەيدىغان بولسام...
     ئىدرىس ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇخلاپ قالدى.  بىر چاغدا، ئۇنى تۈرتۈپ-دۈشكەللەپ ئويغىتىشتى. ئۇ ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن  كۆزىنى ئۇۋىلاپ تازا بىر كېرىلەي، دەپ تۇرۇشىغا، ئادەملەر ئۇنى قوللىرىنى قايرىپ باغلاشتى.
___ ۋاي نېمە بولۇشتۇڭلار، مەن دېگەن خانغا سادىق پۇقرا تۇرسام...
___ يۈر، بۇ بۇ گېپىڭنى دادگاھتا قازىغا دە! ___ دېگىنىچە تارتىشتۇردى. ئىمىر تاقاقنى كۆرۈپ ، ___ ۋاي بۇرادەر، بۇ نېمە ئىش...
___ ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە! كىم سېنىڭ بۇرادىرىڭكەن؟
ئىمىر تاقاق باشقا يايىلاردىن بەكرەك قوللىرىنى قايرىپ، ساغرىسىغا نەچچىنى تەپكەن پېتى ئىدرىسنى دادگاھقا ئېلىپ  ماڭدى. كوچىدىكى كىشىلەر ئىدرىسقا قاراپ تاماشا كۆرۈشتى، نەدىن پەيدا بولدىكىن، ئىلياس كاسكى دېگەن ھۆپىگەر كېلىپ:
___ ئەكە ئالتە تەڭگەمنى، ئالتە تەڭگەمنى بەرمەي كاللاڭ ئېلىنسا قاراپ تۇرۇپ زىيان تارتمامدىم؟ ___ دەپ ئاللا - توۋا كۆتەرگىلى تۇردى.
___ جىنايىتىڭنى بىلەمسەن! ___ قازى غەزەب قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا چەكچىيىپ ۋارقىرىدى.
___ مەن نېمە گۇناھ قىلدىم قازى تەقسىر؟
___ ئادەم ئۆلتۈرگىنىڭدىن تانماقچىما؟ ئۆتكەن جۈمە كۈنى كېچىدە بىر جەسەتنى باغقا كۆمدۈڭغۇ؟ ___ ئاينىگار يىغلاپ كىرىپ ئۇنى ئەيىبلىگىلى تۇردى.
___ تۇتقاقلار، جەسەتنى ئېلىپ كېلىڭلار، مۇنۇ قاتىلنىمۇ نەق مەيدانغا بىللە ئاپىرىڭلار!
     يايى-تۇتقاقلار ئىدرىسنى دۈشكەللپ-ئىتتىرىپ مېڭىشتى. ئۆزىنىڭ بېغىغا كەلگەندە:
___ قېنى نەگە كۆمگەن؟ ___ دېدى قازى.
___ ئاۋۇ يەرگە ...
     ئاينىگار كۆرسەتكەن يەرنى يايى-تۇتقاقلار قازغىلى تۇردى، ھەش-پەش دېگۈچە تاغارنىڭ ئوچۇق قالغان يېرىدىن چارساقال كۆرۈندى.
___ ھۇ مۇدھىش قاتىل، بۇ نېمە؟ ___ قازى غەزەبتىن تىترەپ، كۆزلىرىنى تاغاردىن ئېلىپ قېچىپ، ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى قولياغلىقى بىلەن توستى، ___ جەسەتنى تاغاردىن چىقىرىڭلار!
___ ھە؟؟؟
___ بۇ... بۇ...
___ ھاي مۇرتەد، بۇ نېمە؟
___ ئۆلۈك ئۆچكە!
___ بۇ... بۇ... بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟
     ئىدرىس دادىسىنىڭ ھېلىقى گېپىنى ئېيتتى ۋە بۇنى ئىسپاتلاش نىيىتىدە شۇنداق قىلغىنىنى ئىقرار قىلدى.
     ___ بۇنداق خوتۇندىن يىراق تۇر، بۇنداق دوستتىن قاچ، ئىككىنچى يېڭىدىن بېيىغان سودىگەرگە يېقىن يولىما، ئاتاڭنىڭ دېگىنىنى ئەستىن چىقارما!___ قازى دادگاھقا قايتىپ كېلىپ ئىدرىسنى ئازاد قىلدى، خوتۇنىنى قويغۇزۇۋەتتى.
ئېرىدىن ئاجراشقان ئاينىگار بەك بىئارام بولۇپ دادگاھتىن چىقىۋېتىپ، دادگاھنىڭ ئېگىز بوسۇغۇسىغا پۇتلىشىپ كەتتى.
ئويغانغان ئاينىگار بۇ چۈشىنى ئىدرىسنى ئويغىتىپ دەپ بېرىۋىدى، ئىدرىس:
___ نەدىكى قاملاشمىغان چۈشنى كۆرۈپ، دادام ماڭا ھېچقاچان ئۇنداق دېمىگەن، ___ دېدى خوتۇنىنى بەزلىگەچ. ھەپتە كۈنلەردىن بېرى جىمىپ قالغان ھۇجرا قىزىپ كەتتى.

خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

204

يازما

1079

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1079
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-29 09:11:27 | ئايرىم كۆرۈش
كېلەركى ساندا ھوزۇرۇڭىزدا «جالاپ بىلەن جاللاپ» !
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

40

تېما

204

يازما

1079

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1079
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-29 09:59:46 | ئايرىم كۆرۈش
مەن تونۇيدىغان بۇ ئىدرىسنىڭ  ئوغلىنىڭ ئىسمى ئىلياس، ئاتىسىنىڭ ئىسمىمۇ ئىلياس، ئاتىسى ئىلياسنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئىدرىس ... بۇ مەھەللىدىكى خەق قويغىلى ئىسىم تاپالمىغاندەك قىزىق ئىسىم قويىدۇ جۇمۇ. مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىدە بىر تەرجىمان بولىدىغان روزى ئىسىملىك، بىر كۈنى چۈ بوچېڭ دېگەن كىشى "روزى، ئاتاڭنىڭ ئىسمى نېمە" دەپ سورىۋىدى، روزى "ئۆزۈمنىڭ ئىسمى روزى توختى، دادامنىڭ ئىسمى توختى روزى" دېمەسمۇ، شۇ ھامان مەن تۇغۇلغان مەھەللىدىكى ئىدرىس+ئىلياس+ئىدرىسلار ئېسىمگە كېلىپ قالدى!
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
يەر
ۋاقتى: 2016-7-29 13:15:31 | ئايرىم كۆرۈش
تولۇقسىزدا باشقا سىنىپتىكى بىرسىنىڭ ئىسمى پولات، دادىسىنىڭ ئىسمى تۆمۈر ئىكەنتۇق، پولات تۆمۈر دەپ چاقىرىدىغان،   يەنە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى لۇتپۇللا، دادىسىنىڭ ئىسمى مۇتەللىپ؛
تولۇق ئوتتۇرىدا بىر ساۋاقدىشىم ئۆزىنىڭ بىر ساۋاقدىشىنىڭ ئىسمىنىڭ دادىجان ئىكەنلىكىنى، ھەممەيلەننىڭ، ھەتتا ئاتا ئانىسىنىڭمۇ ئۇنى دادىجان دەپ چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
5#
ۋاقتى: 2016-7-29 13:16:35 | ئايرىم كۆرۈش
داۋامىغا تەشنامىز،  ماۋۇسىنى كەچتە مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ كۆرەي ھە، بولمىسا يەنە چۈشتىن كېيىن سېھرىي رېئالىزم قاينىمىدا خەقنىڭ چۈشىنى ئوغرىلاپ يۈرمەي يەنە

40

تېما

204

يازما

1079

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1079
6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-30 10:17:57 | ئايرىم كۆرۈش
فرانز كافكا، گارسىيا ماركوز، ئىتالىيە يازغۇچىسى ئالبېرتو موراۋىيالار قەلىمىدە مۇمكىنسىز رېئاللىقلار يېزىلغان يەردە بىز خەقمۇ يازساق بولامىكى دەيمەن!
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:08 , Processed in 0.107398 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش