مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 369|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يالقۇن روزى — ئەدىبلەر نېمە ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
ئەدىبلەر نېمە ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ
يالقۇن روزى
قەدىمكىزاماندا ئۆتكەن مەشھۇر پەيلاسۇپ سوقرات«ھەقىقەتنى بىر ئادەم سۆزلەيدۇ ، پىتنە–پاساتنى مىڭ ئادەم سۆزلەيدۇ» دېگەن ئىكەن ھەقىقەتنى قۇغداش مەيدانىدا مۇستەھكەمتۇرۇپ دارغا ئىسلغان سوقرات ئۆز زامانداشلرى ئىچىدە ھەقىقەتنى سۆزلىگەن ساناقلىقلاكىشلەرىنڭ بىرى بىرى ھىساپلىندۇ . ئۇنىڭ ئافىنا سوتىدا سۆزلىگەن چاغدىكى جاراڭلىقئاۋازى تاكى ھازىرغىچە ياڭراپ تالاي كىشلەرنىڭ قەلىبىنى لەرزىگە سالماقتا ، ئەلۋەتتەھەقىقەتلا ئىجازەتسىز ساياھەت قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە. مەن ئەدەبىياتكوچىسىغا ئىشتىياق باغىلغاندىن بۇيان ئوقۇغان ئەسەرلىرىمدە ئەدىبلەرنىڭ ھەقىقەتقارىشغا ۋە ئىدىيۋى مەۋقەسىگە بەكرەك قاراپ كەلدىم .ئادەتتە ئەدەبىيات تارىخىدىكىساختىلقىنى ،چىنلىق ،رەزىلىكىنى گۈزەللىك ، قەبىھلىكىنى مىھىرىبانلىق دەپچۆشىندىغان ياكى ئۇلارنىڭ پەرقىنى مۈجمەل ئەدىبلەر كۆپ ئۈتكەن ، شۇڭا ، نۇرغۇنئەدىبلەرنڭ يازغانلىرى تارىخنىڭ سىنقدىن ئۆتەلمەي ، دەۋىر شامالىدا تۇزۇپ تۈگكەن ،بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئەدەبىيات تارىخىغا ھەقىقەت نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولساق ،ھەرخىل مەۋقەدىكى ئەدىبلەرنى ، يەنى ھەقىقەت ئۈستدە تىنىمىسز ئىزدەنگەن ئىزدىنىشرۇھىغا باي ، پاراسەتلىك ئەدىبلەرنى : ھەقىقەت مەيدانىدا تەۋرەنمەي تۇرالىغانجاسارەتلىك ئەدىبلەرنى ھەقىقەت ئۆچۈن بارلىقىنى بىغىشلاپ تىللاردا داستان بولغانئوت يۈرەك ئەدىبلەرنى : ھەقىقەتىن بىخەۋەر ھالدا ياشاپ ئۆتكەن ئالجۇقا ئەدىبلەرنى: ھەقىقەتىنى تۇنۇغان ئەمما يېقىنلىشقا جۈرئەت قىلالىمغان توخۇ يۈرەك ئەدىبلەرنى ،ھەقىقەتنى قۇغداشقا ھەرقاچان تەييار تۇرغان پىداكار ئەدىبلەرنى ، بىر ئۆمۈرھەقىقەتنى سىتىپ خەجلەپ ئادەتلەنگەن « ھايانكەش» ئەدىبلەرنى كۆرىمىز
ھەرقايسى ئەل ئەدبياتنىڭ ئاسمىنىدا نۇرانە يۇلتۇزلاردەك چاراقلاپ، ئۆزىگە تىكلىگەنجۈپ-جۈپ كۆزلەر قاماشتۇرۋىتىدىغان ئەدىبلەر دەل تارىخنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەنتاسقاشلىرىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ ، جاھان ئەھلىنىڭ ئورتاق ئىتىراپ قىلشغا ئىرىشكەنئەدىبلەردۇر . بىلش قانۇنيىتى بۇيىچە ئىيتقاندا ، بىر ئادەمىنىڭ تۇنۇشى تەدرىىجىچوڭقۇرلىش جەرياننى بىسىپ ئۆتىدىغانلىقى تەبىئى ئەھۋال . بىز ھەرقانداق ئەدىبىنىڭھەقىقەتنى بىلش جەرياننى مۇشۇ قانۇنىيەت بۇيىچە كۆزىتىمىز . مۇشۇنداق ئىلىمى پۇزىتىسيەبۇيىچە قارىغاندا دىقىتىمىزنى ئالاھىدە تارتدىغىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىن ،ئىنقىراق ئىيتقاندا ھەقىقەت قارشىدىن پۇشايمان خاراكتىلىك خۇلاسە چىقارغان بىرقىسىم ئەدبىلەردۇر . پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ بلشلىرى جەريانىدا . بىر ئادەمىنڭ بارلىقبىلش جەريياندا سۇبىكتىپ بىلەن ئوبىكتىپىنىڭ تامامەن ماس، بىردەل بۇلۇشىنى ئىشقائاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس .سەپسەتدىن قۇتۇلماق تەس . لاتىنلارنىڭ « خاتالاشمايىدىغانئادەم يوق ، خاتالقىدا چىڭ تۇرۋىلىش كالۋالىق ، ئاقىللار خاتالاشمايدىغانلارئەمەس، بەلكى خاتالاشسا شۇئان تۈزتىدىغانلاردۇر » دەيدىغان ھىكىمەتلىك سۆزى بار .بىر ئەدىبكە نىسبەتەن ئىيتقاندا ئىلگىرىكى ئىجادىيەت يولىدىن پۇشايمان قىلشقارىماققا كىشىنى ئۆكۈندۈرىدۇ ، ئەمما چۆڭقۇراق كۈزەتسەك ، پۇشايمانلىق تەپەككۇرقىلش مەزكۈر كىشىنڭ ئىدىيۋى تۇنۇشىدا ، قىممەت قارشىدا تۈپتىن بۇرۇلۇش بولغاندا ،ھەقىقەتنى يىڭى باشتىن چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەندە كۆرۈلىدىغان ئىجابى سۈپەتئىكەنلىكىنى بايقايمىز . بىر ئۆمۈر ھەقىقەتنى تۇنۇش ، چۈشىنىش بەختىگە مۇيەسسەربولالماي ئۈتۈپ كەتكەن ۋە ئۈتۈپ كىتۋاتقان ئەدبىلەرگە سىلشتۇرغاندا ھەقىقەت ئىزدەپۋە ھەقىقەتنى چۈشىنىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىر ئەدىب ئۆچۈن بەخىت ھەميۇقىرى مەنىۋى ساپا ھىساپلىنىدۇ ، ئەلۋەتتە
ئۆزىنىڭئىجادى ھاياتىدىن پۇشايمان خاراكتىلىك خۇلاسە چىقارغان بى خلىدىكى ئەدبلەر بىزنىڭمىللى ئەدەبىيات تارىخمىزدىمۇ بار . مەن 1980-يللاردىن بۇيان ئۈز ئەدىبلىرىمىزنىڭھەقىقەت قارشىغا ، يەنى ئۇلارنىڭ ئەسەرلرىدە ئەكىس ئەتكەن چىنلىققا ، ئۇلارنىڭھەقىقەتنى سۆزلە جاسارىتىگە ۋە ھەقىقەت ئىزدەش قىزغىنلىقىغا ، قىسقىسى ،خەلىقىمىزنىڭ تارىخى كەچۈرمىشى ۋە ئىجتمائى رىئاللىقىغا مۇناسۋەتلىك ھەقىقەتمەسلىسىدىكى مەيدانىغا بەكرەك دىققەت قىلىپ كەلدىم ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھەقىقەتبولسىلا ، قەلىمىدە ئەكس ئەتمەي قالمايتى شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆز جۈمىللىرى ئارىسدا ،مىسرا –كۇپلىتلىرنىڭ قات-قاتلىرىدا ھەقىقەت دۇردانلىرنىڭ بار –يوقلىقىنى بەكرەكزىغىرلىدىم . شۇ جەريانىدا بىر قىسىم ئەدىبلىرىمزىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەتمۇدىئاسى ۋە مەۋقەسىدىن پۇشايمان خاراكتىرلىك خۇلاسە چىقارغانلىقىنى ھىس قىلدىم .شۇ يىرى دىققەتكە سازاۋەركى ، ئۇلار بۇ خلىدىكى ئەسەرلىرىنى 55-بەشتىن كىينكى ياشباسقۇچىدا يازغان ئىدى . ئومۇمى مەنىدىن ئىيتقاندا ، قەلەمكەشلەرنىڭ ئۈمۈرلۈكئىجادىيەت مۇدىئاسى ۋە مەۋقەسىدە بۇرۇلۇش ياسشى ، شۈبھسزكى ، مەزكۇر ئەدىبىنىڭئىجادىيەت ھاياتىغا ئالاھىدە قىممەت بىغشلايدۇ . 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىتارىخىدا ئىجادىيەت بىلەن سۇغۇللانغان ، ئەمما ، ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزىنىڭ ھەقىقەتقارىشىنى چىن مەنسى بىلەن يىڭلاپ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىن پۇشايمان خاراكتىلىكخۇلاسە چىقارىغان ئەدىبلەر ئانچە كۆپ ئەمەس . ئەسىلدىلا ھەقىقەتكە بولغانھىرىسمەنلىك ھىسىسياتى يوق ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنشىنى ئادەت قىلمىغان ئەدىبلەرنېمە يېزىشىدىن قەتىئىنەزەر ھەقىقەت بىلەن مۇناسۋەتسىز ھالدا قايسى كۈچىنىڭ يىشىلچىرىقى يىقلسا نىشاننى شۇ ياققا بۇراپ ، ئاغىزىغا نېمە كەلسە، شۇنى يېزىپ ياشاپكىتىۋىرىدۇ . ئەمما ، ھەقىقەتكە ھىرسىمەن ، ھەر ۋاقىىت ھەقىقەتنى تىپشىنىڭ، ئۇنىتۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئىپادىلەشنىڭ كويىدا بولغان ئەدبىلەر ھەقىقەتنى تاپقانياكى يىڭىۋاشتىن تۇنۇغان چىغىدا ئىدىيىدە تامامەن « قاسراق » تاشلاپ ، يىپيىڭىقىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ . بۇ خلىدىكى ئەدىبلىرىمىزدىن ھازىرچە مىنىڭبىلىدىغانلىرىمدىن نېمى شېھىت ، ئابدۇرېىھىم ئۈتكۈر ، ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئمىن ،روزى سايىت قاتارلىقلار بار
شائىرنېم شېھىت 1971-يىلى ئاۋغۇستا ئانا يۇرتى بايدا ئۆمىرىنىڭ ئاخىردا ناھايىتى قىيىنكۈنلەر باشتىن كەچۈرۋاتقان چاغلىرىدا « پىقىرنىڭ ئىقرارى » ناملىق ئېسل شىئرىنىيېزىپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائى ھەقىقەتنى تامامەن خاتا چۈشىنپ كەلگەن پۇشايمىنى چوڭقۇرنادامەت بىلەن ئەكس ئەتتۇرگەن
شائىرئابدۇرېھىم ئۈتكۈر 1981-يىلى يىشى 58 گە ئۇلاشقاندا « ھىدايەتنامە » ( يەنە بىرئىسمى « ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس ») ناملىق نادىر شىئىرىنى ئىجاد قىلىپ ئەڭ تۈپھايات ھەقىقىتىنى خاتا چۈشىنىپ ياشاپ كەلگەنلىكىنى تەن ئالغان . شائىر بۇ بىر پۈتۈنشىئرىنى « ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى » دىگەن مىسرا بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئۈزىنىڭ ساماۋى ھەقىقەتنى يىڭباشتىن ، چىن مەنسى بىلەن تۇنۇپيەتكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن . ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەمەتئىمىن 1993-يىلى يىشنىڭ 60 قاتولغانلىقى مۇناسۋىتى بىلەن يازغان كاتتا ئەسىرى «ئۆمۈر تەلقىنلرى»دە ئۆزىنىڭ60ياشتا مىتافىزىكىلىق ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ئارىف بولغانلىقىنى يەنىئويغانغانلىقىنى ئىقىرار قىلغان . ئۇنىڭ « ئارىف»لىقىنىڭ مەنسى تىخمۇ كەڭ ھەقىقەتمەزمۇنىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان . ئۇ ئۆزىنىڭ مەنىۋى مۇساپىسىدە رۇشەن ھالدائويغانلىقىنى مۇناسۋىتى بىلەن تىخىمۇ مەنلىك قىلىپ ، « 60 ياشتىمۇ غەپلەتتە قالغانكىشنى زىمىن لەرزىسى بىلەن تەقدىر زىلزىلىلرىمۇ ئويغىتالمايدۇ » داپ ئىيتقان
شائىرروزى سايىت 1998-يىلى 55يىشىدا يازغان « بىغشلىما » ناملىق شىئرىدا ئۆزىنىڭ رىئال دۇنياغامۇناسۋەتلىك ھەقىقەتنى خاتا تۇنۇغانلىقىنى ھەم ئىلگىرىكى خاتا ئىجادىيەت مۇددىئاسىھەققىدىكى پۇشايمانلىق ھىسىياتىنى ناھايىتى دادىل ھالدا مۇنداق ئىپادىلىگەن :
قەلەمنى ھەر مۇقامغا يورغىلاتتىم ،مەيلىگە قويماي،
تىرىقىىنى«تاغ»قىلىپ يازدىم ،غۇلاچىنى«بىرئىلىك»قىلدىم
تىخى«ئايغىر غۇنلاپتۇ ،-دىدىم،قۇملار چىچەكلەپتۇ
دىمەكئىلھامنى يالغانىڭ چىراغىغا پىلىك قىلدىم .
يىشىم ئەللكتىن ئاشقاندا ،دىدىم ،بەس!ھەقىنى سۆزلەيمەن
ئۆزۈمىنىزاتى مەنسۇردەك كۇلاھۇ –جەندىلىك قىلدىم
بىلڭلارئۇشبۇ يازمامدىن مىنىڭ ھالىمىنى ئوغلانلار
كىتەرمەنبى ئەجەل مەيلى،ئاۋامىنى خەندەلىك قىلدىم

دىمەك،بىزنىڭ 20-ئەسىر ئەدەبىيات تارىخمىزدا ھەقىقەت ئۈستىدە قايتا ئويلىنش،رىئاللىقىنى يىڭى باشتىن تۇنۇش ئارقىلىق ھەق –ناھەقىنى ئىنىق ئاڭقىرىغان ،شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت قارشىدىكى بۇ خىل رۇشەن ئۆزگىرىشىنى مەردانە ھالداقەغەز يۈزىدە تەن ئالغان ئەدبلىرىمىز مىنڭ بىلشىمچە يوقىرقى تۆت زات

شەرقىنىڭمۇتەپەككۇرى كۇڭرى «يىشىم ئاتمىشقا يەتكەندە ،باشقلارنىڭ سۆزىنىڭ ھەق- ناھەقئىكەنلىكىنى شۇئان ئاڭقىرۋالدىغان بولدۇم » دىگەن ئىكەن . بەلكىم ئاتمىش ياشھەقىقەتنى تۇنۇش يىشى دەپ قارالسا كىرەك ،ياش ئاتمىش ياشقا ئۇلاشماي تۇرۇپھەقىقەتنى تۇنۇغىلى ، چوڭقۇر چۈشەنگلى بولمايدۇ دەپ كىسىپ ئيىتقىلىمۇ بولمايدۇ ،ئەلۋەتتە . چۈنكى ھەقىقەتنى تۇنۇش مەسىلىسى ھە دىگەندىلا ياشقا باغلىقبولىۋەرمەيدۇ . ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر تارىخدا ياش ، قىران چاغلىرىدا ھەقىقەتنىئاجايىپ ئىنىق تۇنۇغان ، چوڭقۇر چۈشەنگەن تالاي ئەدىبلەر ئۈتكەن

ھەقىقەتدىگەن نېمە؟ دىگەن بۇ مەسىلىگە موتەپەككۇرلار مۇنداق ئۈچ جەھەتىن ئىنقلىما بىرشتى: ھەقىقەت-مۇقەررەر قانۇنىيەت. ھەقىقەت –لوگىكا . ھەقىقەت –ئىنسانىيەت ئەقىل –پاراسىتنىڭمەنبەسى . بۇ يەردىكى مۇقەررەر قانۇنىيەت تۈرلۈك-تۈمەن شەيئىلەردىكى مۇقەرەرقانۇنىيەتنى ،لوگىكا بولسا تەپەككۇرنىڭ لوگىكىلىقىنى كۆرسىتىدۇ ، ئەقىل-پاراسەتنىڭمەنبەسى - مەڭگۈلۈك «ساماۋى ئەقىل» نى كۆرسىتىدۇ .بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، پىكىر چىن بولسا يەنى پىكىر بىلەن رىئاللىق بىردەك بولسا،مانا بۇ ھەقىقەتبولىدۇ.ئادەتتە چىنلىق ياخشىلىق ،گۈزەللىك ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدەتەكىتلىنىدۇ . لوگىكا چىنلىقىنى ،سەنئەت گۈزەللىكىنى ،ئىتىكا ياخشىلىقىنى تۈپمەخسەت قىلىدۇ .ھەقىقەت شوبىكتىىپنىڭ ئوبىكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىتوغرا ئىكاس قىلىشى بولۇپ ،سوبىكتىپ بىلەن ئوبىكتىپنىڭ ماسلىقى ،بىردەكلىكنىئىپادىلەيدۇ . سەپسەتە ئوبىكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ بۇرمىلانغانئىنكاسى بولۇپ ،سوبىكتىپ بىلەن ئوبىكتىپنىڭ بىربىرىدىن يىراقلىشىشى بۆلۈنۈشنى ئىپادىلەيدۇ. مۇئەييەن دائىردە ،مۇئەييەن ئوبىكتىپ شەيئىگە قارىتا ،ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت،سەپسەتە ھامان سەپسەتە ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ماھىيەتلىك پەرىق بار. لىكىن،پەلسەپە نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە بىر-بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇتبولۇپ تۇرىدۇ .ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقى بىر-بىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ . ھەقىقەتبولمىسا ، سەپسەتە بولمايدۇ :سەپسەتە بولمىسا ھەقىقەتمۇ نامايەن بولمايدۇ.مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن«يوقلۇك بارلىقنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇقباھالىغۇچىسى»دىگەن ئىدى .مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا يالغاننىڭ مەنىسىنى تەكشۈرۈپچىقىش ھەقىقەتنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنىشىمىز گە ياردەم بىرىدۇ

20-ئەسرئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا جەدىتچىلىك بايرىقنى كۆتۈرۈپ مىللىي ئۇيغىنىشھەرىكىتىنى قوزغىغان مۇتەپەككۇر ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللام 1910-يىللارنىڭبېشىدە يازغان« نەسىھەتى ئامما» ناملىق ئەسىرىدە «بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقزامانى ئەمەس . ئۇيغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر ! جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرىئەمەس ، ئىلم –مەرىپەت دەۋرىدۇر .باشقا مىللەتلەر ئىلىم ۋە مەرىپەت سايىسىداھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا ،سۇ ئاستىدا بولسا خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەكئەركىن ئۆزۈشمەكتە . بىز تېخى غەپلەت ئۇيقىسىدا ياتماقتىمىز . ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭبۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر . بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق يوقۇلۇش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر!ھېلىھەم ۋاقىت ھەم پۇرسەت بار ! »دەپ چۇقان سالغان

ئۆزىنى« كۆكتە يۇلتۇزلار يانار ، يەردە پەقەت شائىر يانار ...»دەپ خارەكتىرلىگەن ئوتيۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مۇ 1930- يىللىرىنڭ بېشىدا يازغان بىر شېئىردانادانلىقىمىزنى ،بىپەرۋالىقىمىزغا قاتتىق ئېچىنىپ :
كىلىدۇ بىر كۈن پۇشايمانقىلسەن
تەكتىگەگەپىنىڭ شۇ چاغدا يىتىسەن.
«خەپ»دىسەڭئۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر
شۇندائۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن !
دەپ كىسىپ ئىيىتقان . بىز ئابدۇقادىر داموللام بىلەنئابدۇخاللىق ئۇيغۇرنىڭ بۇ خىتابلىرىدكى ئەكس ئەتكەن تارىخى ھەقىقەتكەن گۇمان بىلەنقارىيالايمىزمۇ ؟ ئەقىل كۆزى رۇشەن بۇ ئىككى ئەدىبىڭ دانا ھۆكىمى ئىجتىمائىرىئاللىق ئۆزئىچىگە ئالغان مۇقەرەر يۈزلىنىشنى چۇڭقۇر كۆزتىش ۋە چۈشىنىش ئارقىلىقيەكۇنلەنگەن لوگىكىلىق تەپەككۇرى ئەمەسىمۇ ؟ ئۇلار نېمە ئۆچۈن زامنداشلىرىغاقارىغاندا شۇنچە چۇڭقۇر ھەم دانا ئويىلىيالىغان ؟ بۇ يەردىكى رۇشەن سەۋەب شۇكى :ئۇلار ئۆزلىرىنى مەۋجۇد كىرىزسىنىڭ ئالدىغان قۇيۇپ ، ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىپ ۋەچوڭقۇر چۆشىنىپ تەپەككۇر قىلغاچقا ھەقىقەت ھىساپلىنىدىغان پىكىرىلەرنى ئوتتۇرىغاقۇيالىغان ، كىرزىس ئىڭى يوق بولغان ئادەمىنىڭ ھەقىقەت بىلەن بولغان ئارلىقىتولىمۇ يىراق بولغان بولىدۇ
بىلىشمىزكىرەككى ، ساماۋى ھەقىقەتتىن تاشقىرى ھەر قانداق ھەقىقەت مۇتلەق بولمايدۇ . شۇڭا ،ھەربىر شەخس ، ھەربىر قۇۋىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخى كەچۈرمىشلىرىگە ، ئىجتىمائىئەھۋالىغا يارىشا تۈرلۈك غايە مەقسەتلىرى بولىدۇ . شۇڭا غايە مەقسەت ئۇلارنىڭنەزىردىكى ھەقىقەت مەشئىلىگە تۇتاشقان بولىدۇ ، بۇ ھەقىقەت مەشئىلىنى ھەر بىركىشىنىڭ پەرىق ئىيتىش ئىقتىدارى ، چۈشنىش قابىليىتى ئوخشاش بولمايدۇ . بۇنىڭغاتۇتقان پۇزتىسىيەسىمۇ ھەرخىل بولىدۇ . ھەقىقەت مەشئىلىنى دەس كۆتۈرۈپ ئۆزخەلىقىنىڭ ھايات يولىغا نۇرانە سايە چۆشۈرۈپ ياشاش يولىدا كۆرەش قىلدىغانلارمۇبولىدۇ . ھەقىقەت مەشئىلىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ھەلەكچىلىكىدە ئۆمۈر بۇيى بىر جاۋۇريۇندىنى كۆتۈرۈپ يۇرىدىغان ناكەسلەرمۇ بولىدۇ .ھەقىقەت دىگەن نېمە ؟ سەپسەتە دىگەننېمە ؟ پەرۋايى پەلەك ھالدا بىر ئاشقازىنىڭ غېىمىنى يەيدىغان ،ئارستوتېىلئېيتقاندەك ئۆچۈن ئەمەس ، يىيىش ئۆچۈن ياشايدىغان ئەرزىمەس كىشلەرمۇ بولىدۇ .ئەگەر چىن مەنسى بىلەن چۆشىندىغان بولسا ، ئەدىبلەر ھەرگىز ئادەتتىكى كىشلەر ئەمەس، ئەگەر ئەدىبلەر ئەدىبلكىنى مەسئۇلىيەت دەپ بىلمەي ئابرۇي- مەنپەئەت دەپچۆشىندىغان بولسا ، تۈپتىن خاتالاشقان بولىدۇ . ئۇنتۇماسلىق كىرەككى ، مۇئەييەندەۋىردىكى ئەدىبلەر ئۆزمىللىتنىڭ رۇھى دۇنياسىنى ھەقىقەت مەشئىلىنىڭ نۇرانە شۇلىسىبىلەن يۇرتۇش ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ . ئۇلار خەلىقنىڭ يادىرۇلۇقمەنپەئەتى ۋە تۈپ قىممەت قارىشىنى چۈشەنگەن ، نۆۋەتتىكى مىللى ئىھتىياجىنى ئۆزىنىڭمەقسەت –مۇدىئاسىغا ئايلاندۇرغان ، ئۆز مەسئۇليىتىنى ئىنق تۇنۇغان ، بۇ خىلمەسئۇلىيەتنى ئادا قىلشىتىن ھەرگىز باش تارتمايدىغان بولۇشى كېرەك . ھەر بىردەۋىرنىڭ ، ھەربىر جەمىئىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتىرى بولىدۇ ، ئەدىبلەر دەۋىرنىڭماھىيتىنى ئىنىق تۇنۇشى ، جەمىئيەتنىڭ تومۇرىنى ماھىرلىق بىلەن تۇتۇشى لازىم ،ئەدىبلەردە دەۋرىنىڭ ماھىيىتنى ئىنىق تۇنيدىغان ئۆتكۈر دىت ، جەمىئىيەت تومۇرىنىتۇتۇش جەھەتتىكى ئالاھىدە سەزگۈرلۈك بولمايدىكەن ، ئەل قەلىبنىڭ چوڭقۇرقاتلاملىرىدكى دەۋەتنى ھەرگىز ھىس قىلالمايدۇ ، ئانا خەلىقىنىڭ قەلبىدىكى بىلنەر–بىلىنمەس پىچىرلاشلىرى ئاڭلاشقا قادىر بولالمىغان ئەدىب ، ئۆزىنىڭ ياشاشمەقسىتىنى مەڭگۈ قىممەتكە ئىگە قىلالمايدۇ . ئۇنداق ئەدىب ئەرزىمەس كويلارداسوكولداپ ، سورۇن-سەھنىلەردە كاپىلداپ ، قۇرۇق شۆھىرەت غىرىبى بولۇپ ئۆزگىنىمۇ–ئۆزگىلەرنىمۇ ئالداپ ئۆتىۋىرىدۇ ، ئاخىرقى ھىساپتا تارىخ تەرىپدىن سۈپۈرۈپتاشلىندىغان ئەخلەت ئەدىبلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ خالاش ! ھەققى ئەدىبھەقىقەتكە ئېتقاد قىلش ،ھەقىقەتنى ئىزدەش ، ھەقىقەتنى سۆزلەش جەھەتتە ئاۋانگارتلىقرۇھىغا ئىگە بولىدۇ ، ھەقىقەت ئىزدەش رۇھى توق ئەدىب كىتابخانلارنى بەكلائۈمۈدسىزلەندۇرىدۇ ، مەن بۇنداق ئەدىبلەرنى « ئەخلەت ئەدىبلەر » دەپ ئاتاشىنىمۇۋاپىق دەپ قارايمەن . ھەقىقەتنى سەپسەتە بىلەن بىر تەكيگە باش قۇيغۇزۇشمەقسىتىدە نىكاھ ئوقۇپ يۈرگەن ئەدىبلەرنى بولسا ، «ئەخمەق ئەدىبلەر » دەپ ئاتاشنىمۇۋاپىق دەپ قارايمەن ، ئەلۋەتتە بۇ ئىككى خىل ئەدىب مېنىڭ نەزىرىمدە ھەقىقەتنىخالىغان باھادا سىتىپ خەجلەپ ئادەتلىنىپ كەتكەن « ھايانكەش » ئەدىبلەردىنئەۋزەلرەك

چۈنكىئۇ ئىككى خىل ئەدىب ھامىنى ھەقىقەت يولىدا تىز پۈكۈپ پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكۈشىئىھتىمال . ئەمما ،« ھەققەت ھايانكەشلىرى»نى قۇتقۇزۇش بەسى مۈشكۈل . مەن نەزىرىنىھەقىقەتكە تىككەن ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدەنگەن ،ھەقىقەتكە ئېتىقاد قىلدىغان،مۇئەييەن ھەقىقەت قارىشغا ئىگە، ھەقىقەتنى سۆيىدىغان ، ھەقىقەتنى ئوخشىمىغاندەرىجىدە بولسىمۇ چۈشەنگەن . ئۇنى ئىپادىلەشكە ئۆزىنى ئاتىغان ئەدىبلەرنى دادىلپىكىرلك ئەدىبلەر، دانا پىكىرلىك دەپ ئىككى خىلغا ئايرىپ چۈشىنىپ باقتىم . دادىلپىكىرلىك ئەدىبلەر ھەقىقەتنى سۆزلەش جەھەتىكى جەسۇرلىقى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭقەلىبىنى سۆيۈندىرىدۇ . ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى چوڭقر بولىمىسىمۇ ، پىكىرلىرنىڭ دادىللىقىبىلەن ئەزىمەت ئەدىبلەردىن ھىساپلىندۇ ، ئۇلاردا مۇتەپەككۇرلارغا خاس دانا پىكىر ،چوڭقۇر بىلىم ، ئىلىمى قاراش ، مۇكەممەل ئىدىيە بولمىسىمۇ ، خەلىقىنىڭ كۆڭلىدىكىنىدىيەلەيدىغان ئەزىمەتلەرگە خاس يارقىن خاسلىق بار . قاراشلىرى بىلەنزامانداشلىرىنى ئەقىلىنى ئويغىتالمىسمۇ ، مەردانە چۇقان-ساداللىرى بىلەنزامانداشلىرنىڭ قەلىبىن ھاياجانلاندۇرۇپ ھسىياتىنى ئۇرغۇتالايدۇ ، ھەقىقەتنى سۆيۈش، ھەقىقەت ئۆچۈن كۈرەش قىلش جەھەتىكى پىداكارلىقى بىلەن ئۇلار گاھىدا كشىنىڭمەسلىكى كەلگۈدەك دەرىجىدە ئاجايىپ كۈچلۈك بولۇپ كىتىدۇ . گاھىدا كىشنىڭ ئىچىئاغىرىغۇدەك دەرىجىدە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ . ئەمما ،ھەرگىز شەرمەندەئورۇنغا چۈشۈپ قالمايدۇ

بىرقوۋمىنىڭ يادرۇسىنى تەشكىل قىلغۇچى زىيالىيلار توپىغا ھاياتى كۈچ بېغشلايدىغانئېنرگىيەنى دانا پىكىرلىك ، چوڭقۇر بىلىمىك موستەقىل ئىدىيىگە ئىگە موتەپەككۇرئەدىبلەر يەتكۈزۈپ بىرىدۇ ، بۇ خىل ئەدىبلەر ناھايىتى ساناقىلىق بولىدۇ . ئۇلارپىكىر ، ئىدىيەلىرىنى بىر قوۋمىنىڭ ئۈگە-ئگىلىرىدىن كۆرۋالغىلى بولىدۇ . بىز يۈسۈپخاس ھاجىپىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك » نىڭ قىممىتى ئارىدىن مىڭ يىللارئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئىچ –ئىچىمىزدىن قايىل بولغان ھالدا تەن ئالماقتىمىز ، ئۇنىڭقەۋەت-قەۋەتلىرىگە سىڭگەن تەپەككۇر دۇردانلىرى بىلەن ئىدىيە ئۇچقۇنلىرى كۆزئالدىمدا بىر مۇكەممەل ئىدېئال جەمىئىيەتنىڭ مودىلىنى نامايەن قىلماقتا .ھەقىقەتەنمۇ بىر مۇتەپەككۇر ئەدىب بىر مىللەتنىڭ تارىخىدا پارلاق ماياكتەك يىنىپ ،مىللەت ئەزالىرىنى كىلەچەكتە دۇچ كىلدىغان ئاپەتلەردىن ئاگاھلاندۇرۇپ ، ئۇلارتىرشسا ئىرشەلەيىدىغان ئامەتلەردىن بىشارەت بىرەلەيدۇ . ئۇلار بۇ خىل رۇھى ۋەسالاھىتى بىلەن مىللەتنىڭ مەنىۋى داھىيلىرىغا ئايلىنىدۇ . مىنڭچە دادىل پىكىرلىكئەزىمەت ئەدىبلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىرلىك مۇتەپەككۇر ئەدىبلەرنىڭ كۈنلەرنىڭ بىردەپۇشايمانلىق ھىسياتىدا ئۆكۈنۈپ ئەسەر يېزىشى ئاز كۆرۈلسە كېرەك . سەۋەبى ،ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى يىراق –يىراقلاردا چاقناۋاتقان ھەقىقەت يۇلتۇزلىرىغائاداشماي تىكىلگەن ، ئۇلارنىڭ بارماقلىرى ھەقىقەت مەشئىلىنىڭ دەستىسىنى باشتىن-ئاخىرى بوشاشماي مەھكەم تۇتقان بولىدۇ . ئادەتتە بىز ھەقىقەتنى تۇنۇش باشقا مەسىلە، بىلىم سەۋىيەسى بىلەن تەپەككۇر قابىليىتى باشقا مەسىلە دەپ چۈشنىمىز ، مۇشۇمەندىن ئىيتقاندا ، ئەدىبلىرىمىز نېمە ئۆچۈن پۇشايمان قىلىدۇ ، دىگەن مەسىلىنىڭماھىيتىنى چۈشىنشكە مەلۇم دەرىجىدە يىقنلاشقلى بولىدۇ ، دەپ قارايمەن . ئادەتتە ،بىلىم قۇرۇلمسى مۇكەممەل ، ئەمما ھەقىقەت ھەققىدىكى تۇنۇشى مۇجمەل ئالىم –ئەدىبلەرھەممە دەۋىردە ، ھەممىلا جايدا ئۇچرايدۇ . بىز ماقاللىمىزنىڭ باش تېمىسىنىئىھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ، ئەدىبلەرنىڭ بىلىم –ماھارىتى بىلەن ھەقىقەتنىبىلش ئوتتۇرسىدىكى مۇناسۋەتتە نەزەر سالساقمۇ ، مۇئەييەن بىلىم –ماھارەتھازىرلىغان ، ئەمما ھەقىقەتىن يىراق ئەدىبلەرنى خىلى كۆپ كۆرىمىز . بۇنىڭ سەۋەبىشۇكى :: يېزىقچلىق ئالدى بىلەن بىر خىل ماھارەت ، نۇرغۇن ئەدىبلەرنىڭ يېزىقچىلىقماھارىتى بولمىسىمۇ ، مۇتەپەككۇرلۇق سالاھىيتى ھازىرلانمىغاچقا « سۆز ۋادىسىدائىزىقىپ يۈرگۈچىلەر » قارارىدا كولدۇرلاپ يۈرىۋىرىدۇ . يەنە بىر قىسىم ئەدىبلەرنىڭمۇئەييەن بىلىم قۇرۇلمىسى بولسىمۇ ، بىلشى مەقسىدى ئايدىڭ بولمىغاچقا ، يەنى كىمئۆچۈن يېزىش ، نېمە ئۆچۈن يېزىش چۈشەنچىسى ئايدىڭ بولمىغاچقا ھەر مۇقامغا يۇرغىلاپئاخىرقى ھىستاپتا مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىدۇ ، شۇڭا بىر كىشىدە بىلىم ۋە ماھارەتنىڭبولۇشى ئۇنىڭ ھەقىقەتنى تۇنىغانلىقىغا باراۋەر دەپ چۆشىنىشكە ھەرگىز بولمايدۇ

ئاپتۇرى:ئوبزۇرچى. شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتنىڭ مۇھەررىرى
مەنبە:شىنجاڭ مەدەنيىتنىڭ 2010-يىللىق 6ـ سانى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:25 , Processed in 0.061105 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش