خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل گۈزەللىكى
خوتەن ئۇيغۇرلىرى - ئۇزاق تارىخى يىللاردىن بىرى ، ناچار تەبىئي شارائىت بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن توختاۋسىز تەر تۆكۈش ، ئەجىر - ئەمگەك قىلىش بىلەن ياشاپ كەلگەن خەلق بۇلۇپ ، ئەمگەكچانلىق ، سۆز ۋە ھەركەتتىكى سىلىق - سىپايىلىق ، مىجەز -خاراكتىردىكى مۇلايىملىق ئۇلارغا ئۇدۇم بۇلۇپ كەلگەن .
شۇ سەۋەپتىن ، باشقا يۇرت كىشىلىرى خوتەن ئۇيغۇرلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغاندا ياكى ھەرخىل مۇئامىلە قىلىشقاندا دىلئازارلىق تارتىدىغان ، كۆڭۈل چىگىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئومۇمەن بولمايدۇ . چۈنكى خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى قايماقتەك ياغلاش ، ھەسەلدەك تاتلىق ۋە يېقىملىق بۇلۇپ ، پاراڭلاشقۇچىغا بىر خىل كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە ئاراملىق بەخىش ئېتىدۇ . تۆۋەندە خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتى ، گۈزەللىگى ھەققىدە توختىلىمەن :
كونىلاردا« تىل كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى » دېگەن گەپ بار . دىلدا نېمە بولسا تىلدا شۇ ئىپادىلىنىدۇ ، ئەلۋەتتە . شۇڭا خوتەن ئۇيغۇرلىرى گەپ - سۆزلەرنى يۇمشاق ، سىلىق - سىپايە ۋە تۆۋەن ئاۋازدا ئېيتماي ، قۇپالراق سۆزلەيدىغان كىشىلەرنى « پوچى » سۆزى بىلەن سۈپەتلەيدۇ .
خوتەن ئۇيغۇلىرى ئارىسىدا ئورتاق تىلدا بار بولغان بىر قىسىم سۆزلەرنى ئىككىنچى بىر خىل مەنىدە ئىشلىتىش ئادىتى بار . مەسىلەن : «گاداي » سۆزى - «تىلەمچى ، قەلەندەر ، دىۋانە » دېگەن مەنىلەردە ئىستىمال قىلىنىدۇ . ئەمما خوتەندە يۇقىرىقى مەنىلەردىن باشقا مۇنداق مەنىلەردىمۇ ئىستېمال قىلىنىدۇ : بىرى ، ھۆرمەتلەش مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ ؛ يەنە بىرى ئەركىلىتىش مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ ؛ ئۈچىنچى بىرى ، ئىسىم ئورنىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ . يەنى ، « پالانى گادايغا بىر قاشتېشى چىقىپتىكەن ، 100 مىڭ يۈەنگە سېتىپتۇ » ، « بىزنىڭ گاداي ( يولدىشىنى دىمەكچى ) ماڭا بىر ياغلىق ئالغاچ كەپتۇ » ، « بۇنى ئاۋۇ گادايدىن سوراپ باقايلى » دېگەندەك .
خوتەن ئۇيغۇرلىرىدا « سىز » ، «سىلى » ، « ئۆزلىرى» دىن ئىبارەت سىپايە ۋە ھۆرمەت تۈرىدىكى سۆزلەر كىچىك بالىلاردىن تارتىپ چوڭلارغىچە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ . ھەتتا ئاتا - ئانىلار ئۆزىنىڭ قۇچاق - ئەمچەكتىكى پەرزەنتلىرىگىمۇ « سىز» لەپ سۆزلەش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن .
خوتەن ئۇيغۇرلىرى راستچىل ۋە سەمىمى خاراكتىر يىتىلدۈرگەن خەلق بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ خىل خاراكتىر بىلىنىپ تۇرىدۇ . شۇڭا خوتەن ئۇيغۇرلىرى گېپىدە تۇرمايدىغان ، ساختىپەز ، يالغانچى كىشىلەرنى يامان كۆرىدۇ .
خوتەن ئۇيغۇرلىرىدا بىر ئادەم سۆزلەۋاتقاندا ، قارشى تەرەپ سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرىنى ئىنتايىن دىققەت بىلەن تىڭشاپ « خوش » - «خوش » دەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ تۇرىدىغان ئادەت بار . ئۇنىڭدىن باشقا ، بىرەر كىشى ئۆزى تۇنۇمايدىغان كىشىنى ئىزدەپ كېلىپ ، باشقىلارنىڭ كۆرسىتىپ قويۇشى بىلەن ئۇچراشقاندا : « ئۆزلىرى پالانى بۇلامدىلا » دەپ سورىسا ، « مەن شۇ » ياكى «مەن پالانى بۇلىمەن » دېيىشنىڭ ئورنىغا « خوش » دەپ ؛ بىرەرى يەنە بىرەرىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندا « ھە » نىڭ ئورنىغىمۇ « خوش » دەپ جاۋاپ بىرىدۇ .يەنە بىر كىم قارشى تەرەپتىن مەلۇم بىر ئىشنىڭ روياپقا چىقىش - چىقماسلىقى ھەققىدە مەسلىھەت سورغاندا ، ئۇ ئەگەر مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولسا ، كىسىپ « بولمايدۇ » دەپ جاۋاپ بەرمەي ، « بوشراق بۇلارمىكى، تەسرەك بۇلارمىكى » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . بۇ بىر خىل كۆڭۈل ئاۋايلاش خاھىشىدىن ئىبارەت بۇلۇپ ، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل گۈزەللىكى ھېساپلىنىدۇ .
ھ
خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى ئىخچام ، ساپ ، ئاممىباپ ۋە قەدىمىيلىككە ئىگە بۇلۇپ ، بۇ ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداشتا ، ئاز سۆز ئارقىلىق كۆپ ۋە چوڭقۇر مەنا ئىپادىلەشتە ، چۈشىنىشلىك بۇلۇشتا ، شۇنىڭدەك تىلنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . مەسىلەن : ئۇز ، مۇت ، تەلپەك ، بۆك ، سەگ ، قىلغۇلۇق ، ئەتكۈلۈك ، بارغۇلۇق قاتارلىق سۆزلەردە يۇقىرقى خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ھەممىسى بار بۇلۇپ ، بىر قانچە سۆزنى تەھلىل قىلساقلا بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بۇلىدۇ . مەسىلەن : « ئۇز » ، «مۇت » ، « تەلپەك » سۆزلىرى قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى بۇلۇپ ، « ئۇز » - چىرايلىق ، گۈزەل ، كۆركەم دېگەن مەنىنى ؛ « مۇت » - بىكارغا بېرىۋېتىلگەن دېگەن مەنىنى ؛ « تەلپەك » تېرىدىن تىكىلگەن باش كىيىم دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ .
خوتەن ئۇيغۇرلىرى سىلىق - سىپايە خەلق بولغاچقا ، باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا يېقىملىق سۆز - ئىبارىلەرنى كۆپ قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ رايىنى ئۆزىگە تارتىدۇ . سۆزلەرنى بۇنداق سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتىش خاھىشى قارشى تەرەپكە بىر خىل كۆڭۈل ئازادىلىكى بېغىشلايدۇ ، ئەلۋەتتە . مەسىلەن : « تۇغدى » سۆزى ئورنىغا « يەڭگىدى ، كۆزى يۇرىدى ، بوشاندى » دېگەندەك ؛ « ئۆلۈپ كەتتى » سۆزى ئورنىغا « قازا قىلدى ، ئالەمدىن ئۆتتى ، نەپەستىن قالدى ، كۆز يۇمدى ، تۈگەپ كەتتى » دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن . بۇ خىل ئالاھىدىلىك خوتەننىڭ شەھەر ئاھالىلىرىدىن تارتىپ يېزا - قىشلاق ئاھالىلىرىگىچە كەڭ ئومۇملاشقان .
يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان خېلى كۆپ سۆزلەر بۈگۈنكى ئورتاق تىلىمىزغا سىڭىپ كىرىپ ، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاھالىسىگە ئومۇملىشىپ ، ئاساسى لۇغەت تەركىبىدىن ئورۇن ئالدى ۋە ئالماقتا .
خوتەن ئۈندىدار سالونىدىن ئېلىندى، ئاپتورى نامەلۇم
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzAxNzUzOTkwMQ==&mid=2651457658&idx=1&sn=7f89b2d3df6a1b1dcecd0ba7ad92e5d3&scene=2&srcid=0617s3EAlBnAyQAUnjriJyYv&from=timeline&isappinstalled=0
|