سۇرىيەلىك مۇساپىر سۈرىيە
سۆرەتتە: 12-ئاينىڭ7-كۈنى، سۇرىيە پايتەختى دەمەشق شەھىرى ئەتراپىدىكى جالاماننا بازىرىدىكى ئۆيدە،سۈرىيە قىزى بىلەن بىللە. سۈرىيە ۋە يولدىشى قاتارلىق بىر ئائىلىدىكى ئالتە جان كىشى ئۇرۇشئوتلىرىدىن قېچىپ، سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئالېپپو ئۆلكىسىدىن يېرىم يىل ئىلگىرىدەمەشققە كەلگەن. بىر ئائىلە كىشىلىرى تازىلىق ئۆيى ۋە ئاشخانىسى يوق، ئايلىقئىجارىسى 8000 سۇرىيە پوندى بولغان ئىككى ئېغىز ئاددىي ئۆينى ئىجارە ئېلىپتۇرماقتا. سۈرىيەنىڭ يولدىشى تىككۈچى، ئىككى بالىسى شۇ يەردىكى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.سۈرىيەنىڭ يولدىشىنىڭ ھەرئايدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان كىرىمى ئۆي ئىجارىسىنىتۆلىگەندىن كېيىن ھىچقانچە ئاشمايدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئاساسلىقىسۇرىيە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ ھەر ئۈچ ئايدا تارقىتىدىغان تۇرمۇش ياردىمىئارقىلىق قامدايدۇ. سۈرىيە بۇ سەرسانلىق تۇرمۇشىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنىبىلمەيدىغانلىقىنى، بالدۇرراق ئالېپپوغا قايتىپ، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ياشىنىپقالغان ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جالاماننابازىرىنىڭ باشلىقى مېنچىلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يەرنىڭ پايتەخت دەمەشق بىلەن بولغانئارىلىقى ئاران 10 كېلومېتىر كېلىدىكەن، ئۇرۇشتىن بۇرۇن، دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇس 30مىڭ بولۇپ، ھازىر مۇساپىرلارنى قوشقاندا بىر مىليون 300 مىڭ نوپۇس بار ئىكەن.
|