مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 266|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يۈر، يۇيىمىز!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

204

يازما

1079

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1079
يۈر، يۇيىمىز!
(ھەجۋىي)
سەئىد ئەھمەد [ئۆزبېكىستان]
ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە «دۆلەتمەن كېلىن» دېگەن ھېكايەم «ياشلار»گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ھېكايىدە ئۇرۇشتىن قايتىپ كېلىپ ئۆيلەنمەي يۈرگەن بىريىگىتنىڭ زايومدىن 25 مىڭ سوم پايدا ئالغىنى ۋە شۇ پۇلغا ئۆيلىنىۋالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ئىدى.
دەرۋەقە، ئەشۇ يىللاردا تىرىكچىلىك ئېغىر، قىممەتچىلىك ئىدى. يىگىتلەر توي قىلغىلى پۇل تاپالماي ئاسىنى شۇ، دەپ ھەربىي سەپتىن ئۆيلىنىپ قايتىشاتتى.
شۇ ھېكايەمنى «قىزىل ئۆزبېكىستان» گېزىتىدە «بىزنىڭ ۋەقەلىگىمىزگە تۆھمەت، پاراۋان ھاياتىمىزنى قارىلاپ كۆرسەتكەن» دەپ يېزىشتى.
شۇ كۈنى تەھرىر بۆلۈم ئالدىدا خاپا بولۇپ تۇراتتىم، غەفۇر ئاكا كېلىپ قالدى. ئەھۋالىمنى كۆرۈپ «ساڭا نېمە بولدى» دەپ سوراپ قالدى. مەن مەن گېزىتتە تەنقىدلەنگىنىمنى ئېيتتىم. پروفېسسور كۈلۈپ كەتتى ۋە:
ــــ ۋاي  تەنتەكەي، شۇنىڭغا خاپا بولۇپ ئولتۇردىڭما؟ بىلەمسەن، بىر چاغلاردا مېنىمۇ تەنقىدلەپ چىقمىغان گېزىت قالمىغان. ھەتتا كورېسلارنىڭ گېزىتىدىمۇ دوققاسلاندىم. بۇغۇ مەيلىدى، ئاچاۋاتتىكىلالىلەر مەھەللىسىدە چىقىدىغان «قىزىل لالە» دېگەن تام گېزىتىدىمۇ «غەفۇر غۇلام خەلق دۈشمىنى» دەپ يازغان. ئاڭلىغۇچىسى بولمىغان ناخشىچى ناخشىچىمۇ، گېزىتتە تەنقىدلەنمىگەن يازغۇچى يازغۇچىمۇ؟ يۈر، كەتتۇق، گېزىتتە تەنقىدلەنگىنىڭنى يۇيىمىز،ــــ دېدى. كېچىچە غەفۇر ئاكا بىلەن يۈرۈپ خاپىچىلىقىمنىڭ تارقىلىپ كەتكىنىنى بىلمەي قاپتىمەن!

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەركمان
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:07 , Processed in 0.055333 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش