مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 246|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەشقەرلىك ساپالچى: پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق قەدىمىي ھۈنەر-سەنئەت...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610


قەشقەرلىك ساپالچى: پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق قەدىمىي ھۈنەر-سەنئەتنى داۋاملاشتۇرىمەن
زۇلپىقار ئابابەكرى ئىكىسكۇرسىيەچىلەرگە ئۆزىنىڭ يېڭى لايىھەلەپ پىشۇرغان ساپال بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇرماقتا.
  قەشقەردىكى ساپالچىلىقنىڭ 7-ئەۋلادى ۋارىسى بولغان 64ياشلىق ساپالچى تۇرسۇن رۇستەم بۇ يەردىكى ئەڭ كەسپىي ساپالچى. گەرچە ئۇنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر ئىگىلىيەلمەيدىغان ماھارىتى بولسىمۇ، بىراق ئۇ تېمپراتۇرانى كونترول قىلىش جەھەتتە يەنىلا بەكمۇ توغرا قىلالمايتتى، ھەمدە خۇمداننىڭ ئىسسىقى تەكشى بولمىغانلىقتىن، پىشۇرۇپ چىقارغان ساپال بۇيۇملارنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ئاران %70ئەتراپىدا ئىدى.

  2013-يىلى، زۇلپىقار ئابابەكرى تۇرسۇن رۇستەمنى ئۇستاز تۇتۇپ، تۇرسۇن رۇستەم جەمەتىنىڭ «8-ئەۋلاد ساپالچىلىق ۋارىسى» بولۇپ قالدى. ئۇستازى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ياش شاگىرتنىڭ ئىدىيەسى ئەركىن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي سازلىرى ۋى گۈل نەقىشلىرىنى ساپالغا بېسىپ چىقىرىشقا ماھىر ئىدى، يەنە تېخى يېڭى تېخنىكىلارنى ئەنئەنىۋىي ساپالچىلىقتا ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرەتتى. 2015-يىلى يازدا، زۇلپىقار بىر يۈرۈش توكلۇق خۇمدان سېتىۋېلىپ، زامانىۋىي مۇھىت ئاسرايدىغان تېخنىكىنى ئەنئەنىۋىي ساپالچىلىقتا ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۇرسۇن ئۇستاممۇ سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭدېجېن بازىرىدىن توكلۇق خۇمدان ۋە يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدى. 12-ئاينىڭ باشلىرىدا، شۇ يەرلىك توك تەمىنلەش تارماقلىرىنىڭ ياردىمىدە، بىرىنچى توكلۇق خۇمدان قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ ئارايولدىكى دۇكاندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. توك ئارقىلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەنگەن خۇمداندا تېمپىراتۇرا مۇقىم بولۇپلا قالماستىن، يەنە خۇمدان ئىچىدىكى ئىسسىقلىق تەكشى بولدى، بىرىنچى قېتىم پىشۇرغان ساپال بۇيۇملارنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %90تىن ئاشتى.




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-12 07:12 , Processed in 0.108581 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش