مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 506|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (8)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (8)

(6) مۇھىتنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇلغاشنى تىزگىنلەش ۋە مۇھىتنى ئاسراش خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە سىجىل تەرەققىياتقا تاقىلىدۇ، شۇڭا بۇ ئىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغىمۇ، مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغىمۇ پايدىسى تېگىدىغان يولغا مېڭىشقا قەتئىي ئىرادە باغلاش كېرەك.
ئاتموسفېرادىكى تۇمان-تۈتەكنى ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ تۈزەيمىز. بۇ يىل خىمىيەلىك ئوكسىگېن مىقدارى ۋە ئاممىياكلىق ئازوتنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %2 تۆۋەنلىتىلىدۇ، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد بىلەن ئازوت ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %3 تۆۋەنلىتىلىدۇ، نۇقتىلىق رايونلاردا ئۇششاق دانىچىلار (PM2.5) نىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى داۋاملىق تۆۋەنلىتىلىدۇ. كۆمۈر ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتىمىز. كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىمىز، كۆمۈر ئىشلىتىشنى ئازايتىپ، كۆمۈر ئورنىغا توك، گاز ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى ئاز بۇلغىما چىقىرىدىغان ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. مەجبۇرىي ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆمۈر پار قازاننى شاللاشنى تېزلىتىمىز. تەبىئىي گاز تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. شاخ-شۇمبىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بىۋاسىتە كۆيدۈرۈۋېتىشنى ئازايتىمىز. ئاپتوموبىل يېقىلغۇسىنىڭ دۆلەت 5-دەرىجىلىك ئۆلچىمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز، سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىل ۋە كونا ئاپتوموبىلدىن 3 مىليون 800 مىڭنى شاللايمىز. نۇقتىلىق رايونلاردا ئاتموسفېرادىن بۇلغىنىش بويىچە بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترولنى يولغا قويىمىز. شەھەر-بازارلارنىڭ پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز، يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنى ۋە ۋادى سۈيى مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىمىز. سانائەتنىڭ بۇلغاش مەنبەسىنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانىلارنى توردا كۆزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىمىز. يېڭىدىن تۈزىتىلگەن مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش شەرت، نورمىدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقارغان، يوشۇرۇن بۇلغىما چىقارغانلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
ئېنېرگىيە تېجەر-مۇھىت سۆيەر كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز. يېشىل ئۆلچەم ۋە مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. ئېنېرگىيە تېجەش-مۇھىت ئاسراش ئىلغار تېخنىكا جابدۇقلىرىنى كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىمىز، ئېنېرگىيەنى توختام بويىچە باشقۇرۇش ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئۈچىنچى تەرەپ تىزگىنلەشنى كەڭ يولغا قويىمىز. بىناكارلىقتا ئېنېرگىيە تېجەش جەھەتتىن ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقتا يېشىل ئۆلچەمگە چۈشۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىمىز. ئومۇمىي خەلق ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىمىز، ئەخلەتنى تۈرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ھاسىلىي بايلىقتىن يىغىپ پايدىلىنىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەر-مۇھىت سۆيەر كەسىپلەرنى ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى زور تۈۋرۈك كەسىپ قىلىپ يېتىلدۈرىمىز.
ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. تەبىئىي ئورماننى سودا خاراكتېرلىك كېسىشنى توختىتىمىز، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياردەم پۇلى بېرىش-مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويىمىز. يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىشنى نورمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن رايونلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. چۆللىشىش، قۇملىشىشنى ۋە سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى داۋاملىق تۈزەيمىز. مۇھىت ئاسراشتا ھەركىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. ھەربىر جەمئىيەت ئەزاسى ئاڭلىق ھەرىكەتكە كېلىپ، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋىتىنى بېغىشلىشى كېرەك.
(7) خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىمىز. ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا خەلق تۇرمۇشى ئاساس قىلىنىدۇ، بىز بۇنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە ساقلاپ، كۆڭلىمىزگە مەھكەم پۈكۈشىمىز، خەلق مەنپەئىتىنى كۆپرەك كۆزلەپ، خەلقنى غەمدىن كۆپرەك خالاس قىلىشىمىز لازىم. مالىيە كىرىمىنىڭ كۆپىيىشى ئاستىلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاممىغا قىلىپ بېرىشكە تېگىشلىك ئەمەلىي ئىشنىڭ بىرىنىمۇ ئازايتىشقا بولمايدۇ.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش-ئىگىلىك تىكلەش دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىمىز. تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىگىلىك تىكلەش يولى بىلەن سىلجىتىشقا ئىلھام بېرىمىز. بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار 7 مىليون 650 مىڭ كىشىگە يېتىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش پىلانىنى ئوبدان ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش-ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى قالدۇقىنى ئوبدان ئىشلىتىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى كۆپەيتىپ، كارخانىدىكى ئىش ئورنىدىن قالغانلارنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەيمىز، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغان كىشىلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ يۆلەيمىز. دېھقان ئىشلەمچىنى كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈش بويىچە 21 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايمىز. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھالىتىگە ھەمدەم بولۇشنى كۈچەيتىمىز. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئوبدان ئىشلەيمىز.
تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئادىل مائارىپنى راۋاجلاندۇرىمىز. مائارىپ دۆلەتنىڭ كېلەچىكى، خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۈستىگە ئالغان. جامائەت مائارىپى سېلىنمىسىنى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار، چەت-نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەر-يېزا مائارىپ خىراجىتى كاپالەت مېخانىزمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاساسى ئاجىز مەكتەپلەر ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلايمىز. ئومۇمىي مەنپەئەتدار بالىلار باغچىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىمىز. ئالاھىدە مائارىپنى ياخشى يولغا قويىمىز. زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرىمىز. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىشنى تۈرلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرىمىز. ئائىلىسى نامرات  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئاۋۋال يولغا قويىمىز، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. يىراقتىن ئوقۇتۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتلىك مائارىپنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز، شارائىتى ھازىرلانغان تولۇق كۇرسلۇق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي كەسىپلەرگە بۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نامرات رايونلاردىكى يېزىلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىمىز، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنى شۇ جايدا ئوقۇش ۋە  ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پۇقرا مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. ئائىلىدىن مەكتەپكىچە، ھۆكۈمەتتىن جەمئىيەتكىچە ھەممەيلەن بالىلارنى ساق-سالامەت يېتىلدۈرۈپ، ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ كېلەچىكىگە ئۈمىد بەخش ئېتىشىمىز كېرەك.
        داۋالاش، داۋالاش سۇغۇرتىسى، تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك جەھەتتىكى ھەمتۈرتكىلىك ئىسلاھاتنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرىمىز. ساغلاملىق − بەختلىك ياشاشنىڭ ئاساسى. بۇ يىل ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدا تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ھۆكۈمەت سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئېغىر كېسەل بىمارلىرىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ. مەركەز مالىيەسى شەھەر-يېزا داۋالاش-قۇتقۇزۇش ياردەم مەبلىغى ئۈچۈن 16 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، %9.6 ئاشۇرىدۇ. شەھەر-يېزا ئاھالىسى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرىكتۈرۈپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق مالىيە ياردىمىنى 380 يۈەندىن 420 يۈەنگە ئۆستۈرىمىز. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە ئالاقە تورى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش ۋە باشقا جايدا داۋالانغان ھەقنى راسچوت قىلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەرلەرنى كۆپەيتىمىز، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى ۋە دورا ئوبوروتى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرىمىز. دورا، داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىنى باھالاش، تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئۇنىۋېرسال دوختۇر، بالىلار دوختۇرىنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىمىز. %70 ئەتراپىدىكى ۋىلايەت-شەھەرلەردە دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش بويىچە سىناق ئېلىپ بارىمىز. ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمەت خىراجىتى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلىنى 40 يۈەندىن 45 يۈەنگە ئۆستۈرىمىز، داۋالاش بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلام ۋە يېزىلارغا سىلجىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى دوختۇرخانا قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىمىز. جۇڭگو تېبابىتى-دورىگەرلىكى، مىللىي تېبابەت-دورىگەرلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىمىز. داۋالاش كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە باب كېلىدىغان كادىرلار-ئىش ھەققى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوغدايمىز ۋە قوزغايمىز. بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا دائىر يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنىڭ بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېتىزدىن داستىخانغىچە، تەجرىبىخانىدىن دوختۇرخانىغىچە ھەربىر مۇداپىئە سېپىنى قاتتىق ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنى بىخەتەر، خاتىرجەم ئوزۇقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
        ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى زىچ، پۇختا توقۇيمىز. پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز. جايلار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە ئۈستىگە ئېلىپ، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىمىز. كۈتۈنۈش مۇلازىمەتچىلىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىنىقىنى يولغا قويىمىز، داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنى كۆپ خىل شەكىلدە بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش، قىيىنچىلىقى ئېغىر كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى بېقىش تۈزۈملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ياردىمى ئۆلچىمىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %5 ۋە %8 ئۆستۈرىمىز. شەھەر-يېزا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىغا ياردەم بېرىپ، جەمئىيەتتە مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈمچانلىقنى ئەۋج ئالدۇرىمىز.
        مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو ئارزۇسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىمىز، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىمىز. پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەندە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز، ئەدەبىيات-سەنئەت، ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، ئارخىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. جۇڭگوچە يېڭى تىپتىكى ئاقىللار ئامبىرىنى بەرپا قىلىمىز. مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىمىز. ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساپاسىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىكىنى ئۆستۈرىمىز. ئەنئەنىۋى تاراتقۇ بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ساغلام تور مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرىمىز. جۇڭگونىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارالىق تارقىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. جامائەت مەدەنىيەت بايلىقىنى شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلامغا مايىللىشىشقا يېتەكلەپ، مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. رەقەملىك رادىيو -تېلېۋىزىيەنىڭ ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرىدىغان يېڭى كەيپىياتنى يارىتىمىز.
جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىمىز ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىمىز. شەھەر-يېزىلارنىڭ مەھەللە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ دېموكراتىك كېڭىشىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشىنى قوللايمىز. ساھە جەمئىيەتلىرى ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنى مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئايرىۋېتىش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كەسپىي ئىجتىمائىي خىزمەتنىڭ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ۋە خەيرىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئاياللار، بالىلار ۋە مېيىپلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز، يېزىلاردا ئۆيىدە قالغان بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز. قانۇنچىلىق تەشۋىقات-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن ياردىمى بېرىش ۋە مەھەللىدە ئوڭشاش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەيمىز. دۆلەت تور بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇچۇرلىشىشنى تىرەك قىلغان جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە-كونترول سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز. ئەرزىيەت خىزمىتى ۋە خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى ياخشىلاپ، زىددىيەت-ماجىرالارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ-ئىناق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، بىخەتەرلىك تولىمۇ قىممەتلىك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇش، بىخەتەرلىك ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش-ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش-سىگنال بېرىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يەر تەۋرەش، ئۆلچەش-سىزىش، گېئولوگىيە خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى، باشقۇرۇش تۈزۈمى، سىناش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتكوم بىلەن ھۆكۈمەت بىرلىكتە مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈز بېرىشنى قەتئىي توسۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 14:26:47 | ئايرىم كۆرۈش
(六)加大环境治理力度,推动绿色发展取得新突破。治理污染、保护环境,事关人民群众健康和可持续发展,必须强力推进,下决心走出一条经济发展与环境改善双赢之路。

重拳治理大气雾霾和水污染。今年化学需氧量、氨氮排放量要分别下降2%,二氧化硫、氮氧化物排放量分别下降3%,重点地区细颗粒物(PM2.5)浓度继续下降。着力抓好减少燃煤排放和机动车排放。加强煤炭清洁高效利用,减少散煤使用,推进以电代煤、以气代煤。全面实施燃煤电厂超低排放和节能改造。加快淘汰不符合强制性标准的燃煤锅炉。增加天然气供应,完善风能、太阳能、生物质能等发展扶持政策,提高清洁能源比重。鼓励秸秆资源化利用,减少直接焚烧。全面推广车用燃油国五标准,淘汰黄标车和老旧车380万辆。在重点区域实行大气污染联防联控。全面推进城镇污水处理设施建设与改造,加强农业面源污染和流域水环境综合治理。加大工业污染源治理力度,对排污企业全面实行在线监测。强化环境保护督察。新修订的环境保护法必须严格执行,对超排偷排者必须严厉打击,对姑息纵容者必须严肃追究。

大力发展节能环保产业。扩大绿色环保标准覆盖面。支持推广节能环保先进技术装备,广泛开展合同能源管理和环境污染第三方治理。加大建筑节能改造力度,加快传统制造业绿色改造。开展全民节能、节水行动,推进垃圾分类处理,健全再生资源回收利用网络,把节能环保产业培育成我国发展的一大支柱产业。

加强生态安全屏障建设。健全生态保护补偿机制。停止天然林商业性采伐,实行新一轮草原生态保护补助奖励政策。推进地下水超采区综合治理试点,实施湿地保护与恢复工程,继续治理荒漠化、石漠化和水土流失。保护环境,人人有责。每一个社会成员都要自觉行动起来,为建设美丽中国贡献力量。

(七)切实保障改善民生,加强社会建设。为政之道,民生为本。我们要念之再三、铭之肺腑,多谋民生之利,多解民生之忧。财政收入增长虽放缓,但该给群众办的实事一件也不能少。

着力扩大就业创业。实施更加积极的就业政策,鼓励以创业带动就业。今年高校毕业生将高达765万人,要落实好就业促进计划和创业引领计划,促进多渠道就业创业。用好失业保险基金结余,增加稳就业资金规模,做好企业下岗职工再就业工作,对城镇就业困难人员提供托底帮扶。完成2100万人次以上农民工职业技能提升培训任务。加强对灵活就业、新就业形态的扶持。切实做好退役军人安置和就业创业服务工作。

发展更高质量更加公平的教育。教育承载着国家的未来、人民的期盼。公共教育投入要加大向中西部和边远、贫困地区倾斜力度。统一城乡义务教育经费保障机制,改善薄弱学校和寄宿制学校办学条件。鼓励普惠性幼儿园发展。办好特殊教育。大力发展现代职业教育,分类推进中等职业教育免除学杂费。对贫困家庭学生率先免除普通高中学杂费。落实提高乡村教师待遇政策。加快推进远程教育,扩大优质教育资源覆盖面。提升高校教学水平和创新能力,推动具备条件的普通本科高校向应用型转变。继续扩大重点高校面向贫困地区农村招生规模,落实和完善农民工随迁子女在当地就学和升学考试政策。支持和规范民办教育发展。从家庭到学校、从政府到社会,都要为孩子们的安全健康、成长成才担起责任,共同托起明天的希望。

协调推进医疗、医保、医药联动改革。健康是幸福之基。今年要实现大病保险全覆盖,政府加大投入,让更多大病患者减轻负担。中央财政安排城乡医疗救助补助资金160亿元,增长9.6%。整合城乡居民基本医保制度,财政补助由每人每年380元提高到420元。改革医保支付方式,加快推进基本医保全国联网和异地就医结算。扩大公立医院综合改革试点城市范围,协同推进医疗服务价格、药品流通等改革。深化药品医疗器械审评审批制度改革。加快培养全科医生、儿科医生。在70%左右的地市开展分级诊疗试点。基本公共卫生服务经费财政补助从人均40元提高到45元,促进医疗资源向基层和农村流动。鼓励社会办医。发展中医药、民族医药事业。建立健全符合医疗行业特点的人事薪酬制度,保护和调动医务人员积极性。完善一对夫妇可生育两个孩子的配套政策。为了人民健康,要加快健全统一权威的食品药品安全监管体制,严守从农田到餐桌、从实验室到医院的每一道防线,让人民群众吃得安全、吃得放心。

织密织牢社会保障安全网。继续提高退休人员基本养老金标准。各地要切实负起责任,确保养老金按时足额发放。制定划转部分国有资本充实社保基金办法。开展养老服务业综合改革试点,推进多种形式的医养结合。落实临时救助、特困人员救助供养等制度。城乡低保人均补助标准分别提高5%和8%。加快健全城乡社会救助体系,使困难群众遇急有助、遇困有帮,让社会充满关爱和温暖。

推进文化改革发展。用中国梦和中国特色社会主义凝聚共识、汇聚力量,培育和践行社会主义核心价值观,加强爱国主义教育。实施哲学社会科学创新工程,发展文学艺术、新闻出版、广播影视、档案等事业。建设中国特色新型智库。加强文化遗产保护利用。深化群众性精神文明创建活动,倡导全民阅读,普及科学知识,提高国民素质和社会文明程度。促进传统媒体与新兴媒体融合发展。培育健康网络文化。深化中外人文交流,加强国际传播能力建设。引导公共文化资源向城乡基层倾斜,推动文化产业创新发展。推进数字广播电视户户通。做好北京冬奥会和冬残奥会筹办工作,形成全民健身新时尚。

加强和创新社会治理。推进城乡社区建设,促进基层民主协商。支持工会、共青团、妇联等群团组织参与社会治理。加快行业协会商会与行政机关脱钩改革,依法规范发展社会组织,支持专业社会工作、志愿服务和慈善事业发展。完善社会信用体系。切实保障妇女、儿童、残疾人权益,加强对农村留守儿童和妇女、老人的关爱服务。开展法治宣传教育,做好法律援助和社区矫正工作。完善国家网络安全保障体系。创新社会治安综合治理机制,以信息化为支撑推进社会治安防控体系建设,依法惩治违法犯罪行为,严厉打击暴力恐怖活动,增强人民群众的安全感。改进信访、人民调解工作,有效化解矛盾纠纷,促进社会平安祥和。

生命高于一切,安全重于泰山。必须坚持不懈抓好安全生产和公共安全,加强安全基础设施和防灾减灾能力建设,健全监测预警应急机制,提高气象服务水平,做好地震、测绘、地质等工作。完善和落实安全生产责任、管理制度和考核机制,实行党政同责、一岗双责、失职追责,严格监管执法,坚决遏制重特大安全事故发生,切实保障人民生命财产安全。

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:05 , Processed in 0.078300 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش