مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 236|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چۈشتىكى يانفون نومۇرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

204

يازما

1079

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1079

چۈشتىكى يانفون نومۇرى

ئەركمان

     غارايىب قىسسەلەر، ئاجايىب ھېكايىلەر ۋە دىلنى ئالدايدىغان ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە قىزىقىش قەدىمدىن ئىنسان بالىسىغا ئۇدۇم بولۇپ كەلگەن،پەلەكنىڭ چاقى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ئادەمنى ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىپ قويىدىغان ئىشمۇ قەدىمدىن بولۇپ كەلمەكتە. ئەنە شۇنداق ئاجايىباتلارنىڭ تىمسالىدىن بولمىش بۇ ھېكايىمىز ھۆرمەت ۋە ئىززەت ئىگىلىرىگە خۇپىيانە قالمىغايكى، ئاينىگار مۇئەللىم ھەر دۈشەنبىدە ئىشخانىغا كېلىپلا خۇددى ئۇزۇندىن-ئۇزۇن چۈشلىرىنى خولۇم-خوشنىلىرىدىن ئايىمايدىغان دىلكەش مومايلىرىمىزدەك كۆرگەن چۈشلىرىنى ئىشخانىدىكىلەردىن ئايىمايدىغان بولدى. بۇغۇ بىر ئادەتتىكى ئىش ئىدى،ئەمما بۇ چۈشلەرنىڭ غەلىتىلىكىدىن ئىشخانىدىكىلەر ئاينىگارنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپمۇ قېلىشتى.
     يېقىندا ئاينىگار مۇئەللىمگە سېھرىي رېئالىزم ئېقىمىدىن دەرس ئۆتۈش توغرا كېلىپ قالدى. دەرس ئۆتۈش تەييارلىقى مەزگىلىدە ئۇ گارسىيا ماركوزنىڭ «يۈز يىل غېرىبلىق» رومانىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، روماندىكى پېرسوناج بوئېندىيە جەمەتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە يازغۇچىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە تۇرمۇشىنىمۇ ئەتراپلىق ماتېرىيال تېپىپ تەتقىق قىلدى. سېھرىي رېئالىزم ئېقىمىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي يەنە فرانز كافكانىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇدى، ھەتتا سېھرىي رېئالىزمنىڭ تارىخىنى يەنىمۇ ئۇزارتىش ئۈچۈن تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ بىر چاغلاردا «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان، ئەھمەدجان تۇرسۇن فرانسۇز تىلىدىن تەرجىمە قىلغان موپاسساننىڭ فانتازىيىلىك ھېكايىلىرىنىمۇ بۇ ئېقىمغا قوشۇۋالدى. دەرس تەييارلاش داۋامىدا كېچە- كېچىلەپ رومان-ھېكايە ئوقۇشقا بېرىلىپ كەتكەن ئاينىگار كۆزى ئۇيقۇغا ئىلىنغان ھامان خۇددى رومان ياكى ھېكايە ۋەقەلىرىدىكىدەك ۋەقەلىكى بار چۈشلەرنى دەسلەپتە ئۈزۈك-ئۈزۈك، غۇۋا كۆرۈدىغان بولسا كېيىنچە تولۇق ۋە روشەن كۆرۈدىغان بولدى. شۇنداق چۈشلىرىنىڭ بىرىگە ئۇ ئۆزىچىلا «چۈشتىكى يانفون نومۇرى» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ئىدى !

چۈشتىكى يانفون نومۇرى



     تۈن نىسبىدە قاتتىق جىرىڭلىغان تېلېفون ئاينىگارنى چۆچۈتۈپ ئويغىتىۋەتتى. شېرىن ئۇيقۇلۇقتىكى ھۇرۇنلۇقى تۇتقان ئاينىگار تېلېفون خېلى جىرىڭلىغىچە تۇرۇپكىنى ئالمىدى، لېكىن تېلېفون توختاپ قالىدىغاندەك قىلمايتتى، ئاخىر ئېرىنچەكلىك بىلەن ئەسنەپ كېرىلگىنىچە تۇرۇپكىغا قول ئۇزارتىۋېتىپ ئېرى ئىدرىسنىڭ كۇتۇبخانا ئۆيدە ئۈستەل چىرىغى ئالدىدا بىر نېمە يېزىۋاتقىنىنى بايقىدى-دە، ئېرىگە تازا ئاچچىقى كېلىپ «مېنى ئاۋارە قىلغىچە تېلېفوننى ئالسا بولمامدىغاندۇ» دەپ غۇدۇراپ تۇرۇپتۇرۇپكىنى ئالدى.
     -ۋەي ،- دېيىشىگە قارىشى تەرەپ جىممىدە تۇرۇۋالدى، تۇرۇپكىدىن قارىشى تەرەپنىڭ بىر ھازاغىچە پۇشۇلدىغان تىنىقىلا ئاڭلاندى. بۇ قوپال تىنىقلاردىن بىر ئەر ئىكەنلىكى مەلۇم ئىدى.
     -ۋەي، كىمنى ئىزدەيسىز؟- دېدى ئاينىگار ئۆزىنى بېسىۋېلىپ سەۋرچانلىق بىلەن.
     -سىز... سىز ئاينىگار بولامسىز؟ - دېدى قارىشى تەرەپتىكى ئەر ناھايىتى تىترەڭگۈ ئاۋازدا.
     -شۇنداق، سىز كىم بولىسىز؟
     - بۇنى سورىماڭ ! ئەتە مەن ھازىر دەپ بېرىدىغان يانفون نومۇرىغا تېلېفون بېرىڭ ! شۇ تاپتا قولىڭىزدا قەلەم بولسا يېزىۋالغان بولسىڭىز بوپتىكەن ...
     - سىز زادى كىم؟- ئاينىگار قارىشى تەرەپنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تەپتى، شۇ تاپتا ئۇ تېرىكىپ ئارانلا تۇراتتى.
     - دەرھال خاتىرىلىۋېلىپ ئەتە مۇشۇ نومۇرغا چوقۇم تېلېفون بېرىڭ ! - ئۇ ئەر ئاينىگارنىڭ تېرىككىنىگە پەرۋامۇ قىلماي گېپىنى داۋاملاشتۇردى - 13201398281، يېزىۋېلىڭ ...
     -بۇ كىمنىڭ تېلېفونى؟ مەن نېمىشقا تېلېفون قىلغۇدەكمەن؟- ئاينىگار قاتتىق تېرىكىپ سۆزلىگەن بولسىمۇ قارىشى تەرەپ پەرۋاسىزلا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى.شۇ ئويغانغانچە ئاينىگارنىڭ كۆزىگە قايتا ئۇيقۇ ئىلىنمىدى، تېخى بالدۇر بولۇپ ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:45 بولغان ئىدى.شۇنداقتىمۇ ئاينىگارنىڭ ئەمدى ئۇيقۇسى كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كۇتۇبخانا ئۆيگە چىقتى. ئىدرىس بالكوندا تاماكا چېكىۋاتاتتى.
     - كىمدىن كەلگەن تېلېفون ئىكەن؟- دېدى ئىدرىس. گەپمۇ قىلماي دومسىيىپ تۇرغان ئاينىگارنىڭ يېنىدىن خۇددى ۋابادىن قاچقاندەك يانچىلاپ ئۆتكەن ئىدرىس يەنەبىر ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى. ئاينىگار بالكوندىن سىرتقا تىكىلگىنىچە بايىقى غەلىتە تېلېفوننى ئويلاپ قالدى، «كىمدۇ بۇ يېرىم كېچىدە تېلېفون قىلغان؟ 13201398281،ھەجەب ئاسانلا ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم، زادى كىمنىڭ تېلېفونى بولغىيدى؟...» ئىدرىسنىڭ خورىكى ئاينىگارنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى. ئاينىگار بۇ خورەكتىن جاق تويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما شۇ تاپتا بۇ خورەكنى سېغىنىپ قالغان ئىدى. بىر ھەپتىدىن بېرى باتنىشىپ يۈرۈۋاتقاچقا ئاينىگار ئايرىم يېتىۋالغان ئىدى. مانا، سۈبھىدىكى ئىچ پۇشۇقى شۇ تاپتا ئۇنى قىيناۋاتاتتى، ناۋادا ئادەتتىكى چاغلار بولىدىغان بولسا بۇنداق پۇرسەتلەر ھەرگىز قولدىن كەتمىگەن بولاتتى.

     مىڭ تەستە ئىككى سائەتنى ئۆتكۈزگەن ئاينىگار يۇيۇنۇپ-تارىنىپ گىرىمىنى تۈگەتتى-دە ناشتىلىققا تۇتۇش قىلدى...
     چۈشتىن بۇرۇنقى ئىككى سائەتلىك دەرسىنى تۈگەتكەن ئاينىگار ئۇتتۇر ئۆيگە قايتىپ كېلىپ تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئالدى:
     -ۋەي،- ئاۋازىنىڭ قوپاللا چىقىپ كەتكىنىنى سەزدى-يۇ پەرۋاسىز قارىشى تەرەپتىن سادا چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردى. چۈشتىن بۇرۇنقى ئىككى سائەتلىك دەرستە كاللىسىغا كىرىۋالغان ھېلىقى يانفون نومۇرىغا بولغان ئاچچىقى تېخى يانمىغان ئىدى.
     -ئاينىگار مۇئەللىمۇسىز؟- چاقماقتەك جاراڭلىق ئاڭلىنىدىغان بۇ ئاۋاز ھەم سۈزۈك ھەم تېز ئىدى.
     -ھە، مەن شۇ، سىز كىم؟- دېدى ئاينىگار تاقەتسىزلىنىپ.
     -بۈگۈن كەچتە سىز بىلەن سۆزلەشمىسەم بولمايدىغان بىر ئىش بار ئىدى...
     - سىز زادى كىم؟
     - كەچتە «زىبا ساماۋار شورپىخانىسى» غا بىر كەلگەن بولسىڭىز ...
     -ئۇ يەردە نېمە بار ماڭا؟ ئۆزىڭىز زادى كىم بولىسىز؟ سەھەردە تېلېفون قىلغان ئەر كىم؟ - تاقىتى تاق بولۇۋاتقان ئاينىگارنىڭ كۆڭلى قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزدى بولغاي، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىپ، ئاچچىقى مېڭىسىگە تەپمەكتە ئىدى...
     -سەھەردە ئاكامنى سىزگە تېلېفون بەرگۈزگەن ئىدىم... ئۆتۈنۈپ قالاي، كەچتە بىر كەلگەن بولسىڭىز، مەن سىز بىلەن چوقۇم سۆزلىشىشىم كېرەك، مەن سىزنى تونۇيمەن، چوقۇم...

     تېلېفوننى جان-جەھلى بىلەن قويۇۋەتكەن ئاينىگار ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ئاللىقانداق بىر كۆڭۈلسىزلىك چۇلغىماقتا ئىدى. زادى نېمە ئىشتۇ؟ بۇ ئاكا-سىڭىللار مېنى نېمىگە شۇنچە ئالدىراش ئىزدەپ كېتىدىغاندۇ؟...

     كەچ سائەت 6.00 بولغاندا «ئاناڭنى ئاتاڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە» دېگەن ماقالنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن ئاينىگار ئېرىنىڭ كېلىشىنى كۈتمەيلا ئوغلى ئوكياننى تاپشۇرۇق ئىشلەشكە بۇيرۇپ قويۇپ «زىبا ساماۋار شورپىخانىسى» غا يول ئالدى، گەرچە ئارىلىق يېقىن بولسىمۇ دېكابىرنىڭ ئاچچىق سوغۇقى يۈزگە نەشتەردەك ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، ئۈرۈمچىنىڭ تۇنجى قاردىكى تېيىلغاق يوللىرىنى ئويلىغان ئاينىگار ئىككى بېكەت يەرگىمۇ تاكسى چاقىرىپ يۈرۈپ كەتتى. ئالاھەزەل ئۈچ مىنۇتتىلا «زىبا» نىڭ ئالدىغا كەلگەن ئاينىگارنى پەلەمپەيدە تۇرغان ياشلا بىر يىگىت سالام بېرىپ كۈتۈۋالدى.
     -سىز ئاينىگار مۇئەللىمغۇ –دەيمەن؟ - دېدى يىگىت. ئوزايىدىن خېلىلا كېلىشكەن يىگىت ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئېگىز، پاكىز كىيىنگەن يىگىت قارىماققا 30 ياشلاردا كۆرۈنەتتى. بۇرۇتى تولىمۇ ياراشقان بۇ يىگىت تۇنجى كۆرگەن كىشىگە تۈركىيە ناخشا چولپىنى ئىبراھىم تاتلىسېسنى ئەسلىتەتتى.
     -سىز كىم؟- دېدى ئاينىگار تاكسى شوپۇرى قايتۇرغان پۇللارنى سومكىسىغا سېلىۋېتىپ.
     -مەن سىڭلىم ئۈچۈن ئالدىڭىزغا چىقتىم، ھەر نېمە بولسا كەلمەي قالمىدىڭىز، مېنىڭ ئىسمىم ئىلياس ئىدرىس ...
     قىززىق، ئەجەب ئىش-ھە بۇ؟ ئېرىمنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئىدرىس ئىلياس ئىدى، بۇ ئادەملەرمۇزە، ئىسىم تېپىلمىغاندەك مۇنداقمۇ يېقىن كېلىدىغان ئىسىملارنى قويغىنى نېمىسى؟ دەپ ئويلىدى ئاينىگار ۋە ئۆزىنى تونۇشتۇرغان يىگىتنىڭ كەينىدىن «زىبا» غا كىردى. لىققىدە توشقان بۇ كېلەڭسىز غىزالىنىش زالىنى بەدبۇي ئاق ھاراق ۋە كۆزنى ئېچىشتۇرىدىغان ئاچچىق تاماكا ئىسى بىر ئالغان ئىدى. بۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىلىكلەرگە مۇشۇنداق سورۇنغا بېرىپ غىزالىنىش مودىغا ئايلانغان ئىدى. ئىچكىرىدىكى بىر ئورۇندا كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك چىرايلىق ۋە سۈزۈك بىر ئېغىرئاياغ چوكان ئورنىدىن تۇرۇپ ئاينىگارغا سالام بەردى، ئاينىگار ئۇ كۆرسەتكەن ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. شىرەدە ساماۋار شورپىسى پورۇقلاپ قايناۋاتاتتى. ئاينىگار ئۆزىنى ئاران-ئاران تۇتۇپ ئولتۇرۇشىغا:
     -پەلتويىڭىزنى ماۋۇ ئورۇندۇققا قويايلى، - دېگىنىچە ئىلياس ئۇنىڭ ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئارتقان پەلتوسىنى چىرايلىق قاتلاپ ياندىكى ئورۇندۇققا قويدى. ئاندىن ئاينىگارنىڭ ئالدىغا چوكا، تەخسىلەرنى تىزىپ «مۇلازىمەت» قىلغىلى تۇردى.
     -غىزاغا ئىشتىھايىم يوق، زادى نېمە ئىش ئىدى؟ سىلەر كىم بولىسىلەر؟ بىزئەزەلدىن تونۇشمىساق، مېنى نېمىگە مېھمان قىلماقچى بولۇپ قالدىڭلار؟- ئاينىگار شىرەگە قاراپمۇ قويماي گېپىنى تۈزلا دەۋەردى.
     -مۇنداق گەپ ئىدى ئاينىگار مۇئەللىم،- دېدى چوكان (ئەمەلىيەتتە ياشلا بىرقىزدەك كۆرۈنەتتى، ئېغىر ئاياغلىقىنى دېمىسە ھېچكىم ئۇنى توي قىلغان، دەپبىلمەيتتى)، - مەن ئېرىڭىز ئىدرىس مۇئەللىمدىن ئېغىر ئاياغ بولۇپ...
     ئاينىگارنىڭ باشلىرى چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلانغاندەك قىززىپ چىڭقالدى، رەسۋاچىلىقنى بىلمەيۋاتقان بۇ قانجۇقنى جار سېلىپ تىللىغىنىچە كانايدىن بوغدى، ئەمما شۇ چاغدا ئىلياس ئاينىگارنىڭ مۈرىسىدىن سىلكىپ تارتتى. ئاينىگار بار ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ تىللىغىنىچە ھېلىقى رەسۋانى جان-جەھلى بىلەن بوغۇشقا ئىنتىلدى...
     - ئاينىگار، ئاينىگار...- ئىلياس ئۇنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتتى، ئەمما ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئېرى ئىدرىسنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى...

     قارا تەرگە چۆمۈلگەن ئاينىگار ئويغىنىپ ئېسىگە كەلگىنىدە ئېرى ئىدرىسنىڭ باغرىدا ياتقىنىنى كۆرۈپ :
     -توۋا، بۇ نېمە كارامەت؟ نېمە ئالامەت؟ تېخى بايىلا …- دېدى ۋە ئىدرىسنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى.
     -ئۇھ، ئاخىر ئويغاندىڭ، - ئىدرىس خوتۇنىنى مېھرىبانلىق بىلەن بىر يانغا قويۇپ ئورنىدىن تۇرغاچ ۋە بىر پىيالە چاي ئېلىپ كىرىپ - چاي ئىچىۋالغىن - دېدى.
     شۇندىلا ئاينىگار ئۆزىنىڭ ئېرى بىلەن كارىۋاتتا ياتقىنىغا ئىشەندى. ئۆيىنىڭ، كارىۋىتىنىڭ، ئېرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئاينىگار ئالدىدا ئۆزىگە چاي تۇتۇپ مېھرىبانلىق بىلەن تىكىلىپ تۇرغان ئېرىنىڭ شۇتاپتا ئۆزىگە ئوغا تۇتۇپ تۇرغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. چۈنكى بايىقى چۈشىدىن ئەندىشە قىلىپ قالغان، ئېرىگە شەك كەلتۈرگەن ئىدى. بايىقى رەسۋا راستتىنلا ئېرىنىڭ ئاشنىسىمىدۇ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا بۇنداق ئەرنىڭ قولىدىن قانداقمۇ چاي ئىچەي؟
     -قارا باستىمۇ نېمە سېنى؟ - ئېرىنىڭ مېھرىبانلارچە كۆيۈنۈپ دەۋاتقان گەپلىرى ئاينىگارنىڭ قۇلاقلىرىغا مۇشت بىلەن ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى. ئورنىدىن تۇرۇپ ئېرى تۇتقان چاينى ئالماي ئاشخانىغا چىقتى.
     -ئاپا چاي، - دېدى 7 ياشلىق ئوغلى ئوكيان. شۇندىلا ئاينىگار ئۆزىنى ئەسلىگە كەلگەندەك سەزدى. ئوغلىغا چاي ئىچىرىپ بولۇپ سائەتكە قارىدى.سائەت 3.45 ئۆتكەن ئىدى. ئۇ دەرھال تېلېفون يېنىغا كېلىپ تۇرۇپكىنى ئالدى-دە «13201398281»نى باستى. قارىشى تەرەپتىن ئاپتوماتىك سىستېمىنىڭ 对不起,你所拨打的号码是空号 دېگەن ئاۋازى كەلدى.
     -نېمە بولدۇڭ؟- ئىدرىس ھەيران بولۇپ سورىدى. بايىقىلارنىڭ چۈش ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەندىن كېيىنلا ئاينىگار بۇ چۈشلەرنى ئىدرىسقا سۆزلەپ بەردى.
     -بەئەينى كىنونىڭ ئۆزىنىلا چۈشەپسەن-دە خوتۇن، قىززىق چۈشكەن!- دېدى ئىدرىس قاھقاھلاپ كۈلگىنىچە.
     «توۋا، سېھرىي رېئالىزم مېنى سېھىرلەپ قويۇۋاتامدۇ –نېمە؟»دېدى ئاينىگار ئىچىدە ! ئىدرىس دەرھال خوتۇنىنى باغرىغا بېسىپ يوتقاننى پۈركىۋالدى ... بىردەمدىن كېيىن قۇرۇمىغان ئەنجان تېمىغا ئېشەك تەپكەندەك ئاۋاز ھۇجرىنى بىر ئالدى...


خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
دىۋان
ۋاقتى: 2016-6-16 13:17:25 | ئايرىم كۆرۈش
چۈش ئوغرىلاش بوشلۇقىغا ئازراق ئوخشاپ قالامدۇ نېمە، بىر خىل قورقۇنچلۇق، 穿越گە ئوخشايدىكەن، كىنو قىلىپ ئىشلىسىمۇ بولغۇدەك. بىر قانچە كىنو ئېسىمگە كەلدى، مەسىلەن گىپنور ئۇستازى (催眠大师)  دېگەندەك.

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-6-16 13:18:25 | ئايرىم كۆرۈش
بۈگۈن ئۈندىدارغا تارقاتسام رۇخسەتمۇ؟

40

تېما

204

يازما

1079

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1079
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-16 17:16:31 | ئايرىم كۆرۈش
uyghur يوللىغان ۋاقتى  2016-6-16 13:18
بۈگۈن ئۈندىدارغا تارقاتسام رۇخسەتمۇ؟

ئون يىل بۇرۇن تورغا يازغان ھېكايەم ئىدى، بۇ ھېكايىنىڭ باش ماۋزۇسى "چۈش ئىچىدىكى چۈش" . ماۋۇسى پەقەت "چۈشتىكى يانفون نومۇرى"!

ئىجازەت، ئەمما "ئەركمان" نامى چۈشۈپ قالمىغاي
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

40

تېما

204

يازما

1079

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1079
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-16 17:17:00 | ئايرىم كۆرۈش
بىر يۈرۈش چاتما ھېكايە. بەلكىم ئۆلگىچە يېزىشىم مۇمكىن!
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

40

تېما

204

يازما

1079

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1079
6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-16 17:53:02 | ئايرىم كۆرۈش
ئۈندىدارغا يوللىسىڭىز يەنە ئەۋەتىمەن
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

40

تېما

204

يازما

1079

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1079
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-16 18:05:06 | ئايرىم كۆرۈش
تۈزەتسەم سۆزلەر ئاغا-ئىنى بولۇشۇۋاپتۇ، ئوڭشاپ يوللىسىڭىز بولغىدەك!
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
8#
ۋاقتى: 2016-6-16 18:48:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2016-6-16 18:05
تۈزەتسەم سۆزلەر ئاغا-ئىنى بولۇشۇۋاپتۇ، ئوڭشاپ يوللىسى ...

ئاغا ئىنىلەر، ئاچا سىڭىللارنى ئوڭشاپ ئۈندىدارغا يوللىۋەتتىم. كۆپ رەھمەت  قەلەملەر توختاپ قالمىغاي، داۋامىغا بەكلا قىززىقىپ قالدىم.

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
9#
ۋاقتى: 2016-6-16 18:50:08 | ئايرىم كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2016-6-16 18:05
تۈزەتسەم سۆزلەر ئاغا-ئىنى بولۇشۇۋاپتۇ، ئوڭشاپ يوللىسى ...


ۋوردتىن بۇ يەرگە كۆچۈرگەندە  ئەگەر  txt ھۆججەتنىڭ ئىچىگە بىر كۆچۈرۈپ، ئاندىن ئۇ يەردىن بۇ تورغا كۆچۈرسىڭىز  ئاغا ئىنى بولىدىغان مەسىلە ئوڭشىلىشى مۇمكىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:08 , Processed in 0.069417 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش