مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 651|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (2)

بىر يىلدىن بۇيان، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق:

بىرىنچى، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتتۇق. ئىقتىساد تۆۋەنلەشنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دائىرىلىك تەڭشەش ئاساسىدا، نىشانلىق تەڭشەش ۋە ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەشنى يولغا قويدۇق. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ كۈچى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باجنى قۇرۇلمىلىق كېمەيتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەقنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىپ، مالىيە ساقلانما مەبلىغىنى جانلاندۇردۇق. يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىپ، ئۇنى 3 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن ساقلانما قەرزگە ئايلاندۇرۇپ، تەخمىنەن 200 مىليارد يۈەن ئۆسۈم يۈكىنى ئازايتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز قايتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلەتتۇق. پۇختا پۇل سىياسىتىدە كەڭرى بولۇش بىلەن قىس بولۇشنى مۇۋاپىق ئىگىلەشكە، ئۆسۈمنى كۆپ قېتىم تۆۋەنلىتىش ۋە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئامانەت-قەرز نىسبىتىنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىپ، پۇل سىياسىتى قورالىنى يېڭىلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا يار-يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، مەخسۇس قۇرۇلۇش فوندى تەسىس قىلىپ، سۇچىلىق، شەھەر-بازاردىكى كەپە ئۆي رايونلىرىنى ۋە يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا-غەربىي رايونلاردىكى تۆمۈريول ۋە تاشيول قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتتۇق. نۇقتىلىق ساھەلەر ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ساياھەت قىلىش، توردىن مال سېتىۋېلىش ۋە ئۇچۇر ئىستېمالى قاتارلىق ئىشلىرىنى تېز يۈكسەلدۈردۇق. بۇلتۇر پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تۈرلۈك خەۋپ ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، سىستېمىلىق، رايون خاراكتېرلىك خەۋپ كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق.

ئىككىنچى، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. بىز «باستۇرۇپ سۇغىرىش» شەكلىدىكى كۈچلۈك قوزغىتىشنى قوللانماستىن، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردۇق. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتچىلىكنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق. مەمۇرىي تەستىق بويىچە 311 تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق ۋە تۆۋەنگە بەردۇق، كەسپىي سالاھىيەتكە ئىجازەت بېرىش ۋە ئۇنى بېكىتىش تۈرىدىن 123 نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەمۇرىي ئىجازەتكە ياتمايدىغان تەستىقلارغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بەردۇق. سودا-سانائەت بويىچە تىزىملاشتىن بۇرۇنقى تەستىقلاشنى ٪85 ئىخچاملاپ، ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش، بىر گۇۋاھنامىگە بىر كود سېلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جامائەت مۇلازىمىتى تەرتىپىنى ياخشىلىدۇق. ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشىنى يەنىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىگىلىك تىكلەش-يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى كۈنسېرى ئاشۇردۇق.

مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. مەركەزنىڭ جايلارغا قىلىدىغان مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قىسقارتىپ، ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمنىڭ كۆلىمىنى ئاشۇردۇق. تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇپ، بايلىق بېجىنى باھاغا قاراپ ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق. ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ لەيلىمە يۇقىرى چېكىنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق، خەلق پۇلى چېگرا ھالقىغان چىقىم سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق. باھا ئىسلاھاتى سالمىقىنى زورايتىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت باھا بېكىتىدىغان تۈرلەرنى ٪80 قىسقارتتۇق، يەرلىك ھۆكۈمەت باھا بېكىتىدىغان تۈرلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنى قىسقارتتۇق. دۆلەت كارخانىسى، يېزا، مەبلەغ سېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردۇق، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى نامايان بولماقتا.

ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇردۇق. تاشقى سودىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېكسپورت قايتۇرما باج سېلىقى مېخانىزمىنى تەڭشىدۇق، ئىمپورت-ئېكسپورت ھالقىسىدىن ئېلىنىدىغان ھەقلەرنى ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، سودىنىڭ قولايلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېكسپورت قۇرۇلمىسىدا پائال ئۆزگىرىش ياسىدۇق. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا چەك قويىدىغان كۆرسەتكۈچلەرنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ، ٪95 تىن ئارتۇقراقىدا ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدۇق، ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ 126 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ٪5.6 ئاشتى. چەت ئەلگە سېلىنغان پۇل مۇئامىلىسىز بىۋاسىتە سېلىنما 118 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ٪14.7 ئاشتى. شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەجرىبىسىنى كېڭەيتىپ، گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەن ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنى يېڭىدىن قۇردۇق. خەلق پۇلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە پۇللار قاتارىغا كىردى. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى رەسمىي قۇرۇلدى، يىپەك يولى فوندى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. جۇڭگو-كورېيە، جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ۋە جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالاندى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق قەدىمى تېزلەشتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق جۇڭگو جابدۇقلىرىنى سىرتقا چىقىرىشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلدى.

ئۈچىنچى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى نىشانلاپ، كەسىپلەرنى يېڭىلاش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردۇق. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى ۋە پىكرىنى تۈزۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، «ئالاقە تورى+» ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇردۇق. زور بىر تۈركۈم ئىجادكارلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش يولىغا ئاتلاندى. يېزا ئىگىلىكىگە يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ تېز ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەش ئەھۋالىغا قارىتا، بىر قولدا گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنى، يەنە بىر قولدا ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتتۇق. «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى-2025» پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدۇق، دۆلەت گۈللەنمە كەسىپلەردە ئىگىلىك تىكلەش ۋە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش فوندى، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنى كېڭەيتتۇق. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى پائال پەسەيتىپ، كارخانىلارنىڭ قوشۇلۇپ قايتا تەشكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدۇق. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، قالاق ئىشلەپچىقىرىشقا ياتىدىغان 90 مىليون توننىدىن ئارتۇق پولات-تۆمۈر، 230 مىليون توننا سېمونت، 76 مىليون ساندۇقتىن ئارتۇق تەكشى ئەينەك، 1 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋەتتۇق. ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئېنېرگىيە تېجەش-بۇلغىما ئازايتىش ۋە مۇھىت ئاسراشنى راسا چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك چەكلەش كۆرسەتكۈچلىرىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىدۇق. ئۆز ئالدىغا بۇلغىما ئازايتىش ھەرىكەت نىشانىنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا كىلىمات ئۆزگىرىشى سۆھبىتىنىڭ ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدۇق.

تۆتىنچى، تەرەققىيات ئىمكانىيىتى يارىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق. شەرقىي رايونلار، ئوتتۇرا رايونلار، غەربىي رايونلار ۋە شەرقىي شىمال رايونىدىن ئىبارەت «تۆت چوڭ بۆلەك»نىڭ ماس تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە»نى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئۇل ئەسلىھە، كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدۇق. شىزاڭ ۋە تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇ رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويدۇق. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق، شەھەر-بازار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

بەشىنچى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. مالىيە كۈچى قىس بولۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇردۇق. يېڭى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلدۇق. شەھەر-بازارلاردا  كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە 7 مىليون 720 مىڭ يۈرۈش ئۆينى ئاساسەن پۈتكۈزدۇق، كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش بويىچە 6 مىليون 10 مىڭ يۈرۈش ئۆينىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىدۇق، يېزىلاردىكى 4 مىليون 320 مىڭ ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتتۇق، بۇ ئارقىلىق تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار زور بىر تۈركۈم ئائىلىنىڭ ئۆيى بولۇش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردۇق. نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاساسى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى تېزلەتتۇق، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نامرات رايونلاردىكى يېزىلاردىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪10.5 كۆپەيدى. ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاھالىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئېغىر، ئالاھىدە ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىش ياردىمى تۈزۈمى، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ۋە ئېغىر مېيىپلارغا پەرۋىش ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى ئورناتتۇق. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى، نەپىقە پۇلى ۋە كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈردۇق، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويدۇق ھەم مائاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتلىنىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇق.

ئالتىنچى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى كۈچەپ تۇتۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا 11 قانۇن قارالمىسىنى سۇندى، 8 مەمۇرىي نىزامنى تۈزدى ۋە تۈزەتتى. مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت ۋە توردا ئىش بېجىرىشنى كېڭەيتتۇق. چوڭ-چوڭ سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، 3-تەرەپ باھالاشنى قانات يايدۇردۇق. تەبىئىي ئاپەت ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ئوبدان تاقابىل تۇردۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھادىسە ئومۇمىي سانى ۋە ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھادىسە سانىنى داۋاملىق ئازايتتۇق. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئۈلگە يارىتىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىنى كۈچلۈك قوغدىدۇق.

بىز «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي تۈزەپ، گوۋۇيۈەننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلدۇق. مەمۇرىي تەپتىش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتتۇق. پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلەشكەن بىر تۈركۈم ئۇنسۇرلارنى جازالىدۇق.

بىز جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى بولۇشتەك تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم تۆھپىسىنى مەركەزلىك جاكارلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بىلەن تىنچلىقنى، ھەققانىيەتنى ئورتاق قوغدايدىغان كۈچلۈك ئەقىدىسىنى نامايان قىلدۇق.

بىر يىلدىن بۇيان، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيەدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە زىيارەتكە باردى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنى، كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلەر بىر قاتار يىغىنلىرى، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى قاتارلىق چوڭ-چوڭ پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. بىز جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، جۇڭگو-ياۋروپا باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردۇق، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى مۇنبىرىنى باشلىدۇق. ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتۇق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا مېخانىزملار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق، ئىقتىساد دىپلوماتىيەسى، ئادىمىيەت ئالاقىسىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ئىشلاردا مۇھىم ئىجابىي رول ئوينىدى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-8 20:41:19 | ئايرىم كۆرۈش

一年来,我们主要做了以下工作:

一是着力稳增长调结构防风险,创新宏观调控方式。为应对持续加大的经济下行压力,我们在区间调控基础上,实施定向调控和相机调控。积极的财政政策注重加力增效,扩大结构性减税范围,实行普遍性降费,盘活财政存量资金。发行地方政府债券置换存量债务3.2万亿元,降低利息负担约2000亿元,减轻了地方政府偿债压力。稳健的货币政策注重松紧适度,多次降息降准,改革存贷比管理,创新货币政策工具,加大对实体经济支持力度。扩大有效投资,设立专项基金,加强水利、城镇棚户区和农村危房改造、中西部铁路和公路等薄弱环节建设。实施重点领域消费促进工程,城乡居民旅游、网购、信息消费等快速增长。去年还积极应对金融领域的多种风险挑战,守住了不发生系统性区域性风险的底线,维护了国家经济金融安全。

二是围绕激发市场活力,加大改革开放力度。我们不搞"大水漫灌"式的强刺激,而是持续推动结构性改革。深入推进简政放权、放管结合、优化服务改革。取消和下放311项行政审批事项,取消123项职业资格许可和认定事项,彻底终结了非行政许可审批。工商登记前置审批精简85%,全面实施三证合一、一照一码。加强事中事后监管,优化公共服务流程。群众和企业办事更加方便,全社会创业创新热情日益高涨。

财税金融等重点改革深入推进。中央对地方专项转移支付项目减少三分之一,一般性转移支付规模增加。营改增稳步实施,资源税从价计征范围扩大。取消存款利率浮动上限,推出存款保险制度,建立人民币跨境支付系统。价格改革力度加大,中央政府定价项目减少80%,地方政府定价项目减少一半以上。国有企业、农村、投融资、生态文明等领域改革有序推进,全面深化改革的成效正在显现。

坚持以开放促改革促发展。努力稳定对外贸易,调整出口退税负担机制,清理规范进出口环节收费,提高贸易便利化水平,出口结构发生积极变化。外商投资限制性条目减少一半,95%以上实行备案管理,实际使用外资1263亿美元,增长5.6%。非金融类对外直接投资1180亿美元,增长14.7%。推广上海自贸试验区经验,新设广东、天津、福建自贸试验区。人民币加入国际货币基金组织特别提款权货币篮子。亚洲基础设施投资银行正式成立,丝路基金投入运营。签署中韩、中澳自贸协定和中国-东盟自贸区升级议定书。"一带一路"建设成效显现,国际产能合作步伐加快,高铁、核电等中国装备走出去取得突破性进展。

三是聚焦提质增效,推动产业创新升级。制定实施创新驱动发展战略纲要和意见,出台推动大众创业、万众创新政策举措,落实"互联网+"行动计划,增强经济发展新动力。一大批创客走上创业创新之路。完善农业支持政策,促进农业发展方式加快转变。针对工业增速下降、企业效益下滑,我们一手抓新兴产业培育,一手抓传统产业改造提升。启动实施《中国制造2025》,设立国家新兴产业创业投资引导基金、中小企业发展基金,扩大国家自主创新示范区。积极化解过剩产能,推进企业兼并重组。近三年淘汰落后炼钢炼铁产能9000多万吨、水泥2.3亿吨、平板玻璃7600多万重量箱、电解铝100多万吨。促进生产性、生活性服务业加快发展。狠抓节能减排和环境保护,各项约束性指标超额完成。公布自主减排行动目标,推动国际气候变化谈判取得积极成果。

四是着眼开拓发展空间,促进区域协调发展和新型城镇化。继续推动东、中、西、东北地区"四大板块"协调发展,重点推进"一带一路"建设、京津冀协同发展、长江经济带发展"三大战略",在基础设施、产业布局、生态环保等方面实施一批重大工程。制定实施促进西藏和四省藏区、新疆发展的政策措施。推进户籍制度改革,出台居住证制度,加强城镇基础设施建设,新型城镇化取得新成效。

五是紧扣增进民生福祉,推动社会事业改革发展。在财力紧张情况下,保障民生力度继续加大。推出新的政策,重点解决高校毕业生和就业困难群体的就业创业问题。城镇保障性安居工程住房基本建成772万套,棚户区住房改造开工601万套,农村危房改造432万户,一大批住房困难家庭圆了安居梦。加快改善贫困地区义务教育薄弱学校办学条件,深化中小学教师职称制度改革,重点高校招收贫困地区农村学生人数又增长10.5%。全面推开县级公立医院综合改革,拓展居民大病保险,建立重特大疾病医疗救助制度、困难残疾人生活补贴和重度残疾人护理补贴制度。提高低保、优抚、企业退休人员基本养老金等标准,推行机关事业单位养老保险制度改革并完善工资制度。加强基本公共文化服务建设。广大人民群众有了更多获得感。

六是促进社会和谐稳定,推动依法行政和治理方式创新。国务院提请全国人大常委会审议法律议案11件,制定修订行政法规8部。政务公开加快推进,推广电子政务和网上办事。建立重大政策落实督查问责机制,开展第三方评估。有效应对自然灾害和突发事件。加强安全生产监管,事故总量和重特大事故、重点行业事故数量继续下降。推进食品安全创建示范行动。强化社会治安综合治理,依法打击各类违法犯罪活动,有力维护了公共安全。

我们深入开展"三严三实"专题教育,锲而不舍落实党中央八项规定精神,坚决纠正"四风",严格执行国务院"约法三章"。加强行政监察和审计监督。大力推进党风廉政建设和反腐败斗争,一批腐败分子受到惩处。

我们隆重纪念中国人民抗日战争暨世界反法西斯战争胜利70周年,集中宣示了我国作为世界反法西斯战争东方主战场的历史地位和重大贡献,彰显了中国人民同各国人民共护和平、共守正义的坚定信念!

一年来,全方位外交成果丰硕。习近平主席等国家领导人出访多国,出席联合国系列峰会、二十国集团领导人峰会、亚太经合组织领导人非正式会议、气候变化大会、东亚合作领导人系列会议、世界经济论坛等重大活动。成功举行中非合作论坛峰会、中欧领导人会晤,启动中拉论坛。同主要大国关系取得新进展,同周边国家务实合作深入推进,同发展中国家友好合作不断拓展,同联合国等国际组织和国际机制的关系全面加强,经济外交、人文交流卓有成效。中国作为负责任大国,在国际和地区事务中发挥了重要的建设性作用。
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:05 , Processed in 0.131977 second(s), 25 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش