مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 396|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەسەرلەر كاتولوگى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2016-1-28 20:47:02 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەسەرلەر كاتولوگى

مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەر

1. «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنى توغرىسىدا» («شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى» ژۇرنىلى 1980-يىل 7-، 8-سانلىرى)

2. «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ رۇبائىي ژانىرى توغرىسىدا» («شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى» ژۇرنىلى 1981-يىل ئاۋغۇست سانى؛ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى، بېيجىڭ 1981-يىل 4-سان)

3. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدە بەزى مۇلاھىزىلەر» («شىنجاڭ تارىخشۇناسلىقى» ژۇرنىلى 1981-يىل 1-سان)

4. «قەدىمكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1982-يىل 2-سان)

5. «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ» («شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1982-يىل 3-سان)



6. «ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى پارلاق نامايەندە-<قۇتادغۇبىلىك>» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1982-يىل 11-ئاي)

7. «<قۇتادغۇبىلىك>نىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئورنى» («تارىم» ژۇرنىلى 1984-يىل ئاۋغۇست سانى)

8. «<قۇتادغۇبىلىك> تەتقىقاتى» (بېيجىڭ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1983-يىل فېۋرال)

9. «تاتار ئەدەبىياتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەت ۋە تەسىرى مەسىلىسى» («شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1986-يىل 2-سان)

10. «چاغاتاي ئەدەبىياتى ۋە ئارۇز ۋەزنى» (شىنجاڭ قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، 1986-يىل)

11. «<12مۇقام>نىڭ تارىخىي مەنبەسى» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئىلمىي جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى» ژۇرنىلى 1989-يىل سېنتەبىر سانى)

12. «مىللىي ئەنئەنە ۋە مىللەت تەرەققىياتى» («شىنجاڭ گېزىتى»، ئۇيغۇر، خەنزۇ تىلىدا، 1988-يىل 9-ماي سانى)

13. «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژۇرنىلى»، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1986-يىل ئاۋغۇست، ئۆكتەبر سانلىرى)

14. «<قۇتادغۇبىلىك>تە ئىنساننىڭ مەنىۋى كامالەت تېمىسى» («قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1989-يىل نويابىر سانى)

15. «<قۇتادغۇبىلىك>تە بايان قىلىنغان ھەربىي ئىلىم نۇقتىئىنەزەرلىرى» («جەڭ غەلىبىسى» گېزىتىنىڭ 1985-يىل 30-ماي سانى)



16. «<تۈركىي تىللار دىۋانى> ۋە ئۇنىڭ مۇئەللىپى توغرىسىدا» («خەنزۇچە، ئىنگلىزچە «شىنجاڭ رەسىملىك ژۇرنىلى» 85-يىل 1-سان)

17. «يىپەك يولىدىكى ناخشا ئاۋازى» (1990-يىل، ئاۋغۇست، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى» خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن يېزىلغان. «غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1990-يىل ئاخىرىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان)

18. «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىجادىيىتىنىڭ بەدىئىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى توغرىسىدا» («تارىم» ژۇرنىلى).

19. «<12 مۇقام>غا دائىر بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە» («شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنال 1992-يىل فېۋرال سانى)

20. «رۇبائىي ۋە ئۇنىڭ كىلاسسىك نەمۇنىلىرى» («قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى، 1993-يىل مارت سانى)

21. «<قۇتادغۇبىلىك>نىڭ شېئىرىي قىممىتى توغرىسىدا» («1993-يىل 19-ئۆكتەبردىن 23-ئۆكتەبرگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «قۇتادغۇبىلى» بويىچە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ماقالىسى، «تارىم» ژۇرنىلى 1993-يىل 9-سان)

22. «قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ بەزى ئۆزگىچىلىكلىرى» (1993-يىل 25-سېنتەبردىن 29-سېنتەبرگىچە قۇمۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «قۇمۇل مۇقاملىرى مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئوقۇلغان ۋە «قۇمۇل مۇقاملىرى» ناملىق كىتابقا يېزىلغان كىرىش سۆز، «مىراس» ژۇرنىلىنىڭ 1993-يىل 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

23. «مىللەت ساپاسى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت» («تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى، 1994-يىل 4-سان)

24. «ئۇيغۇر مىللىي تىياتىرچىلىقىنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرى» (1943-يىل ئۆكتەبر، «شىنجاڭ گېزىتى»گە بېسىلغان)

25. «نەۋائى چىغىرىنى بويلاپ» (1947-يىل دېكابىر، «ئەرك» گېزىتىدە بېسىلغان).

26. «خەنزۇ تىلىدىكى پېئىللارنى توغرا تەرجىمە قىلىش مەسىلىسى» («تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن، 1957-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى).



ئىلمىي لېكسىيەلەر

1. «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى توغرىسىدا» (1979-يىل ئاۋغۇست، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلەنگەن.)

2. «قەشقەر دىيارىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنى» (1984-يىل ئاۋغۇست، قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن. )

3. «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە دائىر بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە قاراشلىرىم» (1985-يىل ماي، تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى»دا سۆزلەنگەن.)

4. «تارىخىي روماننىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا» (ئۇيغۇر رومانچىلىقى ھەققىدە 1986-يىل ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن. )



نەشر قىلىنغان تەرجىمە ئەسەرلەر

1. «ليۇخۇلەن» (1953-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان)

2. «لى يۈسەي قوشاقلىرى» (1953-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. )

3. «خۇاڭ جىگۇاڭ» (رومان، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1959-يىل نەشر قىلىنغان. )

4. «سەي ۋىنجى» (دراما، 1979-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. )

5. «باھادىر شاھ لى زىچىڭ» (2-قىسىم)، (1983-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. )



ئىجادىي ئەسەرلەر

1. «يېڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا» (داستان، 1942-يىل «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان)

2. «بىر تامچە قان» (دىراما، 1942-يىل يېزىلغان ۋە ئوينالغان).

3. «چىن مودەن» (دىراما، ل.مۇتەللىپ بىلەن بىللە يازغان، 1944-يىل ئوينالغان.)

4. «يۈرەك مۇڭلىرى» (توپلام، 1946-يىل لەنجۇدا نەشر قىلىنغان)

5. «تارىم بويلىرى» (توپلام، 1948-يىلى نەشر قىلىنغان)

6. «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» (داستان، 1979-يىل)

7. «قەشقەر كېچىسى» (داستان، 1982-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان)

8. «ئىز» (تارىخىي رومان، 1988-يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان).

9. «ئۆمۈر مەنزىللىرى» (توپلام، 1985-يىل شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان)

10. «ئويغانغان زېمىن» (تارىخىي رومان، 1-قىسىم، 1988-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان)

11. «ئويغانغان زېمىن» (تارىخىي رومان، 2-قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1994-يىل نەشر قىلىنغان.)
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:08 , Processed in 0.069654 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش