|
«خارلىماق» بىلەن «خورلىماق» سۆزلىرى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش
ئاپتور: ئىسكەندەر جېلىل
ماقالە- يازمىلاردا «خارلاش» ۋە «خورلاش» سۆزلىرىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. لېكىن بەزىدە بۇ سۆزلەر توغرا ئىشلىتىلمەي قېلىۋاتىدۇ. ئىزدە تورىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغىتىدە «خارلىماق» بىلەن «خورلىماق» سۆزلىرىنى مۇنداق مۇنداق ئىزاھلىغان:
[خارلىماق] پ. بىرەر ئادەم ياكى نەرسىنىڭ قەدرى-قىممىتىنى چۈشۈرمەك، كەمسىتمەك، خار قىلماق: ئۆگەي ئانا ئۆز قىزىنى ئارزۇلاپ، ئۆگەي قىزىنى خارلىدى.
[خورلىماق] پ. بىراۋنىڭ ئىززەت-نەپسىنى ئاياغ ئاستى قىلماق، كەمسىتمەك، خارلىماق: ئەپسۇس، ئۇ زالىملار ھازىر بىر پارچە نانغا زار بولۇۋاتقان ئەنە شۇ خەلقنى خورلىماقتا.
مېنىڭچە بۇ ئىزاھاتلاردا خاتالىق بار. «خارلاش» بىلەن «خورلاش» ئەمەلىيەتتە خېلى زور پەرقلىنىدۇ. مەن بۇ سۆزلەرنى مۇنداق چۈشىنىمەن:
خارلاش: ئېتىبارسىزلىنىش، ياردەمسىز قېلىش. مەسىلەن: بىراۋ چوڭ شەھەرگە كېلىپ ئىشسىز قالدى، پۇللىرى تۈگەپ ئاچ ۋە يلىڭاچ قالدى، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى، ئۇ بۇ شەھەردە خارلىنىپ قالدى، لېكىن ئۇنى ھېچكىم ئۇرمىدى ياكى تىللىمىدى؛ ئامېرىكىدا يۇقىرى تېخنىكىدا ئوقۇپ كەلگەن بىر دوكتورئاشتى ئۆز يۇرتىدا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تاپالمىدى، كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قايتا ئامېرىكىغا كېتەلمەي، ئۆز يۇرتىدا تۆۋەن دەرىجىلىك جىسمانىي ئەمگەكلەر بىلەن شوغۇللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ، دېمەك بۇ ئالىم ئۆز يۇرتىدا ئېتىبارسىز قالدى، يەنى خار بولدى، ئۇنىمۇ ھېچكىم تىللىمىدى، ئۇرمىدى ياكى كۆڭلىگە ئازار بەرمىدى؛ يالغۇز دادا خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن بالىسىنىڭ ئوقۇشىغا تۈگۈل، قۇرسىقى ۋە كېيىم- كېچەكلىرىگىمۇ قاراپ بولالمىدى، بالا بەزىدە ئاچ قالدى، ساۋاغداشلىرى ئارىسىدا بويۇن قىسىپ قالدى، دادىسى بالىنى تىللىمىدى ياكى ئۇرمىدى، بالىغا كۆيۈنگۈسى بار، لېكىن شۇنىڭغا ۋاقىت ۋە زېھىن ئاجرىتالمىدى خالاس. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى خورلانمىدى، بەلكى خارلاندى، ئېتىبارسىز قارالدى. خارلاشنى ئادەتتە باشقىلار مەقسەتسىز كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن خورلاش ئۇنداق ئەمەس.
خورلاش: بۇنىڭدا چوقۇم مەقسەتلىك ھالدا روھىي ۋە جىسمانىي زەربە بېرىلىدۇ. مەسىلەن: يۇۋاشلارنى بىكاردىن بىكارغا ئۇرۇپ- تىللاش؛ بالىغا قەستەن تاماق بەرمەسلىك؛ بالىنى قەستەن يېلىڭ ھالەتتە سىرتتا تۇرغۇزۇپ قويۇش؛ بالىنى دائىم ئۇرۇپ ئاچچىقىنى چىقىرىش؛ بالىلارغا كىشەن سېلىپ ياكى ئارغامچىدا باغلاپ يالغۇز ئۆيگە سولاپ قويۇش؛ بالىلارنىڭ دائىم باشقىلاردىن تىل- ئاھانەت ئاڭلىشى؛ مۈشۈكنى 10- قەۋەتتىن يەرگە تاشلاش؛ ئىتنىڭ گېلىنى بوغۇپ قىيناش؛ ئىشقىلىپ، ئىنسان ۋە ھايۋانلارنىڭ ئاجىزلىرىغا قەستەن روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زۇلۇم سېلىشلارنىڭ ھەممىسى خورلاشقا كىرىدۇ، ھەرگىز خارلاشقا كىرمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدا «خار بولدى» دەيمىز، لېكىن «خور بولدى» دېگىلى بولمايدۇ، پەقەت «خورلاندى» دېيىشكە بولىدۇ، «خورلاندى» پېئىلنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى بولۇپ، بۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مەجبۇرى ئورۇنلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق سۆز قۇرۇلمىسىدىنمۇ، «خارلاش» نىڭ مەقسەتسىز ھالدا تەبئىي شەكىللىندىغانلىقىنى، «خورلاش» نىڭ بولسا باشقىلار تەرىپىدىن مەقسەتلىك شەكىللىنىدىغانلىقىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس.
مېنىڭ بۇ ئىككى سۆزگە بولغان ئىزاھاتىم مۇنداق:
خارلاش: مەقسەتسىز ھالدا تەبئىي شەكىللەنگەن روھىي ۋەياكى جىسمانىي ئازاپ، ئېتىبارسىزلىنىش، يادەمسىز قېلىش ئەھۋالاتلىرىدۇر. مەسىلەن: ئالىملار نادانلار شەھىرىدە خار بولۇر. ئۇ بۇ شەھەردە چىقىش يولى تاپالماي خارلىنىپ قالدى.
خورلاش: ئىنسان ۋەياكى ھايۋانلارنىڭ ئاجىزلىرىغا قارىتا مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغان روھىي ۋەياكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئازاپ، زورلۇق، بېسىملاردۇر. مەسىلەن: كان خوجايىنلىرى بالىلارنى خورلاپ كاندا ئىشلەتتى. ئۇ نەچچە ئاي جاپالىق ئىشلەپ ئىش ھەققىنى ئالالماي، ئۆزىنى خورلانغاندەك ھېس قىلدى.
|
|