مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 332|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

زوردۇن سابىرنىڭ نەشىر قىلىنغان ھېكايە-پوۋېست توپلاملىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2016-1-28 20:45:20 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى

زوردۇن سابىرنىڭ نەشىر قىلىنغان ھېكايە-پوۋېست توپلاملىرى ئون نەچچە
پارچىدىن ئاشىدۇ. رومانى تۆت پارچە بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە «ئانا يۇرت»
رومانىنىڭ تەسىرى ناھايىتى زور. بۇ روماننى زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىگە
ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر رومان دەپ ئېيتىشقا ، شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخىي
رومانچىلىقى ساھەسىدىكى ئەڭ نادىر نامايەندە دەپ تونۇشقا بولىدۇ.
زوردۇن سابىرنىڭ مۇكاپاتلانغان ئەسەرلىرى:
(1) «دولان ياشلىرى» ناملىق ھېكايىسى 1979–يىلى ئاپتونوم رايۇنىمىز بويىچە
1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1981–يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر
يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا
ئېرىشتى.
(2) «قوبۇلخانىدا» ناملىق ھېكايىسى 1981–يىلى ئاپتونوم رايۇنىمىز بويىچە
ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىللىق ئەدەبىي
ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 2–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
(3) «ئىزدىنش» رومانى 1983–يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت
يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە «مۇنەۋۋەر رومان»
مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
(4) «ئانا يۇرت» تېرىلوگىيەسى 2002–يىلى 3–نۆۋەتلىك «گۈلزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
يازغۇچى زوردۇن سابىر 1992–يىلى «تەڭرىتاغ»ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان راي سىناش
پائالىيىتىدە ئۇيغۇر كىتاپخانلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۈچ ئەدىبنىڭ بىرى
بولۇپ باھالاندى.
ئۇنىڭ ھاياتى ھەم ئىجادىيەت نەتىجىلىرى «يېڭى كۈزەتكۈچى»، «ھېكايىلەر
ئايلىق ژورنىلى»، «تاللانغان ھېكايىلەر»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى
تەتقىقاتى»، «مىللىي يازغۇچىلار»، «ئەدەبىيات سەنئەت خەۋەرلىرى»قاتارلىق
مەملىكەتلىك گېزىت ژورناللارداتونۇشتۇرۇلدى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:08 , Processed in 0.064967 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش