مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئالاقە تورىدىكى 10چوڭ يۈزلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-10 03:58  


ئالاقە تورىدىكى 10چوڭ يۈزلىنىش

2016.01.07 17:18  مەنبە: خەلق تورى
  ئەسلى تېما: خەلق گېزىتى يېڭى تاراتقۇ نۇسخىسى، خەلق تورى تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە «ئالاقە تورىدىكى 10چوڭ يۈزلىنىش»نى ئېلان قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
  بىرىنچى، جۇڭگو «تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرگە بەرپا قىلىش»نى تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلدى
  2015-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى جېجياڭ ۋۇجېندا ئېچىلدى، كۆلىمى مىسلىسىز بولدى. يىغىندا «تور بوشلۇقى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق پائالىيەت قىلىدىغان بوشلۇقى، تور بوشلۇقىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق باشقۇرۇشى كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئالاقە تورى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال قاتنىشىش مۇساپىسى باشلاندى.
  ئىككىنچى، «ئالاقە تورى پىلۇس»نىڭ سىڭىشىشى تېزلىتىلدى
  2015-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى، سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى ئورگان تورىدا «ئالاقە تورى پىلۇس» ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى ئېلان قىلىنىپ، 2018-يىلىغا بارغاندا، ئالاقە تورى بىلەن ياساش كەسپىنىڭ بېرىكىشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2015-يىلى، دۆلەت تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت- ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى، قاتناش مىنىستىرلىكى، دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكى، سودا مىنىستىرلىكى، دۆلەت سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت مىنىستىرلىكى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماق «ئالاقە تورى پىلۇس» ھەققىدە پىكىر ئېلان قىلدى. «ئالاقە تورى پىلۇس» دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسى بولۇپ، ھەرقايسى كەسپلەرگە تېخىمۇ تېز سىڭىشماقتا.
  ئۈچىنچى، تور كۈچلۈك دۆلىتى بولۇش بۇرغىسى چېلىندى
  «ئون ئۈچىنچى بەش يىللىق پىلان» تەكلىپىدە، «تور كۈچلۈك دۆلىتى بولۇش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇپ، تېز، كۆچمە، بىخەتەر، كەڭ بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىدۇ» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەيلى تورداشلار كۆلىمى، تور ئۇچۇرىنىڭ تارقىتىشلىش مىقتارى، ئېلېكترونلۇق سودا مىقتارى ۋە سودا سوممىسى بولسۇن، ۋە ياكى G3، G4ئابونتلىرى، كارخانا تېخنىكا ئىجادچانلىقى ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىدىن قارىغاندا بولسۇن، جۇڭگو ئالاقە تورى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى مۇقىم بولدى. تور كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى جۇڭگو ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
  تۆتىنچى، ئەقلىي ياساش تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى
  2015-يىلى، ئالاقە تورى ئەقلىي ياساش سانائەت 4.0ۋە ئەقلىي كەسپ تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئەندىزىسى بولۇپ قالدى. 5-ئايدا گوۋۇيۈەن «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» ئىستراتېگىيەسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، يېڭى تىپتىكى سېنزور،ئەقلىي كونترول سىستېمىسى، سانائەت ماشىنا ئادىمى، ئاپتوماتىك يۈرۈشلەشكەن ئۈسكۈنىلەرنى ۋەكىل قىلغان ئەقلىي ياسىما كەسىپلىرى تېز تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.
  بەشىنچى، زور سانلىق مەلۇماتنىڭ قوللىنىلىشى ئومۇمىيۈزلۈك تېزلىتىلدى
  2015-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى زور سانلىق مەلۇمات سودا ئورنى __ گۇيياڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات سودا ئورنى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ھەمدە تۇنجى تۈركۈمدىكى زور سانلىق مەلۇمات سودىسىنى تاماملىدى. 2015-يىلى 12- ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىكى جوڭگۇەنسۇن تۇنجى قېتىم جەمئىيەتكە «زور سانلىق مەلۇمات» كەسپ تەرەققىيات سىخېمىسى ۋە كارخانىلار تارقىلىش سىخېمىسىنى ئېلان قىلدى، 2020-يىلىغا بارغاندا سانلىق مەلۇمات ئىجادچان كارخانىسىدىن 600كارخانا جوڭگۇەنسۇنگە يىغىلىدۇ، زور سانلىق مەلۇمات ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان 6000كارخانا يېتىشتۈرۈلىدۇ. سىياسەت، تېخنىكا ۋە ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگونىڭ زور سانلىق مەلۇمات كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلىدۇ.
  ئالتىنچى، كۆچمە ئالاقە تورى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە «گېن» بولۇپ قالدى
  سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ سىتاتېستىكا قىلىشىچە، 2015-يىلى 10-ئايغا قەدەر، دۆلىتىمىزنىڭ كۆچمە تېلېفون ئابونتلىرىنىڭ كۆلىمى بىر مىليارد 300مىليوندىن ئاشقان، كۆچمە ئېنتىرنېت ئابونتلىرنىڭ سانى 950مىليونغا يەتكەن، ئابونتلارنىڭ ئايدا ئوتتۇرىچە تورغا ئۇلانغان ئېقىم مىقتارى 361.6مېگابايتقا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %88.3ئاشقان. دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۆتىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش (4G) تورىنى قۇرۇپ چىقتى. كۆچمە ئالاقە تورى ئالاقە تورىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك، تەرەققىياتى ئەڭ تېز قىسمى بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇپ قالدى.
  يەتتىنچى، تور بوشلۇقى قانۇن سىستېمىسى شەكىللەندى
  2015-يىلى 7-ئايدا، تور بىخەتەرلىك قانۇنى لايىھەسىگە قارىتا جەمئىيەتتىن ئاشكارە پىكىر ئېلىندى. 11-ئايدا يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى (توققۇز)» پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا بولغان قوغداشنى كۈچەيتىپ، ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىش جىنايىتى ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى كۆپەيتىپ قوشتى. «تېلېگراف قانۇنى»، «ئېلېكترونلۇق سودا قانۇنى» لايىھەسى تۈزۈلمەكتە. بىر تۈركۈم قېلىپلاشتۇرۇش خارەكتېرىدىكى ھۆججەت، پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى تور بوشلۇقى قانۇن بەلگىلىمىسىنىڭ تولۇقلىمىسى بولۇپ قالدى. دۆلىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقى قانۇن سىستېمىسى شەكىللەندى.
  سەككىزىنچى، ئالاقە تورى «قوش ئىجاد» ئۈچۈن پۇرسەت ياراتتى
  تور ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى يادرولۇق ۋاستىسى بولۇپ قالدى، سانسىزلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ زورايدى، بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى ئالاقە تورى شىركەتلىرى ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش مېخانزمى ئورنىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئىكولوگىيەسىنى بەرپا قىلدى. ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، تېخنىكىدا، مۇلازىمەتتە، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەشتە ئىزدىنىش دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇرلاپ يولغا قويۇشتىكى بېسىپ ئۆتۈش زۆرۈر بولغان يول بولۇپ قالدى.
  توققۇزىنچى، ھەمبەھىرلەش ئىقتىسادى يېڭى كەسپلەر ئىكولوگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى
  ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ھەمبەھىرلەش ئىقتىسادىنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگۈزدى. كۆچمە ئالاقە تورى، زور سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇچۇرنىڭ ھەمبەھىرلىنىشى تېخىمۇ قولايلاشتى، بىكار قالغان، تارقاق بولغان ئىجتىمائىي بايلىق ئالاقە تورى سۇپىسى ئارقىلىق قايتىدىن تەقسىملىنىش ئارقىلىق، سېلىنما تۆۋەنلىتىلدى، ھەمدە «ئاغرىش نۇقتىسى» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ھەمبەھىرلەش ئىقتىسادىنىڭ يېڭى كەسپ ئىكولوگىيەسى، يېڭى ئەندىزىسى كەلگۈسى كەسپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولماقتا.
  ئونىنچى، تاراتقۇ سۇپىسىنىڭ چېگراسى تەدرىجىي يوقالماقتا
  2015-يىلى يېڭى تاراتقۇ تەرەققىياتى، تاراتقۇلارنىڭ بېرىكىش قەدىمى زور دەرىجىدە تېزلىتىلدى، ئەنئەنىۋىي تاراتقۇلار «مەركەز ئاشخانىسى»، «دەرىجىدىن تاشقىرى تەھرىر بۆلۈمى» قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، يېڭى نۇسخىدىكى خەۋەر تېرمىنالىنى ئېلان قلىپ، ئوخشىمىغان يول، ئوخشىمىغان شەكىلدىكى تاراتقۇ ئۇچۇرلىرى رەقەملىك سۇپىدا بىرىكتى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىبابا زور تۈركۈمدىكى تاراتقۇلارنى سېتىۋالدى؛ ئويۇن سۇپىسى، ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى، يۇمتال سۇپىسى قاتارلىقلار دەرقەملىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. رەقەملەشكەن سۇپا تېخنىكىسىدا تاراتقۇ بىلەن تاراتقۇ ئەمەسلەرنىڭ چېگراسىنى يوقاتتى، قانۇن ۋە سىياسەت تۆۋەن چەك بولۇپ قالدى.
  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

http://uyghur.people.com.cn/307382/15561306.html

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:25 , Processed in 0.060441 second(s), 24 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش