قەيسەر (ھەجۋىي) سەئىد ئەھمەد [ئۆزبېكىستان]
جۈمە ئاتا ئۆتكەن ھەپتە جان ئۈزمەكچى ئىدى. بۇ گەپنى دوختۇر كەمپىرىگە دەۋاتقاندا ئاڭلاپ قالدى. ــــ ئەمدى چىدايسىز كەمپىر، ئاتىنىڭ بىر-ئىككى كۈنلۈكلا ئۆمرى قاپتۇ، تەييارلىقىڭىزنى كۆرۈپ قويۇڭ! ئاتا بۇ گەپنى ئاڭلىدى. ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىدىن كەمپىرىگە ئېچىندى. بولۇپمۇ دوختۇرنىڭ تەييارلىقىڭىزنى كۆرۈپ قويۇڭ، دېگىنى يامان تەسىر قىلدى. تەييارلىقنىڭ نېمىلىكىنى ئاتا ئوبدان بىلىدۇ. كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ كۆر، باي بولساڭ ئۆلۈپ كۆر، دېگەن گەپنى ئۇ بەك ئوبدان چۈشىنىدۇ. ئۆلۈش ئاسان گەپمۇ؟ ئاتا يىگىرمە كۈندىن بېرى ئەنە كېتىمەن، مانا كېتىمەن، دەپ ياتاتتى. دوختۇرنىڭ گېپىدىن كېيىن بەدىنى قىزىپ قانلىرى يۈرۈشۈپ كەتتى. ياستۇقتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇۋالدى ۋەخوتۇنىنى چاقىردى: ــــ خوتۇن، دوختۇرنىڭ گېپىگە ئىشەنمە. مەن ئۆلمەيدىغان بولدۇم! ئۇنىڭ گېپىگە كەمپىر ھەيران قالدى ۋە: ــــ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ــــ دېدى تەئەججۈپ بىلەن. ــــ ھېي خوتۇن، مەن ئۆلۈشتىن قورقمايمەن، ئۆلۈك كۆمۈشتىن قورقىمەن. تەكچىدىن چوتنى ئال. ساڭا ئۆلۈك كۆمۈشنىڭ نەرقىنى بىر ھېسابلاپ بېرەي! كەمپىر چوتنى ئېلىپ بەردى. چال چوتنى تىزىغا قويۇۋېلىپ ھېسابلاشقا كىرىشتى. ــــ خوش، ئۆلگەن كۈنۈم كۆپ خىراجەت كەتمەيدۇ. ئۆلۈملىك پۇلۇمدىن ئۈچ كىلو چاي ئالىسەن،يىگىرمە بەشنى گۆركارغا بېرىسەن، كېپەنلىكىم بار. ھەر يەكشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى مەھەللىدىن يەتتە-سەككىز كىشى كىرىپ «قۇرئان» ئوقۇپ ئاش يەپ كېتىدۇ. يەتتىمدە پولو دۈملەيسەن، نان ياقتۇرىسەن، يىگىرمەمدە قوي سويۇپ پولو دۈملەيسەن، يەتتە مەھەللىنىڭ مەسچىدىدىن ئادەم كېلىدۇ. ئۇندىن كېيىن قىرقىم بولىدۇ. بۇ چاغدا كۆپ خىراجەت كېتىدۇ. چوڭ-كىچىك ھېيتىم، ئىفتارلىقىم، يىللىغىم ... خوش، شۇلارغا بىر نېمەڭ بارمۇ؟ كەمپىر كۆزىگە ياش ئالدى ۋە: ــــ روزغارىمىزدىن تىقىشتۇرۇپ، ئۇ-بۇ قىلىپ قوياي دېسەم جېكىلەپ زادىلا ئۇنىمىدىڭىز. ئەگەر ئۇياق-بۇياققا يوشۇرۇپ قويغان ئاقچىڭىز بولمىسا مەندە ھېچ نەرسە يوق!ــــدېدى. ــــ ھەبەللى،ــــ دېدى چال،ــــ ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىلچە ئۆلمەي تۇرىدىغان بولدۇم. چال بالىلىقىدىن تارتىپلا بىر سۆزلىك ئادەم ئىدى، مانا ئەمدى يەنە گېپىدىن قايتمايدۇ، مانا كۆرىسىز، ئۇ ئۆلمەيدۇ. ئېيتتىمغۇ چال قەيسەر ئادەم، دەپ. ئۆلمەپتۇ، تۈنۈگۈن ئۇنى ساماۋارخانىدا گەپ سېتىپ ئولتۇرغىنىدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئەركمان تەرجىمىسى |