مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 248|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇر تىلىنىڭ شىۋە -دىئالىكىتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-7-3 14:21  

ئۇيغۇر تىلىنىڭ شىۋە -دىئالىكىتلىرى
مەنبە    باغداش مۇنبىرى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالىكىتلىرى ۋە ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان شىۋىلەرنى كۆپىنچە ئالىملار ئومۇمىي ھالدا 3 دىئالىكىت ، 10 شېۋە، 3 تارماق شىۋىگە ئايرىيدۇ ،

1-مەركىزى دىئالىكىت ۋە ئۇنىڭ شىۋىلىرى
1-ئۈرۈمچى شېۋىسى
ئۈرۈمچى شېۋىسى ئەدەبىي دىئالىكىت بىلەن ئوخشاش بولغاچقا چۈشەنچە بېرىلمىدى
2-ئىلى شېۋىسى
ئىلى شېۋىسى مەركىزى دىئالىكىتقا كىرىدىغان بولۇپ ،ئەدەبىي دىئالىكىتىنىڭ شەكىللىنشىدە مۇھىم رول ئوينىغان شىۋلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ ،قىسمەن خاس ئالاھىدىلىك ھېسابقا ئېلىنمىغاندا ئىلى شېۋىسى ئەدەبىي تەلەپپۇز بىلەن ئاساسەن ئوخشاش،ئىلى شېۋىسى ئىلى ۋىلايىتىدىكى 571،606 نوپۇس قوللىنىدۇ ،(2000-يىلدىكى ئىستاتىستىكا )
3-قەشقەر -ئاتۇش شېۋىسى
قەشقەر ئاتۇش شېۋىسى مەركىزى دىئالىكىتتىكى مۇھىم شىۋلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئەدەبىي دىئالىكىتنىڭ شەكىللىنشىدە مۇھىم رول ئوينىغان ،قەشقەر -ئاتۇش شېۋىسى قەشقەر شەھىرى،كونا شەھەر ناھىيەسى،يېڭى شەھەر ناھىيەسى،پەيزۋات،يېڭىسار،يوپۇرغا،ۋە ئاتۇش شەھىرىدە قوللىنىدۇ ،ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ تەلەپپۇزىدا ئىنچىكە پەرق مەۋجۇت،1997- يىلدىكى ئىستاستىكىغا قارىغاندا قەشقەر شىۋسىنى 1مىليون600مىڭ كىشى ئىشلىتىدۇ
3-تۇرپان شېۋىسى
تۇرپان شېۋىسى تۇرپان توقسۇن پىچان ناھىيەلىرى ۋە قۇمۇلدىكى قارادۆۋە ،لاپچۇق قاتارلىق جايلاردىكى تەلەپپۇزلارنى كۆرسىتىدۇ،ئىنچىكە پەرقلەرگە ئاساسەن تۇرپان -مورتۇق تەلەپپۇزى،پىچان-لۇكچۇن تەلەپپۇزى،توقسۇن تەلەپپۇزى قاتارلىقلارغا ئايرىشقا بولىدۇ، تۇرپان شېۋىسى مەركىزى دىئالىكىتنىڭ شىۋلىردىن بولسىمۇ لېكىن ئۇ مەركىزى دىئالىكىتنىڭ باشقا شىۋلىرگە قارىغاندا بەلگىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ،
4-قۇمۇل شېۋىسى
قۇمۇل شېۋىسى مەركىزى دىئالىكىت ئىچىدىكى ئۆزگىچىلىكى بىرقەدەر روشەن بولغان شېۋە،قۇمۇل شېۋىسى دىئالكىتلارنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئىككى ئاساسىي ئۆلچىمى بويىچە مەركىزىي دىئالىكىت شىۋىلىرىگە،بولۇپمۇ تۇرپان شىۋىسىگە ئوخشىسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە،بولۇپمۇ تاۋۇش ئۆزگىرىشنىڭ كۆپ بولۇشى،قەدىمىي سۆزلەرنىڭ بىرقەدەر كۆپ بولۇشى قاتارلىقلار
5-تارىم شېۋىسى
تارىم شېۋىسى ئۈچ تارماق شىۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،
كۇچا شېۋىسى-كۇچا ،باي،شايار،توقسۇ ناھىيەلىردە قوللىنىلىدۇ،
تارىم شېۋىسى-مەكىت مارالبېشى،ئاۋات،شايار قاتارلىق رايونلاردىكى دولانلىقلار قوللىنىدىغان شىۋىدۇر،
موغال شېۋىسى-يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى ئاھالىلەر قوللىنىدىغان شىۋىدۇر، بىراق سۇ كەمچىل بۇلۇش سەۋەبىدىن بىرقىسىم ئاھالىلەر مارالبېشى ناھىيەسى ئەتراپىغا كەتكەن،لېكىن موغال شېۋىسى بىر شېۋە سۈپىتىدە تېرىمدىلا ساقلىنىپ قالغان،
7-يەكەن قاغىلىق شېۋىسى
يەكەن قاغىلىق شېۋىسى -يەكەن،قاغىلىق،پوسكام ناھىيەلىردە قوللىنىلىدىغان بولۇپ،قەشقەر ئاتۇش شېۋىسى ۋە خوتەن دىئالىكىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بار،شۇڭا بۇ شىۋىنىڭ مەركىزى دىئالىكىتقا ياكى خوتەن دىئالىكتىغا كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت،يەكەن قاغىلىق شىۋىسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى 25 نۇقتىغا ئايرىغاندا ،23نۇقتا قەشقەر ئاتۇش شىۋسىگە،17نۇقتا ئەدەبىي دىئالىكىت بىلەن بىردەك،شۇڭا بۇ شىۋىنى مەركىزى دىئالىكىتقا كىرگۈزۈپ ئايرىم بىر شېۋە دەپ قارايمىز؛

خوتەن دىئالىكىتى
ھازىرغا قەدەر خوتەن دىئالىكىتىنى ئىنچىكە پەرقلەرگە ئاساسەن گۇما،قاراقاش،ئىلچى،لوپ،كىريە شىۋلىرىدىن تەركىب تاپقان دېيىش ،يەنە بىرى ئومومىيراق بولغان ئالاھىدىلىكنى ئاساس قىلىپ،گۇما ،ئىلچى-قاراقاش-لوپ ۋو چىرا-كىريە-نىيە شېۋىسى قاتارلىق شىۋلەردىن تەركىب تاپقان دېيىش،ھازىر ئىككىنچى قاراش بىرقەدەر مۇۋاپىق دەپ قارالماقتا؛

لوپنۇر دىئالىكىتى
لوپنۇر دىئالىكىتى ئەدەبىي دىئالىكىتقا قارىغاندا پەرقى نىسبەتەن چوڭ بولغان دىئالىكىت بولۇپ ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا دىئالىكىتلاردىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ،لوپنۇر دىئالىكىتىنى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ،تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى ئاھالىلەر ئىشلىتىغان بولۇپ ،دىئالىكىتنى ئىشلىتىغان ھەر قايسى جايلاردا ناھايىتى ئاز پەرق بولسىمۇ ئەمما شىۋىلەرگە ئايرىغۇدەك پەرق يوق .

مەنبە :شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشر قىلغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالىكىتشۇناسلىقى ناملىق كىتاب ،

(ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچتە ئىملاسى توغرىلاندى)
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA5MzI5ODcyOA==&mid=2650577431&idx=4&sn=15cf58ff047c3403b65da6af760c25cd&scene=2&srcid=07032alx9L05Dtyo7NEtSx6U&from=timeline&isappinstalled=0#wechat_redirect
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:07 , Processed in 0.089237 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش