مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 511|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (7)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (7)

(4) زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى بوشاشماي داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.
يېزا ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېز تەڭشەيمىز. ئاشلىق مەھسۇلاتى ھوسۇلى ئۇدا ئېشىپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى، لېكىن ئامبار زاپىسى زور ھەجىمدە ئېشىپ كېتىپ، بازار باھاسى چۈشۈپ كېتىشتەك مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا دېھقانلارنى تېرىقچىلىق-باقمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى بازار ئېھتىياجىنى نىشانلاپ تەڭشەشكە، كۆممىقوناق تېرىش كۆلىمىنى مۇۋاپىق ئازايتىشقا يېتەكلەش كېرەك. «باھانى بازار بەلگىلەش، باھا بىلەن تولۇقلىمىنى ئايرىش» پىرىنسىپى بويىچە، كۆممىقوناق يىغىش-زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مۇۋاپىق مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.  ئاشلىق زاپىسىنى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ھەزىم قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشكە زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش لازىم؛ تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك لايىھەسىنى تۈزۈپ، بۇ يىل 15 مىليون مو يەرنى تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش كېرەك، بۇ ئىشنىڭ پايدىسى كۆپ، ئۇنى چىڭ تۇتۇش شەرت. يېزا ئىگىلىكىنى مۇۋاپىق كۆلەم بويىچە باشقۇرۇشنىڭ كۆپ خىل شەكلىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، چوڭ كەسپىي ئائىلىلەر، دېھقانلار كوپىراتىپلىرى قاتارلىق يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يۆلەش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى ھۆددە يېرىنى قانۇن بويىچە ئىختىيارىي ئاساستا ھەقلىق ئۆتۈنۈشكە، ھۆددە يەر بويىچە پاي ھەمكارلىقىنى، بىرلىشىشنى ۋە ھاۋالىلىك  باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش لازىم. يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى، دۆلەت ئورمان مەيدانى، ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى ۋە تەمىنات-سودا كوپىراتىپى قاتارلىقلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.
يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساس خاراكتېرلىك تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىمىز. مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئومۇميۈزلۈك بېكىتىپ ۋە ئالاھىدە قوغداپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر بوشىتىلغان يەرنى 150 مىليون موغا كۆپەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمىنى يېڭىدىن 20 مىليون مو ئاشۇرىمىز. تېرىلغۇ يەرلەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۈدىگەرلەش تۈزۈمىنى سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشىنى كۈچەيتىمىز، ئاشلىقنىڭ يېشىل، ھوسۇللۇق، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خىمىيەلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئاشۇرماسلىق ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز. مالىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك كىرېدىتى كېپىللىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىغا سېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز ۋە تۈرتكە بولىمىز.
يېزا جامائەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلايمىز. يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، 200 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياساپ ۋە ئۆزگەرتىپ ياساپ، شارائىتى ھازىرلانغان يېزا-بازارلاردا ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەردە قاتتىق يول قاتنىشىنى، يولۇچى ئاپتوموبىلى قاتنىشىنى تېزلىتىمىز. يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىشىنى تېز يولغا قويۇپ، ئىككى يىل ئىچىدە، يېزىلاردا مۇقىم، ئىشەنچلىك توك تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ماشىنىلاشقان قۇدۇقلارنىڭ ھەممىسىگە توك يەتكۈزىمىز. ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزىلارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ياشاشقا باب گۈزەل يېزا قۇرۇپ چىقىمىز.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. بۇ يىل 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايمىز، بۇنىڭ ئىچىدە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمىز، نامرات يېزا ئاھالىسىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى %43.4 ئاشۇرىمىز. نامرات ناھىيەلەردە يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغلەرنى بىرىكتۈرۈشنى تېزلىتىمىز. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمگە، جايغا قاراپ تەدبىر قوللىنىمىز. ئۆزگىچە كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىگىلىك تىكلەشكە مەدەت بېرىمىز. يولنى تۇتاشتۇرۇش، سۇ يەتكۈزۈش، توك يەتكۈزۈش، تورنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوبدان ھەل قىلىپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى نۇقتىدا يۆلەش، شەرق بىلەن غەرب ھەمكارلىشىپ يۆلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە قاتنىشىشىنى قۇۋۋەتلەيمىز. نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ــ چىڭ ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋەدە قىلدى، بۇ ۋەزىپىنى سان ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ ۋاقتىدا ئورۇنلىشى شەرت.
(5) يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشنى كۈچەپ ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەت ئەندىزىسىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، ئىچكى ئىقتىسادنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ جىددىي تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى قەتئىي ئېغىشماي كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىش داۋامىدا تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، رىقابەتتە يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش كېرەك.  
«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. مەملىكەت ئىچىدىكى رايون خاراكتېرلىك ئېچىش-ئېچىۋېتىش بىلەن خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قۇرۇقلۇق ئىقتىساد كارىدورى بىلەن دېڭىز ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت تىرەكنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى، سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدا چوڭ ئۆتەڭ ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، خەلقئارا ماددىي ئەشيا چوڭ يولىنى بەرپا قىلىمىز. چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى ۋە چېگرا سىرتى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئورتاق مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تىنچلىق، دوستلۇق ۋاسىتىسىگە ۋە ئورتاق گۈللىنىش يولىغا ئايلاندۇرىمىز.
ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىمىز. كارخانىنى ئاساس قىلىش، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش ۋە بازارلاشتۇرۇپ مەشغۇلاتقا سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى يولغا قويىمىز. مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز، خەلق پۇلى چەت ئەل ھەمكارلىق فوندى تەسىس قىلىمىز، ئىككى تەرەپلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق فوندىنى جايىدا ئىشلىتىمىز. جابدۇق، تېخنىكا، ئۆلچەمنى ۋە مۇلازىمەتنى سىرتقا چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى كوزىرىنىڭ داڭقىنى چىقىرىمىز.
تاشقى سودا تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. تاشقى ئېھتىياج ئىزچىل تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتتە، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىش ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەش لازىم. بىرىنچىدىن، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ئېكسپورت بېجى قايتۇرۇش نىسبىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، باجنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق قايتۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئېكسپورت بېجى قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا قاتتىق زەربە بېرىش لازىم. قىسقا مۇددەتلىك ئېكسپورتنىڭ ئىناۋەت سۇغۇرتىسى كۆلىمىنى كېڭەيتىش، يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەر ئېكسپورتى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇغۇرتىسىدا سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق سۇغۇرتىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش لازىم. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كارخانىلارنىڭ بىر تۈركۈم ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى «چەت ئەل ئىسكىلاتى»نى بەرپا قىلىشىغا مەدەت بېرىش، تاشقى سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئۈچىنچىدىن، سودا قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش كېرەك. مۇلازىمەت سودىسى تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇلازىمەت تاشقى ھۆددىگەرلىكى بويىچە ئۈلگە شەھەرلەرنى كۆپەيتىش، تاشقى مەدەنىيەت سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونلىرىنى يەنىمۇ بىرىكتۈرۈپ ياخشىلاپ، پىششىقلاش سودىسىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا يۆتكىلىشى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. تۆتىنچىدىن، سودىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقئارا سودىدا بىرلا كۆزنەكتە رەسمىيەت ئۆتەشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش لازىم. بەشىنچىدىن، تېخىمۇ ئاكتىپ ئىمپورت سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىلغار تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى، ئاچقۇچلۇق زاپچاس-بۆلەكلەر ۋە قىس ئېنېرگىيە خام ماتېرىياللىرى ئىمپورتىنى كۆپەيتىش لازىم.
تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىدە داۋاملىق كەڭرەك يول تۇتۇپ، مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئادەتتىكى ياسىمىچىلىقنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنى قۇرۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىمىز. ئىچكى رايونلارنى ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى يېڭىلاپ، سىرتقا يۈزلەنگەن يېڭى كەسىپلەر توپىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. تاشقى مەبلەغنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارغا مايىللىشىشقا يېتەكلەيمىز. ئەركىن سودا سىناق رايونىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى يېڭىلايمىز. بىز تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئاشكارا، تېخىمۇ كۆزلىمىلىككە ئىگە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى بەرپا قىلىمىز، جۇڭگو تاشقى سودىگەرلەرنىڭ ئىنتايىن جەلپكار مەبلەغ سېلىش تۇپرىقى بولۇش ئورنىنى ئىزچىل ساقلايدۇ.
ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. پائال تۈردە ئومۇميۈزلۈك رايون ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاپ، جۇڭگو –ياپونىيە-كورېيە ئەركىن سودا رايونى قاتارلىقلار ئۈستىدىكى سۆھبەتنى تېزلىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا، جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئۈستىدىكى سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئەركىن سودا رايونى ئۈستىدىكى بىرلەشمە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتنى كۈچەيتىمىز. ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە،  سودا سېلىنمىسىنىڭ ئەركىنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەرلىك، مەنپەئەتدارلىق، كەڭ قورساقلىق ئاساسىدىكى خەلقئارا سودا سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايمىز.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 14:25:30 | ئايرىم كۆرۈش
(四)加快发展现代农业,促进农民持续增收。继续毫不放松抓好"三农"工作,完善强农惠农富农政策,深化农村改革,拓展农民就业增收渠道,着力提高农业质量、效益和竞争力。

加快农业结构调整。粮食连续增产,为稳定物价、改善民生提供了有力保障,但也面临库存大幅增加、市场价格下跌等问题。要引导农民适应市场需求调整种养结构,适当调减玉米种植面积。按照"市场定价、价补分离"原则,积极稳妥推进玉米收储制度改革,保障农民合理收益。要多措并举消化粮食库存,大力支持农产品精深加工,延伸农业产业链条;制定新一轮退耕还林还草方案,今年退耕还林还草1500万亩,这件事一举多得,务必抓好。积极发展多种形式农业适度规模经营,完善对家庭农场、专业大户、农民合作社等新型经营主体的扶持政策,鼓励农户依法自愿有偿流转承包地,开展土地股份合作、联合或土地托管。深化农村集体产权、农垦、集体林权、国有林场、农田水利、供销社等改革。

强化农业基础支撑。全面完成永久基本农田划定并实行特殊保护,加强高标准农田建设,增加深松土地1.5亿亩,新增高效节水灌溉面积2000万亩。探索耕地轮作休耕制度试点。加强农业科技创新与推广,深入开展粮食绿色高产高效创建,实施化肥农药零增长行动。保障财政对农业投入,建立全国农业信贷担保体系,完善农业保险制度,引导带动更多资金投向现代农业建设。

改善农村公共服务。加大农村基础设施建设力度,新建改建农村公路20万公里,具备条件的乡镇和建制村要加快通硬化路、通客车。抓紧新一轮农村电网改造升级,两年内实现农村稳定可靠供电服务和平原地区机井通电全覆盖。实施饮水安全巩固提升工程。推动电子商务进农村。建设美丽宜居乡村。

实施脱贫攻坚工程。今年要完成1000万以上农村贫困人口脱贫任务,其中易地搬迁脱贫200万人以上,继续推进贫困农户危房改造。中央财政扶贫资金增长43.4%。在贫困县推进涉农资金整合。坚持精准扶贫脱贫,因人因地施策。大力培育特色产业,支持就业创业。解决好通路、通水、通电、通网络等问题,增强集中连片特困地区发展能力。国家各项惠民政策和民生项目,要向贫困地区倾斜。深入开展定点扶贫、东西协作扶贫,支持社会力量参与脱贫攻坚。扶贫脱贫是硬任务,各级政府已经立下军令状,必须按时保质保量完成。

(五)推进新一轮高水平对外开放,着力实现合作共赢。面对国际经济合作和竞争格局的深刻变化,顺应国内经济提质增效升级的迫切需要,要坚定不移扩大对外开放,在开放中增强发展新动能、增添改革新动力、增创竞争新优势。

扎实推进"一带一路"建设。统筹国内区域开发开放与国际经济合作,共同打造陆上经济走廊和海上合作支点,推动互联互通、经贸合作、人文交流。构建沿线大通关合作机制,建设国际物流大通道。推进边境经济合作区、跨境经济合作区、境外经贸合作区建设。坚持共商共建共享,使"一带一路"成为和平友谊纽带、共同繁荣之路。

扩大国际产能合作。坚持企业为主、政府推动、市场化运作,实施一批重大示范项目。落实和完善财税金融支持政策,设立人民币海外合作基金,用好双边产能合作基金。推动装备、技术、标准、服务走出去,打造中国制造金字品牌。

促进外贸创新发展。面对外需持续低迷的严峻形势,要多措并举,遏制进出口下滑势头。一要加快落实和完善政策。优化出口退税率结构,确保及时足额退税,严厉打击骗取退税。增加短期出口信用保险规模,实现成套设备出口融资保险应保尽保。二要鼓励商业模式创新。扩大跨境电子商务试点,支持企业建设一批出口产品"海外仓",促进外贸综合服务企业发展。三要优化贸易结构。开展服务贸易创新发展试点,增加服务外包示范城市,加快发展文化对外贸易。进一步整合优化海关特殊监管区域,促进加工贸易向中西部地区转移、向产业链中高端延伸。四要推进贸易便利化。全面推广国际贸易"单一窗口"。降低出口商品查验率。五要实施更加积极的进口政策。扩大先进技术设备、关键零部件及紧缺能源原材料进口。

提高利用外资水平。继续放宽投资准入,扩大服务业和一般制造业开放,简化外商投资企业设立程序,加大招商引资力度。创新内陆和沿边开放模式,打造新的外向型产业集群,引导外资更多投向中西部地区。扩大自贸试验区试点。创新开发区体制机制。我们将营造更加公平、更为透明、更可预期的投资环境,中国要始终成为富有吸引力的外商投资热土。

加快实施自由贸易区战略。积极商签区域全面经济伙伴关系协定,加快中日韩自贸区等谈判,推进中美、中欧投资协定谈判,加强亚太自贸区联合战略研究。我们愿与各方一道,推进贸易投资自由化,共同构建均衡、共赢、包容的国际经贸体系。

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:05 , Processed in 0.064517 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش