دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ھالىتى ھىچقانداق بىر كىشى تۇغۇلۇپلا ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن ئەمەس، ھەتتا دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارمۇ كىچىكلىكتىن چوڭايغان، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلەشكەن، ئادەتتىكىدىن ئالاھىدىلىككە تەرەققىي قىلغان. دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار بارلىققا كەلگىلى ئاز كەم بىر ئەسىر بولۇپ قالدى، ئەسلىدىكى كارتون كىتابتىكى ئوبرازلاردىن ئېكرانغا ئېلىپ چىقىلغىلىمۇ يېرىم ئەسىر بولاي دېدى. يەتمىشىنچى يىللاردا ئىشلەنگەن دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار ھەققىدىكى فىلىملاردىكى ئوبرازلارنى كۆرسەك ھازىرقى بىلەن پەرقى خېلىلا زور. تۆۋەندە چەتئەللىك تورداشلار يىغقان دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارنىڭ بۇرۇنقى ئوبرازى بىلەن ھازىرقى ئوبرازىنى سېلىشتۇرغان سۈرەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
|