مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 233|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇر تىلىدا تەخمىنەن %75 سۆز ئاجىزلىشىدۇ، %25 سۆز ئاجىزلاشمايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2015-12-25 23:22:50 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
ئالىم ئەھەت: كومپيۇتېرىم بىر ھەپتە ھېسابلاپ تۆۋەندىكىدەك قانۇنىيەتلەرنى چىقىرىپ بەردى. (ئەمما يەنە 20 نەچچە كۈن داۋاملىق ھېسابلايدۇ)
ئۇيغۇر تىلىدا:
(1) 18.13% سۆز ئاجىزلاشمايدۇ، مەسىلەن: ‫ئاپتومات، ئىنسان، ئاخبارات، ئەۋلاد، ئەھۋال،...
(2) 81.87% سۆز ئاجىزلىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە %52.03 قائىدىلىك ئاجىزلىشىدۇ، %1.44 سۆز ھەم ئاجىزلىشىپ ئىككى بىسلىق مەنا ئاڭلىتىدۇ. مەسىلەن: ئىسكىلات (ئامبار)، ئىسكىلىتى (سۆڭەك)؛ %28.40 سۆز قىسمەن ئەھۋاللاردا قائىدىگە چۈشمەيدۇ.
قىسقىچە خۇلاسە: ئۇيغۇر تىلىدا تەخمىنەن %75 سۆز ئاجىزلىشىدۇ، %25 سۆز ئاجىزلاشمايدۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 23:23:39 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلىنى بۇنىڭدىن ئاتمىش يىل بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن يەتمىش بەش پىرسەنت سۆزنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە يېزىق ئۆزگەرتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئاتمىش يىل بۇرۇن پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسى ئىككى مىڭ گېگابايت قاتتىق دىسكىغا پاتقان بولسا، ھازىر پەقەت بەيدۇ ئىزدەش رامكىسىغا كىرگۈزۈلگەن كۈندىلىك تېكىستنىڭ مىقدارى ئىككى مىڭ گېگابايتقا توغرا كېلىدۇ. ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تاراتقۇلاردا كۈندىلىك يوللىنىدىغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ مىقدارىمۇ ئاز ئەمەس، شۇڭا ھازىر ئۆزگەرتىپمۇ يېتىشەلمەيسىز. ھازىرقى چوڭ مەلۇماتلىق ئۇچۇر دەۋرىدە ئىملا ئۆزگەرتىشمۇ ئىنتايىن پايدىسىز.

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 23:24:04 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
tv
مېنىڭچە ئاجىزلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرسەك پەقەت سۆزلەرنىڭ تەلەپبۇزى ياكى ئوقۇلىشى ئۆزگىرەيدۇ.  لېكىن بۇ ئۆزگىرىش سۆزلەرنى تونۇغۇسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويمايدۇ.  شۇڭا %75 سۆزلۈكۈمىز ئەمەس بەلكى %75 سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدا بىراز تۈزىتىلىدۇ.

مەسىلەن، داداسى دېسەك قايسى ئۇيغۇر چۈشەنمەس؟  سېرىق دېمەي سارىق دېسەم يەنىلا كۆپىنچى ئۇيغۇرلار بىلەلەيدۇ.

شۇڭا تەسىرى ئۇنداق ئېغىر بولماسمىكىن دەيمەن.

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 23:24:39 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭچە بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدىكى خەلقىگە خىزمەت قىلىش كېرەك.  زاما نىمىزدا تېخىمۇ شۇنداق.  بىزنىڭ تىلىمىز ھازىر ئۇناىق ھالەتتە ئەمەس.  بۇنداق دېيىشىمنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:  كۆپىنچى ئۇيغۇرلار ھەم ئېغىزدا ھەم يېزىقتا ئىملا خاتالىقى ئۆتكۈزىدۇ.  بەزى ئوقۇمۇشلۇق كۆپ تىللىق ئۇيغۇرلار تىلىمىزنى ساغلام ئىشلەتمەيدۇ.  بەزى يات تىلدا تەربىيە كۆرگەنلەر تىلىمىزدىن پەخىرلەنمەيدۇ.  بۇنداق بوپ قېلىشنىڭ قىسمەن سەۋەبىنى تىلىمىزدا مەۋجۇت بولغان ھەر تۈرلۈك مەسىلەر دەپ كۆرىمەن.  بۇ مەسىلىلەر ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولغان بىرى قائىدىلەرنىڭ بۇزۇلغىنى ۋە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان قائىدىنىڭ مۇرەككەپلىشىشى.  مۇشۇ سەۋەبدىن ئارىمىزدا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنى تولۇق ئىگىلەيىگەنلەر ئىنتايىن ئاز.

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 23:25:04 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭچە ئۆزگەرتىش توغرا كەلسە چوڭ بىر تۈزىتىش كېرەك.  ئاجىزلىشىش مەسىلىسىدىلا توختاپ قالساق يەنىلا چالا بوپ قېلىشى مۇمكىن.  توغرا، بىز ئۇنىڭ زىيىنى ياكى ماسلىشىش جاپاسىغا يۈزلىنىمىز.  لېكىن يىراقنى كۆزدە تۇتساق، ئەۋلادلىرىمىزنى ئويلاشساق، ئەرزىيدۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەن بىر ئەسىردە تارتىشقۇدەك نەرسىلىرىمىز بەكمۇ كۆپ ئەمەس.  جەۋھەرلەرنى قايتا نەشىر قىلغىلى بولىدۇ.  بۇنداق ئىشنى باشتىن كەچۈرگەن مىللەتلەر ئاز ئەمەس.  مەسىلەن، خەن ۋە تۈركلەر.  ئۇلارغا قارىغاندا يۈز يىل كېچىككەن بولىمىز.  ئەمما بىز قايسى بىر ياخشى ئىشتا كېچىكمەي قالغان؟

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 23:25:40 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئالىم ئەھەت: مەن ئەمەلىيەتتە بىر تېكىستنى بەرسە بىر كۇنۇپكا بېسىپلا ئاجىزلاشمايدىغان ھالەتكە، يەنە بىر بېسىپلا ئەسلىي ھالىتىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ئىشنى سىناق قىلىۋاتىمەن،

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 23:26:06 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ماھىرە ياقۇپ:Til ozgiridu terreqqi qilidu Ager 75% ogirip yasslghan bolsa yene keynige qaytutushning hajiti barmu. Bu huddi yeziq uningdin buninggha ozgertkinimiz bilen barawer. Bezi sozlerde ozgermesliki uning axirqi boghumi yenila urghuluq turghini we yaki bu qobul qilinghan sozlerde asli tip tiki uzun Sozuq tawush bilen bughumning axirqi herpi(coda position)qush herp bolghachqa bizge kirgende addiyliship yada urghuluq eytilip yada uzun Sozuq qisqirap yada Her ikkilisi  yuz berip yada ang axirqi herp chushup qelish hadisliri tupeylidin yenila murrekep boghum haliti Ni belgilik derijide saqlap qalghan. Bundaq sozler aslide tilda urghuluq Bolidu.  Shunga bizge kirgende yenila chokturme halattiki murrekep boghumluq (CV:C/CV:CC)haliti az tola mewjut shunga ajizlashmaydu. Ager siz ajizlashmighanni yighip elip kelsingiz kopinchisi pars we Arab tilidin. Kirgen. Andin bu tilkardiki halitide hazirmu shu murrekep bughumluq halitide ozgergini yoq. Bezi sozler sap Turk tili bolsimu Lekin

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 23:26:25 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
Aslidiki halitide bezi herpler chushup qelish bilen birge shu herp orni yeni fonetikiliq orni saqlinip yada yotkilish tupeylidin uzun Sozuq tawush bolup qalghan.  Ajizlishish uzun Sozuq tawushqa uchrisa ajizlashmaydu.  Shunga ajizlashish we ajizlashmasliqning hemmisi til qaydisige chushidu.  Ozgertishning orni yoq.  

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 23:27:54 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تىلىمىزدىكى بۇنداق قائىدىلەر بەكلا مۇرەككەپ.  ھەتتا مۇشۇ توپتىكىلەر ئىچىدىمۇ تولۇق بىلمەيدىغانلار خېلى بار.  ئادەتتىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق (مەسىلەن مەندەكلەر).  بۇ تىلىمىزنىڭ تەرەقىياتىغا زىيانلىق.  ئەگەر قائىدىلەردە بىرلىك بولسا، ئۆگىنىشكە ئاسانراق بولسا، تىل ئىگىسى بولغان خەلقىمىزمۇ ياخشى ئۆگىنەلەيدۇ.  مەسىلەن، ئاجىزلاش يوق بولسا، سۆز تۈرلەشتە خاتالاشماسلىق ئېتىمالى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.  ئەگەر ئۇزۇن-قىسقا سوزۇق تاۋۇش، پارس-ئەرەپ كىرمە سۆزلىرى'دەك مۇرەككەپ قائىدە بولسا، ئۆگەنمەك تەس، توغرا ئىشلەتمەك تېخىمۇ تەس بوپ قېلىپ، ئاخىرى تىلىمىز تىلشۇناسلارلا توغرا ئىشلىتەلەيدىغان تىلغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 23:28:11 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
نورمال ئوقۇغان ئامېرىكىلىق ۋە تۈركىيىلىكلەر بىلەن پاراڭلىشىپ تىللىرىنىڭ ئىملاسىغا ئائىت سوئاللارنى سوراپ باققانتىم.  كۆپىنچىسى ناھايىتى ئوبدان چۈشەندۈرەلىدى ھەم توغرا جاۋاب بەردى.  ئەمما خېلى ئوقۇغان ئۇيغۇرلاردىن سورىغىنىمدا ئۈمىدسىزلەندۈردى.  ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىنگىلىزچىسى ياكى تۈركچىسى ناھايىتى ياخشى بولغانلار بار ئىدى.  سەۋەبى نېمىدۇ؟  تىلىمىزنىڭ مۇرەككەپلەشتۈرۈلگەن قائىدىلىرىدىن كۆرگىلى بولماسمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:22 , Processed in 0.064331 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش