بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-26 09:01
بۈگۈنكىئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەدەبىي تەلەپپۇزىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە
دۇنيادىكى ھەرقانداق مەدەنىيەتلىك بىرمىللەتنىڭ مىللىي تىلىدا ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىل (ئەدەبىي تىلنىڭ يازما ئۇسلۇبى ۋەئەدەبىي تىلنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇز ئۇسلۇبى)، دىئالكېت، شىۋىلەر بولىدۇ. مىللىيتىلنىڭ بېيىشى - ئۆلچەملىك ئەدەبىي يېزىق تىلى بىلەن ئۆلچەملىك ئېغىز تىلىنىڭ ئۆزلېكسىكا بايلىقى ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز سۆز ياسىشى ۋە دىئالكېت، شىۋىلەرنىڭ ئۆلچەملىكئەدەبىي تىلنى ھاياتىي قان بىلەن تەمىنلىشى ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىر مىللەتكە ئورتاق مىللىي تىلنىڭپىششىقلانغان، قېلىپلاشقان شەكلى ئەدەبىي تىل دېيىلىدۇ. بۇ ئەدەبىي تىل ئادەتتەئۆلچەملىك تىل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىللەت پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى ئاساسەن ئەدەبىيات، دىنۋە ئىلىم-پەن قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىدىغان يېزىق تىل ئەدەبىي تىل دەپقارىلىپ كەلگەن. مىللەت پەيدا بولغاندىن كېيىن، شۇ مىللەتلەرنىڭ ئورتاققوللىنىلىدىغان تىلى، يەنى ئورتاق تىل ئۇقۇمى پەيدا بولدى. ھەرقانداق بىرمىللەتنىڭ ئورتاق تىلى ئادەتتە جانلىق تىل ۋە يېزىق تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جانلىقتىل بىلەن يېزىق تىلى روشەن پەرقلەرگە ئىگە. يېزىق تىلى جانلىق تىلغا قارىغانداخېلى مۇكەممەل، قېلىپلاشقان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇمۇ ئەدەبىي تىلنىڭ تولۇق ئۆزىھېساپلانمايدۇ. ئەدەبىي تىل مىللىي ئورتاق تىل ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ. ئورتاقتىل شۇ ئورتاق تىلغا ئاساس بولغۇچى مەلۇم دىئالكىت ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ. ئەمما،شۇ دىئالكىت تىلىمۇ ياكى شۇ دىئالكىت تىلى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن مىللىي ئورتاقتىلمۇ ئوخشاشلا ئەدەبىي تىل ھېساپلانمايدۇ. پەقەت مىللىي ئورتاق تىلنىڭ جانلىق تىلۋە يېزىق تىلى شەكلى ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭ، تىلشۇناسلارنىڭ ياكى شۇ مىللەتئاممىسىنىڭ ئورتاق كېڭىشىشى، شۇ ئارقىلىق ئۇنى قايتا-قايتا پىششىقلاپ ئىشلىشى، قېلىپلاشتۇرۇشىدىنئۆتكەندىلا، ئاندىن ئەدەبىي تىلغا ئايلىنالايدۇ. ئەدەبىي تىلمۇ خۇددى مىللىيئورتاق تىلغا ئوخشاش شۇ مىللەت ئۈچۈن ئورتاق ۋە چۈشىنىشلىك بولىدۇ. ئۇ شۇ مىللەتئالاھىدىلىكلىرىنىڭ سەرخىل شەكلى ھېساپلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇ شۇ مىللەت تىلىدىكى ھەرخىل دىئالكىتلارنىڭ، مەھەللىۋى شىۋىلەرنىڭ ساقلىنىپ تۇرۇشىغا قارىماي ھەممىسىنىئۆزىگە بېقىندۇرغان ھالدا شەكىللىنىدۇ. ئۇ شۇ مىللەت خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن ئەسىرلەردىنبۇيانقى ئۆز-ئارا ئالاقىسىگە، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا، بىر-بىرىنىچۈشىنىشىگە ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ياكى بىر قانچە دىئالكىتلار ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن مىللىي ئورتاق تىلنىئۆزىگە ئەڭ مۇھىم ئاساس قىلىدۇ. ئۇ مەيلى جانلىق تىل شەكلى ئارقىلىق بولسۇن ياكىيېزىق تىل شەكلى ئارقىلىق بولسۇن، شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىي تۇرمۇشى ۋەئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممە ساھەلىرى ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت قىلىدۇ. تارمەنىدىن ئالغاندا ئەدەبىي تىل دېگەن ئاتالغۇ بەدىئىي ئەدەبىيات تىلىغىمۇ قارىتىلىدۇ. ئورتاق ئەدەبىي تىل (ئۆلچەملىك تىل)مىللىي ئورتاق تىلنىڭ پىششىقلانغان، قېلىپلاشتۇرۇلغان شەكلىدۇر. بۇ تىل مىللەتنىڭھەممە پۇقرالىرى ئۈچۈن ئورتاق قوللىنىلىدۇ. بۇنداق ئورتاق تىل مىللىي تىلنىڭ بىرەرئاساسلىق دىئالىكتى بويىچە تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كېلىدۇ. ئورتاق تىل كۆپھاللاردا سىياسى ئىقتىسادى ۋە پەن مەدەنىيتى بىر قەدەر راۋاجلانغان، ئاھالىسى كۆپ،ئولتۇراقلىشىشى بىر قەدەر زىچ رايونلارنىڭ دىئالكىتىنى ئۆزىگە يېتەكچى دىئالكىتقىلىدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىگە يېتەكچى بولغۇچى، ئاساس بولغۇچى دىئالكىتتىكى مەلۇم بىرشىۋىنىڭ تەلەپپۇزىنى ئۆزىگە يېتەكچى تەلەپپۇز قىلىدۇ. بۇ شىۋىنىڭ تەرەققىياتى شۇدىئالكىتقا تەۋە باشقا شىۋىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا قارىغاندا سەل يۇقىرى بولىدۇ، تەسىردائىرىسىمۇ كەڭرەك بولىدۇ. لېكىن شۇنى ئېيتىش كېرەككى، يېتەكچى شىۋىنىڭتەلەپپۇزىمۇ پۈتۈنلەي ئۆلچەملىك ھېساپلانمايدۇ. ئۇ پەقەتلا مىللىي ئورتاق تىلنىڭيېتەكچى دىئالىكتى ۋە يېتەكچى شىۋىسى ھېساپلىنىدۇ. مىللىي ئورتاق تىل شۇ يېتەكچىدىئالكىت ئاساسىدا ئۆزىگە تەۋە بارلىق دىئالكىتلارنىڭ ئورتاق تىل خۇسۇسىيەتلىرىنىئۆزىگە قوبۇل قىلىپ، ئۇنى قايتا-قايتا پىششىقلاپ قېلىپلاشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىنئۆلچەملىك تىل ياكى ئەدەبىي تىلغا ئايلىنالايدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا، يېتەكچىشىۋىنىڭ تەلەپپۇزىمۇ قايتا-قايتا پىششىقلاپ ئىشلىنىپ قېلىپلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنلائۆلچەملىك تەلەپپۇز بولالايدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى (ئۆلچەملىك تىل)ئۈرۈمچى شىۋىسىنىڭ تەلەپپۇزىنى ئۆزىگە يېتەكچى تەلەپپۇز، مەركىزى دىئالكىتنىيېتەكچى دىئالكىت قىلغان. ئۇ مۇشۇ ئاساستا ھازىرقى ئۇيغۇر ئورتاق تىلىنىڭ يەنىمۇبىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا پىششىقلاپ ئىشلىنىشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلۇشى نەتىجىسىدەبارلىققا كەلگەندۇر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىدىئالكىتى − ئۈرۈمچى شىۋىسى، ئىلى شىۋىسى، تۇرپان شىۋىسى، قەشقەر شىۋىسى، ئاتۇششىۋىسى، قۇمۇل شىۋىسى، دولان ئۇيغۇرلىرى شىۋىسى ۋە تارىم شىۋىسىنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ. دىئالكىت دېگىنىمىز − بىر مىللىي تىلنىڭمەلۇم بىر مىللىي رايوندىكى يەرلىك تۈسكە ئىگە شەكلى ياكى بىر ئورتاق تىلنىڭتەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن يەرلىك تۈسكە ئىگە ۋارىيانتىدۇر. مۇنداقچەئېيتقاندا، دىئالكىت − مەلۇم بىر مىللىي تىلنىڭ شۇ تىلغا تەۋە قىسمەن رايونلارداقوللىنىلىدىغان يەرلىك شەكلىدۇر. ئۇ گەرچە مىللىي تىلنىڭ بۆلۈنۈشكە قاراپ تەرەققىيقىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مىللەتنىڭ ئورتاق تىلىغا بويسۇنىدۇ. بىزبۇ يەردە پەقەت ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك يازما ئۇسلۇبى ۋە تەلەپپۇزئۇسلۇبى ھەققىدىلا توختىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن دىئالكىتلار ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى،ئالاھىدىلىكلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلىمىز. بىر تىلنىڭ ئىملا قائىدىسى شۇ تىلنىڭئۆلچەملىك يېزىق تىلىنىڭ يېزىلىش قائىدىسى، يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش قائىدىسدۇر. ئۇمىللىي يېزىقنىڭ توغرا يېزىلىشى، ئۆلچەملىك بولۇشى ۋە تىنىش بەلگىلىرىنىڭ توغرائىشلىتىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە،بىزنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر يېزىقىمىزدەك ئېلىپبەلىك يېزىقلاردىكى ھەرپلەرنىڭ يېزىلىشئۆلچىمى، بوغۇم ئايرىش بەلگىلىرىنى ئىشلىتىش ئۆلچىمى، ئۇلاپ يېزىش قائىدىلىرىقاتارلىق مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىئۆز نۆۋىتىدە يەنە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى، ئاجىزلىشىشى ۋە چۈشۈپ قېلىشىجەھەتتىكى ئىملا مەسىلىلىرىنىمۇ قېلىپلاشتۇرىدۇ. ئۈزۈك تاۋۇش مەسىلىلىرىدە، ئۈزۈكتاۋۇشلارنىڭ ئۆلچەملىك جانلىق تىلدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۇيەنە بىرىككەن، جۈپ، تەكرار، ياردەمچى، كىرمە، قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ، سانلارنىڭ، قوشۇمچىلارنىڭئىملالىرىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ. شۇڭا ئۆلچەملىك يېزىق تىلى ئۈچۈن مۇكەممەل ئىملاقائىدىسىنىڭ بولۇش-بولماسلىقى، بۇ قائىدىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك قوللىنىلىش ۋەقوللىنىلماسلىق مەسىلىسى تىلىمىزنىڭ بىر مەدەنىي تىل دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈش-كۆتۈرۈلمەسلىكىنىڭروشەن ئالامىتىدۇر. ئۇ يەنە تىلىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن كەم بولسابولمايدىغان مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ھەرقانداق بىرمىللىي تىلنىڭ مۇكەممەل ئىملا قائىدىسى شۇ تىلنىڭ ئۆلچەملىك يېزىق تىلىنى توغرا ۋەساغلام ئىشلىتىش، ھەم شۇ تىلنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بېكىتىلگەن تىلقانۇنىدۇر. ئىملا قائىدىسى ۋە ئىملا پىرىنسىپلىرىئۆلچەملىك يېزىق تىلىغا قارىتىلغىنىدەك، بىر تىلنىڭ مۇكەممەل تەلەپپۇز قائىدىسىمۇئۆلچەملىك جانلىق ئاغزاكىي تىلىغا قارىتىلىدۇ. تىلنىڭ ئىملا قائىدىسى توغرا يېزىشقائىدىسى دېگەنلىكتۇر. تىلنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى توغرا سۆزلەش قائىدىسىدېگەنلىكتۇر. ئۇ ئەدەبىي تىلدىكى سۆزلەرنى جانلىق ئاغزاكى ئەدەبىي تىلدا يېقىملىق،توغرا تەلەپپۇز قىلىشنىڭ ھەممە قائىدىلىرىنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئۆلچەملىك ئەدەبىييېزىق تىلى ئىملا قائىدىلىرىگە بويسۇنۇشى شەرت بولغىنىدەك، ئەدەبىي جانلىق تىلنىڭتەلەپپۇزىمۇ تەلەپپۇز قائىدىسىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا بويسۇنۇشى شەرتتۇر. شۇ ۋەجىدىنئالغاندا، ئۆلچەملىك ئاغزاكى ئەدەبىي تىلنىڭ تەلەپپۇز قائىدە ۋە پىرىنسىپلىرىمۇمىللىي تىلنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ قانۇنى كاپالىتىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مائارىپىمىزغاۋە جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە قويۇلۇۋاتقان ھەرخىل تەلەپلەر، شۇنىڭدەكھەرخىل مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، ئۆلچەملىك يېزىق تىلىمىز ھەم جانلىق ئەدەبىيتىلىمىزغا ئېتىبارسىز قارايدىغان ئىشلار بارغانچە گەۋدىلەنمەكتە. بۇنىڭداتىل-يېزىق مىزان-قائىدىلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان فونكىسيەلەرنىڭمۇ رولى تولۇق جارىبولمايۋاتقان تەرەپلەرمۇ ئەلۋەتتە مەۋجۇد. مەن بۇ يەردە مەتبۇئات-نەشرىياتچىلىقىمىزبىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئورتاق ئەدەبىي يېزىق تىلى مەسىلىسىنى ۋاقتىنچەمۇھاكىمىدىن قالدۇرۇپ، پەقەت رادىئو-تېلىۋىزىيەلىرىمىزدىكىئورتاق ئەدەبىي تىلنىڭ ئاغزاكى ئۇسلۇبىغا يات بولىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدىلاقىسمەن قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى لايىق كۆردۈم. چۈنكى تىلىمىزنىڭتەلەپپۇزدىكى بۇزۇلۇشى ھازىر باشقا ساھەلەردىكى ھەرقانداق تىل بۇزۇلۇش مەسىلىلىرىدىنمۇئېغىر بولماقتا. راستىنى ئېيتقاندا بۇ ھال بۈگۈنكىشىگە پۈتمەس تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بېرىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. يەنە كېلىپ، مىللىيتىلىمىزنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان كىشىلىرىمىز كۈنسايىن كۆپىيىىۋاتقانبولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشى ئارقىلىق تىلىمىزنىڭ ساغلامتەرەققىياتىنى توغرا يولغا سېلىش ئۈچۈن كۆرسەتمە خارەكتىرلىك ئىلمىي نەتىجىلەرنىروياپقا چىقارغۇچىلار يوق دېيەرلىكتۇر. تىلىمىزنى قوغدايدىغان زەخىرىلىك ئىلمىي مېھنەتلەريەنىلا يېتەرسىزدۇر. تىلىمزنى قوغداش ۋە ئۇنى ساغلام تەرەققىيات يولىغا سېلىشئىستەكلىرىدە پۇچۇلىنىۋاتقان ئىزگۈ تىلەك ساھىبلىرى ماڭا مۇشۇ توغرۇلۇق ئىككىكەلىمە گەپ قىلىشىمنىڭ تولىمۇ زۈرۈر بولىۋاتقانلىقىنى نۇرغۇن قېتىم تەكىتلەشتى. دېمىسىمۇجانلىق ئاغزاكىي ئەدەبىي تىل ئۇسلۇبىنىڭ بۇزۇلۇشى يېزىق تىلىغىمۇ بىۋاستە تەسىركۆرسىتىدىغان خەتەرلىك ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئايلاندى. مەزكۇر مەسىلە مېنىمۇئۇزۇندىن بۇيان ئەتراپلىق ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. نىھايەت، بۇ ھەقتەگەپ قىلىشقا تەرەددۇت قىلدىم. يېقىندىن بۇيان رادىئو ئاڭلاش، تېلىۋىزوركۆرۈش ۋە جەمئىيەتتىكى تىلىمىزنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانزىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىنكاسلىرىغا قۇلاق سېلىش نەتىجىسىدە، تىلىمىزنىڭ ئۆلچەملىك ئاغزاكىيئەدەبىي تىل ئۇسلۇبىدا ساقلىنىۋاتقان، دەرھال تۈزەتمىسە بولمايدىغان مەسىلىلەرنىتۆۋەندىكىچە خۇلاسىلىدىم: 1. ھازىر بىزنىڭ ئۇيغۇرچە رادىئو ۋەتېلىۋىزىيە ئاڭلىتىشلىرىدا مۇتلەق كۆپ نىسبەتنى ئىگىەللەيدىغان دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىزقولىدىكى يازما ماتېرىيالنى سۆز، سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملە ئىنتۇناتسىيەسى بويىچەئوقۇماي ھەرپلەر بويىچە ئوقۇيدىغان ساۋاتسىزلىقنى يامرىتىۋەتتى. ئەسلىدە ساۋاتچىقىرىش-ئۆلچەملىك ئەدەبىي يېزىق تىلىدا يازالايدىغان ۋە ئۆلچەملىك ئاغزاكىيئەدەبىي تىل ئۇسلۇبىدا ئوقۇيالايدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى. ھالبۇكى، بىزنىڭ بىرمۇنچە دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىز ئىككىنچى شەرتنى تېخى ئورۇنلاپ بولالمىغانساۋاتسىزلار ئىكەنلىكى بىزنى پۈتمەس ئازاپلارغا مۇپتىلا قىلماقتا. ئەسلى مۇزىكىدەكيېقىملىق، ئېقىن سۇدەك راۋان، زۇمرەتتەك تېنىق، بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىدەك راھەتبەخشتىلىمىز مۇشۇ دىكتور، رىياسەتچىلەرنىڭ زۇۋانىدىن ياڭراۋاتقان ئۆلچەمسىز تەلەپپۇزىۋەجىدىن قۇلىقىمىزغا گويا مۇشت بىلەن ئۇرغاندەك، گۈزەل گۈلىستاندا ئېشەكھاڭرىغاندەك، ئارامبەخش چاھارباغدا ھۇقۇش ئۈنلىگەندەك بىزنىڭ تۇيغۇلىرىمىزنىھالسىرىتىپ، بىزنى شۇ دەرىجىدە قىينىدىكى، بۇ ھالىمىزنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكەئاجىز كېلىدىغاندەك قىلىمەن. بۇ ھال بەزى دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلبويىچە تەربىيەلىنىشىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە ئانا تىل سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كېلىپچىققاندۇر. ئاپتونۇم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىقكومىتېتى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە 1960-يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنئىلمىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. 1985-يىلى بۇ كومېتىت «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيتىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن ئىملا لۇغىتى»نى، 1987-يىلى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى بىلەن تەلەپپۇز لۇغىتى»نى، 1997-يىلى «ھازىرقىزامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى»نى، 2009-يىلى 9-ئايدا«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»(ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى)نىنەشىر قىلدى. بۇ لۇغەتلەرنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھۆرمەتلىكئۇستازىمىز تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ھازىرغىچە بىزمۇشۇ لۇغەتلەردىكى ئەدەبىي جانلىق تىل نورمىسىنى ئاساس قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بولۇپمۇئەڭ ئاخىرى نەشىر قىلىنغان لۇغەتنى ئورتاق ئەدەبىي يېزىق تىلى ۋە ئورتاق ئېغىزاكىيئەدەبىي تىلىمىزنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىمىز. ئۇيغۇر ئوتتۇرامەكتەپلىرىمىزنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردىمۇ بىزئەشۇ لۇغەتنىڭ تەلەپپۇز پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلىپ كېلىۋاتىمىز. مەسىلەن، 2000-يىلى6-ئايدا رەخمەتجان ئىمىن، ئابدۇلېتىپ تاشپولاتلارنىڭ تۈزگۈچىلىكىدە مائارىپنەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، «ئۇيغۇر تىلى» (توققۇز يىللىق مەجبۇرىيمائارىپ بويىچە ئۈچ يىللىق تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك، 1-،2-، 3-قىسىم)نىڭبىرىنچى قىسمى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىگە بېغىشلانغان بىرباپ (3-باپ)نى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ. 2012-يىلى 12-ئايدا مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىننەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلى» (تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈندەرسلىك)نىڭ 3-بابىدىمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى بېرىلگەن.دەرسلىكلىرىمىزدىكى بۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ 1997-يىلى ۋە 2009-يىلى9-ئايدا نەشىر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇزلۇغىتى»نى ۋە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»(ئىملا ۋەتەلەپپۇز قائىدىسى)نى ئاساس قىلدى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ تىل-يېزىقخىزمىتى نىزامى»نىڭ 28-ماددىسىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ «ئورگان، تەشكىلات، كارخاناۋە كەسپىي ئورۇنلار ئاپتونۇم رايوننىڭ تىل-يېزىق مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەمئېلان قىلغان ئىملا قائىدىسى، تەلەپپۇز قائىدىسى، ئادەم ئىسىمى ۋە يەر نامىقاتارلىقلارنى قوللىنىشى، تىل-يېزىققا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشى شەرت»دەپ بەلگىلەنگەن. ھالبۇكى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىمۇناسىۋىتى بىلەن تۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە ئۇيغۇر تىلىغا دائىرمەزمۇنلار ئۇمۇمەن قىسقارتىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى پالەچ ھالەتكەچۈشۈپ قالدى. كېيىن، قوش تىللىق سىنىپلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئانا تىل-ئەدەبىياتدەرسلىكىگە گەرچە ”ئۇيغۇر تىلى مۇنبىرى“ نامىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكىبەزى مۇھىم مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتىغابېرىلگەن سائەت سانىنىڭ قاتتىق چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇزقائىدىلىرى دەرسلىككە كىرگۈزۈلۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدى. نەتىجىدە، مۇشۇدەرسلىكلەر بويىچە تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىز بۈگۈن ئاخبارات-رادىئو ساھەلىرىدەجانلىق ئەدەبىي تىلنىڭ ئۆزىگە خاس ئىلمىي پىرىنسىپلىرىنى كاپالەتكە ئىگەقىلالمايۋاتىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاخبارات كەسپىدىكىلەر تىل بىلىملىرىنى چۇقۇمياخشى ئۆگىنىشى لازىم. چۈنكى تاراتقۇ، جۈملىدىن ئاخبارات، رادىئودىكى تەلەپپۇزپۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇزىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىرقىزامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى خېلى بۇرۇنلا مەلۇم دەرىجىدەقېلىپلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان ۋە ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىقئالاقە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ توغرا تەلەپپۇز قىلىشى ۋە نۇتۇق ئەمەلىيىتىدە ئورتاقئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سىستېمىسى بىزنىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئالغانماتېرىياللىرىمىزدا خېلى ئەتراپلىق كۆرسىتىلگەن ئىدى. تەلەپپۇز قائىدىسىنىئەتراپلىق ئىگەللەش ۋە ئۇنى ئۇمۇملاشتۇرۇش تىلىمىزنى ئىلمىي تەرەققىيات يولىغاباشلاشنىڭ تۈپ كاپالەتلىرىدىن بىرىدۇر. 2009-يىلى نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامانئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى(ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى) »نى ئاساسقىلغاندا بۈگۈنكى بەزى دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ تەلەپپۇزىدا ساقلىنىۋاتقان ئاغىزاكىيئەدەبىي تىل ئۇسلۇبىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا ئېنىقكۆرىمىز: 1). سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تەلەپپۇزمەسىلىسىدە ئەسلى تەلەپپۇز قائىدىسىدە بېكىتىلگەن بەزى مۇھىم پىرىنسىپلار بىزنىڭبىر قىسىم دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ تىلىدا زادىلا كاپالەتكە ئىگەبولالمايۋاتىدۇ. ئالايلى، تەلەپپۇز قائىدىسدە ئەرەپ-پارسچىدىن تىلىمىزغا كىرگەنبىر قىسىم كىرمە سۆزلەرنىڭ ئوچۇق بۇغۇمىدىكى بىرلەمچى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭسوزۇلمىلىقى تەلەپپۇزدا ئىپادىلىنىدۇ. بەزى دىكتورلىرىمىز مۇشۇنداق سۆزلەرنىڭتەركىبىدىكى سوزۇلىدىغان سوزۇق تاۋۇشنى تەلەپپۇزدا ئىپادىلىمەيۋاتىدۇ. مەسىلەن:
بۇنىڭدىن باشقا، كەينىدىكى تاۋۇشئېلمېنىتلىرىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن ئوچۇق بۇغۇم ھالىتىدە قالغان سوزۇق تاۋۇشلارداھاسىل بولغان ئىككىلەمچى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلارمۇ تەلەپپۇزدا ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | | | ئامۇت < ئارمۇت ئەتە < ئەرتە زەپەر < زەئفەر ئېتىراپ < ئېئىتىراپ
| a: mut ә: tә zә: pәr e: tirap
| چۇقان < چۇۋقان بازارغا بازارلارغا ئالغان ئالالمىغان | qu: қan baza: ğa baza: la: ğa a: ğan ala: miğan |
بەزى دىكتورلىرىمىز مۇشۇنداق بوغۇملاردائىپادىلەنگەن ئىككىلەمچى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشنى تەلەپپۇز قىلماسلىق سەۋەبىدىن نوتۇقئېقىمىنىڭ يېقىمسىزلىقىنى پەيدا قىلماقتا. بەزى سۆزلەردىكى پەس سوزۇق تاۋۇشلارئۆزىدىن كېيىن كەلگەن تاۋۇش ئېلمېنتىلىرىنىڭ كېيىنكى بۇغۇمغا ئۆتۈشى بىلەن ئوچۇقبۇغۇم ھالىتىدە قالسا، ھەمدە ئۆز ئۇرغۇسىنى يوقاتمىسا، سەل سوزۇلۇپ تەلەپپۇزقىلىنىدۇ. مۇشۇ ئالاھىدىلىكمۇ بەزى دىكتورلىرىمىزنىڭ تەلەپپۇزىدا ئەمەلگەئاشمايۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | | | سان-سانى ھال-ھالى يال-يالى تەم-تەمى | san - sa: ni ḩal - ḩa: li yal - ya: li tәm - tә: mi | چەم-چەمى گۇمان-گۇمانى مۇنار-مۇنارى | qәm - qә: mi guman - guma: ni munar - muna: ri |
1997-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىتەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ھازىرقى زامانئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى» دە مۇنداق بېكىتىلگەن ئىدى:«ئىدى، ئىكەن، ئىمىش»ياردەمچى پېئىللىرى «ئى» تاۋۇشى بىلەن ئاياغلاشقان تۇرغۇن سۆز ۋە تۇرغۇن سۆزئۆزىكى ھەمدە كىشى، يەر، جاي ناملىرى بىلەن كەلگەندە قوشۇپ ئوقۇلىدۇ. شۇ مۇناسىۋەتبىلەن بۇ ياردەمچى پېئىللارنىڭ بېشىدىكى «ئى» تاۋۇشى بىلەن سۆز تومۇرىنىڭئاخىرىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىرىكىپ، سەل سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | | | ئوقۇغۇچى ئىدى ئوقۇغۇچى ئىكەن ئوقۇغۇچى ئىمىش ئالتە ئىدى ئالتە ئىكەن ئالتە ئىمىش بالا ئىدى بالا ئىكەن بالا ئىمىش بالىسى ئىدى بالىسى ئىكەن | oқuğuqi: di oқuğuqi: kәn oқuğuqi: mix alti: di alti: kәn alti: mix bali: di bali: kәn bali: mix balisi: di balisi: kәn | بالىسى ئىمىش قەلىمى ئىدى قەلىمى ئىكەن قەلىمى ئىمىش روزى ئىدى روزى ئىكەن روزى ئىمىش غۇلجا ئىدى غۇلجا ئىكەن غۇلجا ئىمىش | balisi: mix қәlimi: di қәlimi: kәn қәlimi: mix ro: zi: di ro: zi: kәn ro: zi: mix ğulji: di ğulji: kәn ğulji: mix
|
(يۇقۇردا ئەسكەرتىلگەن لۇغەتنىڭ42-بېتىگە قارالسۇن) لېكىن،2009-يىلى9-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»(ئىملاۋە تەلەپپۇز قائىدىسى)دە يۇقىرقىغا قارىمۇقارشى ھالدا مۇنداق تەەلپپۇز قائىدىسىبېكىتىلدى: «ئىدى،ئىكەن،ئىمىش» ياردەمچى پېئىللىرى تۇرغۇن سۆزلەردىن كېيىنكەلگەندە ئۆىنىڭ ئالدىدىكى تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇلماي تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئوچۇق بوغۇملۇق سۆزلەردىن كېيىن يېپىق بوغۇملۇق سۆزلەردىن كېيىن ئىملاسى | | | | ئالما ئىدى ئالتە ئىدى توختى ئىدى | almi: di alti: di tohti: di | تاش ئىدى چايدان ئىدى تۇمار ئىدى چەينەك ئىدى قەغەز ئىدى | taxi: di qaydani: di tumari: di qәynәki: di қәğәzi: di |
(يۇقۇردا ئەسكەرتىلگەن لۇغەتنىڭ 58-بېتىگە قارالسۇن) مانا مۇشۇنداق بەزى تەلەپپۇزپىرىنسىپلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا ئۆزگەرتىلىشى،ئىزچىلمۇقۇملۇققا ئىگە بولماسلىقى بىر قىسىم دىكتور،رىياسەتچىلىرىمىزنىڭتەلەپپۇزدا قايمۇقۇش ھادىسىلىرىگە سەۋەبكار بولماقتا.تاراتقۇلىرىمىزدىكىدېكور،رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى ئەڭ ئاخىرى بېكىتىلگەن تەلەپپۇز قائىدىسىنىئەستايىدىل ئۆگىنىپ،ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېخى ئۈلگۈرۈپ بولالمىغاندەك تۇرىدۇ. 2).1997-يىلى نەشىر قىلىنغان لۇغەتتەمۇنداق بەلگىلەنگەن: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسدە «ئا»،«ئە»تاۋۇشلىرى ئەگەر بىرىككەن سۆزدىن تەركىب تاپقان يەر-جاي ئىسىملىرى،جۈپ سۆز،سىزىقچەئارقىلىق ئايرىلىپ يېزىلغان بىرىكمىلەر ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ ئالدىنقى تەركىبىنىڭئاخىرىدا كەلسە،«ئى»غا ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | قاراماي ئاراساي جىگدەمازار تۆگەدۆڭ ئانا-بالا ئاچا-سىڭىل باشقا-باشقا ئارقا-ئارقىدىن ئالما مۇرابباسى قورۇما كاۋاپ ھازا ئاچماق | қarimay arisay Jigdimaza: tö: gidöἠ ani - bala aqi - siἠil baxқi – baxқa a: қi – a: қidin almi mrabba: si қorumi kawap ḥazi axmaқ |
بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىشكېرەككى،تۇراقلىق ئۇرغۇ چۈشكەن بۇغۇملاردىكى «ئا»،«ئە» تاۋۇشلىرى ئاجىزلاشمايدۇ. مەسىلەن:
لېكىن يۇقۇرقىدەك شارائىتتا كەلگەنيەر-جاي ئىسىملىرىدىكى «ئا» ۋە «ئە» تاۋۇشلىرى كېيىنكى تەركىبتىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭئالدىدا كەلسە چۈشۈپ قالىدۇ. مەسىلەن:
ئىملاسى | | ئارائۆستەڭ ئارائاۋات ياقائۆستەڭ بۇغائۆلدى | aröstәἠ ara: wat yaқöstәἠ buğöldi |
بۇلاردىن باشقا سىنتاگمىلار تەركىبىدىكى«ئا» ياكى «ئە» بىلەن ئاياغلاشقان سۆز كېيىنكى تەركىبگە ئۇلىنىپئېيىتىلغاندا،يۇقىرىدىكى «ئا»،«ئە» تاۋۇشلىرى «ئى»غا ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن: ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا قاراش (يۇقارقى لۇغەتنىڭ 44-بېتىگەقارالسۇن) ئەمما،-يىلى 9-ئايداشىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ھازىرقىزامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»(ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى)دە مەزكۇرتەلەپپۇز قائىدىسى مۇنداق بېكىلتىگەن: بىرىنچى تەركىبىنىڭ ئاخىرىدا «ئا» ۋە«ئە» تاۋۇشى كېلىدىغان بىرىككەن سۆزلەر، يەر-جاي ناملىرى ۋە جۈپ سۆزلەرنىڭئىملاسىدا، ئەگەر بىرىنچى تەركىبىدىكى«ئا» ۋە «ئە» تاۋۇشلىرى «ئى» غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي ئۆز پېتى يېزىلغان بولسا، بۇيەردىكى «ئا» ۋە «ئە» تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا سەل قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: (يۇقارقى لۇغەتنىڭ 57-بېتىگە قارالسۇن) دېمەك، مۇشۇمەسىلىدىكى تەلەپپۇز قائىدىسى ھەمىشى ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا،دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭتەلەپپۇزىدا مەلۇم دەرىجىدە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرماقتا.بۇ مەسىلىدە،دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىز چوقۇم ئەڭ ئاخىرىبېكىتىلگەن تەلەپپۇز قائىدىسىنى پىرىنسىپ قىلىشى كېرەك. 3). «ئىدى،ئىكەن» ياردەمچىپېئىللىرىنىڭ بېشىدىكى «ئى» تاۋۇشى بۇ پېئىللار يېپىق بوغۇم بىلەن ياكى «ئى»دىنباشقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان تۇرغۇن سۆزلەرگە ھەمدە «ئا» ياكى «ئە»ئاجىزلاشمايدىغان بوغۇملارغا ئۇلانغاندا،چۈشۈرۈلمەيدۇ. «ئىمىش» ياردەمچى پېئىلىنىڭ « i » تاۋۇشى بولسا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە شۇبويىچە قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | كىتاپ ئىدى ئاۋات ئىدى ناچار ئىدى بەش ئىدى شۇ ئىدى دۆ ئىدى دۇنيا ئىدى جۈمەئىدى كىتاب ئىمىش ئاۋات ئىمىش ناچار ئىمىش بەش ئىمىش شۇ ئىمىش دۆ ئىمىش دۇنيا ئىمىش ئىلمىي ئىمىش ئىنقىلابىي ئىمىش | kitabidi awatidi naqaridi bәxidi xuidi döidi dunya: idi jümә: idi kitapmix awatmix naqarmix bәxmix xumix dömix dunya: mix ilmiymix inқila: biymix |
بىزنىڭ رادىئو-تېلىۋىزوردىكى بەزىدىكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ تەلەپپۇزلىرىدا مۇشۇ ئاغزاكىي تىل قائىدىلىرىگە ئەمەلقىلمايۋاتقان نۇقتىلار خېلى ئۇمۇميۈزلۈك ساقلانماقتا. 4 ).ھازىرقى زامانئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش فونېمىلىرىنىڭ تەلەپپۇزىدا تۆۋەندىكىدەك تەلەپپۇزقائىدىلىرى بېكىتىلگەن: (1).1997-يىلى1-ئايدا نەشىر قىلىنغان لۇغەتتە مۇنداق تەلەپپۇز قائىدىسى بېكىتلگەن: «ب» ۋە «د»تاۋۇشلىرى سۆز ئاخىرىدا كەلگەندە جاراڭسىزلىشىپ «پ» ۋە «ت» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، مۇنداقسۆزلەرگە ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندىمۇ ئوخشاشلا «پ» ۋە«ت» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغانقوشۇمچىلار ئۇلانغاندا بولسا ئەسلىگە قايتىدۇ.مەسىلەن:
ئىملاسى | | كىتاب كىتابلار كىتابقا كىتابى ئىقتىساد ئىقتىسادقا ئىقتىسادتا ئىقتىسادى كۇلۇب كۇلۇبقا كۇلۇبى مېتود مېتودقا مېتودى ھېساب ھېسابقا ھېسابى | kitap kitapla: kitapқa kita: bi ihtisat ihtisatқa ihtisatta ihtisa: di kulup kulupқa kulubi metot metotқa metodi ḥesap ḥesapқa ḥesabi |
|
(يۇقارقى لۇغەتنىڭ 45-بېتىگە قارالسۇن) ۋاھالەنكى، 2009-يىلى 9-ئايدا نەشىرقىلىنغان لۇغەتتە دەل مۇشۇ تەلەپپۇز پىرىنسىپى مۇنداق بېكىتىلگەن: بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن «د»، «ب»ئۈزۈك تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا، جاراڭسىز پارتلىغۇچى «ت»، «پ» تاۋۇشلىرىغا يېقىنراقتەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: (يۇقۇرقى لۇغەتنىڭ 55-56-بەتلىرىگە قارالسۇن) دېمەك، بۇ ئىككى خىل پىرىنسىپئوخشىمايدىغان مەۋقەدە بېكىتىلگەن. شۇڭا بەزى دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىز ئالدىنقىپىرىنسىپقا ئەمەل قىلسا، يەنە بەزىلىرى كېيىنكى لۇغەتتە كۆرسىتىلگەن پىرىنسىپلارغائەمەل قىلىپ، تەلەپپۇزنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتى. ئەسلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ جانلىقتەلەپپۇزىدىكى ئورتاقلىقلارنى نەزەردە تۇتقاندا ئالدىنقى پىرىنسىپ ئىلمى ۋەئەقىلگە ئۇيغۇن ئىدى. ئەپسۇسكى، ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى2009-يىلى 9-ئايدا بېكىتكەن تەلەپپۇز قائىدىسىدە ئۇنداق بېكىتىلمىدى. نەتىجىدەكۆپىنچە دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىز يېڭى بېكىتىلگەن تەلەپپۇز قائدىسىگە ماسلىشىپبولالماي كۆپتىن-كۆپ رىيازەت چەكمەكتە. (2). باشياكى ئوتتۇرا بوغۇمدا بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن«چ» تاۋۇشى «ش» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.كەينىگە «چ» ۋە«ر» تاۋۇشى بىلەن باشلانغان بوغۇم ياكى تەركىبلەر ئۇلىنىپ كەلسە ئەينەن تەلەپپۇزقىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | ئۆچكە قاچ - قاچتى كۈچ - كۈچلۈك ياغاچ - ياغاچچى ئاچچىق غاچچىدە ئۇچرا- چاچرا- | öxkә қaq - қaxti küq - küxlük yağaq - yağaxqi aqqiқ ğaqqidә uqra - qaqra - |
(3).سۆز ئاخىرىدىكى «خ» تاۋۇشى شۇ سۆزگە«ق» بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا،«ق»غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | شاخ - شاخقا دەرەخ - دەرەخقە | xaḥ - xaққa dәrәḥ - dәrәққә |
(4).سۆزئاخىرىدىكى«ر» تاۋۇشى ئۇمۇمەن يېزىلشى بويىچە چۈشۈرۈلمەي تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | يامغۇر قار خېمىر تونۇر ئانار شېكەر جىگەر بېغىر دەپتەر شار-شۇر شىر-شىر | yamğur қar hemir tonur anar xekәr jiger beğir dәptәr xar – xur xir – xir |
بۇ نۇقتىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكېرەككى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى شىۋىلىرى ئاراچۈشۈپ قېلىشى ئۇمۇمىيراق بولغان ئايرىم سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «ر» تاۋۇشىتەلەپپۇزدا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنداق سۆزلەرگە ئۈزۈك تاۋۇشبىلەن باشلانغان قوشۇمچە ياكى تەركىبلەر ئۇلانغاندىمۇ شۇنداق بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | يەر يەردە، يەرگە بازار بازاردا، بازارغا بار- باردى، بارمىدى كۆر- كۆردى، كۆرمىدى بەر- بەردى، بەرمىدى ئىشلەۋەر- ئىشلەۋەردى ئىشلەۋەرمىدى يازىۋەر- يازىۋەردى يازىۋەرمىدى | yә: yә: dә , yә: gә baza: baza: da , baza: ğa ba: - ba: di , ba: midi kö – kö: di , kö: midi bә - bә: di , bә: midi ixlә: wә: - ixlә: wә: di ixlә: wә: midi yazi: wә: - yazi: wә: di yazi: wә: midi |
بۇ يەردە يەنە شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىشكېرەككى، يۇقۇردىكىدەك سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «ر» تاۋۇشى شۇ سۆزلەر ياسالما سۆزياكى سۆز بىرىكمىلىرى تەركىبىگە كىرگەندە ساقلانسا، چۈشۈرۈلمەي تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.مەسىلەن:
ئىملاسى | | كۆرسەتمە كۆرگەزمە بارلىق يەرلىك ئەھۋال يەر مەيدانى | körsәtmә körgәzmә barliқ yәrlik әḥwal yәr meyda: ni |
يۇقۇرقى «ر» تاۋۇشىنىڭ ئۆزگىرىشىھەققىدىكى ئىككى پىرىنسىپ دىكتور،رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ چۈشەنچە قالايمىقانلىقىغاسەۋەب بولىۋاتىدۇ.ئەگەر دىكتور،رىياسەتچىلىرىمىز ئانا تىلىمىزنىڭ تىلقانۇنىيەتلىرىگە بىر قەدەر پىششىق بولسىدى بۇنداق قالايمىقانچىلىق سادىر بولماس ئىدى. (5).«ر» بىلەن ئاياغلاغقان بىر بوغۇملۇق تەقلىد سۆزلەردىن «-قىرا، -كىرا، -كىرە»قوشۇمچىلىرى ئارقىلىق پېئىل ياسالسا، تەقلىد سۆز ئاخىرىدىكى «ر» تاۋۇشى چۈشۈپقالىدۇ ۋە شۇ بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، باشقا شارائىتتا چۈشۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | پىرقىرا- پىرقىرغۇچ كوركىرا- كوركىراتما- پارقىرا- پارقىراق پىر-پىر پىررىدە پىرىلدا- غۇر-غۇر غۇررىدە پارلاق | pi: қira - pi: қiriğuq ko: kira - ko: kiratma pa: қira – pa: қiraқ pir - pir pirridә Pirilda - ğur - ğur ğurridә parlaқ |
(6). پېئىللارنىڭ مەجبۇرىي دەرىجەقوشۇمچىلىرىدىن «-دۇر، -تۇر، -دۈر، -تۈر» ۋە «-ار، -ۇر، -ۈر»، پۈتمىگەن سۈپەتداشقوشۇمچىلىرىدىن «-ار، -ەر»لەردىكى ھەمدە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلاردىكى «ر» تاۋۇشىچۈشۈرۈلمەي تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | ماڭدۇردى باستۇردى كۈلدۈردى يۈتتۈردى چىقاردى قايغۇردى چۈشۈردى ئۇچۇردى يازار كۆرەر بايراقدار ۋەتەنپەرۋەر مىراسخور | maἠdurdi basturdi küldürdi yüttürdi qiқardi қayğurdi qüxürdi uqurdi yazar körәr bayrahdar wәtәnpәrwәr mirashor |
(7). ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭتەلەپپۇزىدا كۆپلىك قوشۇمچىلىرىنىڭ ئاخىرىدىكى «ر» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭغايەنە ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچە ۋە ئۇلانمىلار ئۇلىنىپ كەلگەندىمۇشۇنداق بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | يولداشلار يولداشلاردا بالىلار بالىلارغا ئۆيلەر ئۆيلەردىن ئالىملار ئالىملارنىڭ مەكتىپىڭلار مەكتىپىڭلارنىڭ قەھرىمانلارچە باتۇرلارچە | yoldaxla: yoldaxla: da balila: balila: ğa öylә: öylә: din a: limla: a: limla: niἠ mekipiἠla: mekipiἠla: niἠ қәḥrimanla: qe baturla: qe |
بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مۇھىم بىرنۇقتا شۇكى، تىلىمىزدا كۆپلىك قوشۇمچىسىبىلەن ياسالغان سان خانىلىرى ناملىرىدىكى «ر» تاۋۇشى چۈشۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | بىرلەر خانسى ئونلار خانىسى يۈزلەر خانىسى | birlәr hanisi onlar hanisi yüzlәr hanisi |
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «ر» ئۈزۈكتاۋۇشىنىڭ تەلەپپۇزدىكى ئالاھىلىكى مەسىلىسى شۇنچە روشەن بولىشىغا قارىماي نۆۋەتتەدېكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ نۇتۇقىدا ھەممىدىنبەك قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتقان ئەڭ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. دېكتور،رىياسەتچىلىرىمىز مۇشۇ نوقتىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىشى زۆرۈر. (8).تىلىمىزدا باش ياكى ئوتتۇرا بوغۇمدا بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن «ق»تاۋۇشى «خ» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. كەينىگە «ق» بىلەن باشلانغان بوغۇم ياكى تەركىبلەرئۇلانغاندا ئەينەن تەلپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | ئىقتىساد ئىقلىم ئۇقتۇرۇش ئاق- ئاققان ئاقتى ئۇرۇق ئۇرۇقلۇق ئۇزۇق ئۇزۇققا | ihtisat ihlim uhturux aқ - aққan aқti uruқ uruhluқ o: zuқ o: zuққa |
(9).ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزىدا«ئال-، قال-،سال-، چال-، كەل-، بول-»پېئىللىرىدىكى «ل» تاۋۇشى سۆز تۈرلەنگەندىمۇ بوغۇم ئاخىرىدا كەلسە، تۆۋەندىكىشارائىتلاردا چۈشۈپ قالىدۇ: پېئىللارنىڭ بولۇشسىز شەكلى «-ما،-مە» قوشۇلغاندا تەلەپپۇزدا چۈشۈپ قالىدۇ.مەسىلەن: ئىملاسى | | ئالما- ئالمىدىم ئالمىدىڭ ئالمىدى كەلمە- كەلمىدىم كەلمىدىڭ كەلمىدى | a: ma - a: midim a: midiἠ a: midi kә: mә - kә: midim kә: midiἠ kә: midi |
بۇيرۇق-تەلەپ رايىنىڭ 2-شەخس ھۆرمەت تۈرىفورمىسىدىن «-سىلا،-سىلە» ۋە 3-شەخس فورمىسىدىن «-سۇن» قوشۇلغاندا «ل» تاۋۇشىچۈشۈپ قالىدۇ. مەسىلەن:
ئىملاسى | | ئالسىلا كەلسىلە ئالسۇن كەلسۇن | a: sila - kә: silә a: sun kә: sun |
شەرت-پەرەز ۋە ئارمان رايى فورمىسىنىياسىغۇچى «-سا،-سە» قوشۇلغاندا «ل» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ.مەسىلەن: ئىملاسى | | ئالسام ئالساق كەلسەم كەلسەك ئالساڭ ئالساڭلار ئالسىڭىز ئالسىڭىزلار ئالسىلا كەلسەڭ كەلسەڭلار كەلسىڭىز كەلسىڭىزلار كەلسىلە ئالسا كەلسە | a: sam a: saқ kә: sәm kә: sәἠ a: saἠ a: saἠla: a: siἠiz: a: siἠizla: a: sila: kә: sәἠ kә: sәἠla: kә: siἠiz kә: siἠizla: kә: silә a: sa kә: sә |
(10).تىلىمىزدا«-غاي،-گەي» ئارقىلىق ياسالغان تىلەك رايى شەكىللىرى ئۇلانغاندا تەلەپپۇزدا «ل»تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. مەسىلەن:
ئىملاسى | | بولغىيدىم بولغىيدىڭ بولغىيدى كەلگىيدىم كەلگىيدىڭ كەلگىيدى | bo: ğiydim bo: ğiydiἠ bo: ğiydi kә: giydim kә: giydiἠ kә: giydi |
(11). تىلىمىزداسۈپەتداش قوشۇمچىلىرىدىن «-غان،-گەن»،رەۋىشداشقوشۇمچىلىرىدىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن باشلانغان تۈرى «-غۇچە،-گۈچە»، «-غاچقا، -گەچكە»، «-غىلى، -گىلى»،«-غاچ، -گەچ» ۋە مەقسەت پېئىلى قوشۇمچىسى «-ماقچى، -مەكچى»لەرقوشۇلغاندا تەلەپپۇزدا «ل» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ.مەسىلەن: ئىملاسى | | كەلگەن بولغۇچە كەلگۈچە بولغاچقا كەلگەچكە بولغىلى كەلگىلى بولغاچ كەلگەچ بولماقچى كەلمەكچى | kә: gәn bo: ğuqә kә: güqә bo: ğaxқa kә: gәxkә bo: ğili kә: gili bo: ğaq kә: gәq bo: mahqi kә: mәkqi |
(12). ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل –يېزىقكومېتىتى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2009-يىلى سېنتەبىردە نەشىر قىلغان«ھازىرقى زمان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»نىڭ 51-بېتىدە مۇنداقكۆرسىتىلگەن: بۇغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن « ر، ل، ھ » تاۋۇشلىرى نۇتۇقتا ھەرقانداقئەھۋالدا چۈشۈرۈلمەيدۇ. ئەمما سىلىقراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.مەسىلەن:
ئىملاسى | |
بارغان كۆرگەن ئالغان بولغان پادىشاھ ھېيگاھ |
Barğan körğan alğan bolğan padsha heytğa
|
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، نۇتۇقتا چۈشۈرۈلمەيدۇ دېيىلگەن يۇقىرقىتاۋۇشلار ئاغىزاكى ئەدەبىي تىلىمىزدا ئەزەلدىن ئىزچىل چۈشۈرۈلۈپ كەلگەن ئىدى.ھازىرمۇ ئورتاق تەلەپپۇزىمىزدا مەزكۇر تاۋۇشلار چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا مېنىڭچەئاتالمىش «سىلىقراق» تەلەپپۇز قىلىنىدۇنى چۈشۈپ قالىدۇ دەپ ئالغان ئىلمىي ۋەتوغرىدۇر. (13).تىلىمىزدائىسىمداشلار قوشۇمچىلىرىدىن «-ماق،-مەك»، «-غۇ،-گۈ»، «-غۇچى،-گۈچى»لەر قوشۇلغاندا تەلەپپۇزدا «ل» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | كەلمەك كەلگۈدەك كەلگۈچىلەر | kә: mәk kә: güdәk kә: güqilә: |
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، بۇپېئىللاردىن باشقا سۆزلەر ياسالغاندا «ل» چۈشۈرۈلمەي تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئۈنئالغۇ، كىرئالغۇ، كەلگۈسى، چالغۇ-ئەسۋابلىرى ... (14).تىلىمىزدا «ئال-، قال-، سال-، چال-، كەل-، بول-» پېئىللىرى ئۆتكەنزامان ۋاستىلىك بايان رايى (1-،2-،3-شەخس بولۇشلۇق) فورمىسىدا كەلسە، تەركىبىدىكى«لى» ۋە «لۇ» چۈشۈپ قالىدۇ، ھەم شۇ بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. پېئىلدىكى «ئا، ئە»تاۋۇشلىرى ئاجىزلاشمايدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | ئاپتىمەن كەپتىمەن بوپتىمەن ئاپسەن كەپسەن بوپسەن ئاپتۇ كەپتۇ بوپتۇ | aptimәn kәptimәn boptimәn әpsәn kәpsәn bopsәn aptu kәptu boptu |
(15). تىلىمىزدا «قال-، سال-، كەل-، بول-»پېئىللىرى ئۆتكەن زامان ۋاستىلىك بايان رايىدا كېلىپ تۈسنى بلدۈرسە، ھەرئىككى تەركىبدىكى «لى» ۋە «لۇ» بوغۇملىرى چۈشۈپ قالىدۇ.ئالدىنقىتەركىبدىكى «ئا» ۋە «ئە» تاۋۇشلىرى بولسا «ئې»غا ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | ئېلىپ ساپتىمەن كېلىپ قاپتىمەن بولۇپ بوپتۇ | epsaptimәn kepқaptimәn bopboptu |
ئەگەر كېيىنكى تەركىب رەۋىشداشنىڭچېتىلما ئاددىي فورمىسىدا تۈرلىنىپ، ھالەت بولۇپ كەلسە، «لى»،«لۇ» بوغۇملىرى چۈشۈرۈلمەيدۇ.«ئا» ۋە «ئە» تاۋۇشلىرى بولسا«ئې»غائاجىزلىشىدۇ ۋە شۇ بويىچە تەلەپپۇزقىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئىملاسى | | ئېلىپ سېلىپ كېلىپ قېلىپ بولۇپ بولۇپ | epselip kepқelip bopbolup |
بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك يەنە بىرمەسىلە شۇكى، ئەگەر يۇقۇرقىدەك شارائىتتا «ئال-»پېئىلى تۈسنى بىلدۈرۈپ كەلسە، ھەر ئىككى تەركىبدىكى «لى»، «لۇ» بوغۇملىرىچۈشۈرۈلمەي تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | ئېلىۋېلىپ كېلىۋېلىپ بولىۋېلىپ سېلىۋېلىپ | eliwelip keliwelip boluwelip seliwelip |
5).بوغۇملارنىڭ تەلەپپۇزىدا بىرىككەن سۆز ياكى بىرىكىپ ئوقۇلۇشى مۇقۇمبولغان سۆز بىرىكمىلىرىدىكى تەركىبلەرنىڭ ئالدىنقىسى يېپىق بوغۇم بىلەنئاياغلىشىپ، كېيىنكىسى سوزۇق تاۋۇش بىلەنباشلانغان بولسا، تاۋۇشلارنىڭ بوغۇم تەۋەلىكىقوشۇپ ئوقۇلغاندىكى ئۆزگىرىش بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.مەسىلەن: ئىملاسى | | ئۈنئالغۇ تاشئەينەك يۈزئاچقۇ سوقۇر ئۈچەي ئاق ئالتۇن | ü' nalğu ta' xәynәk yü' zaxқu soқu' rüqәy a' қaltun |
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭتەركىبىدە كېلىدىغان «ل» تاۋۇشىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە چۈشۈپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەلەپپۇز ئۆلچەملىرى خېلى كۆپ دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولۇپ،ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى پۈتمەس ئارامسىزلىقلار دېڭىزىغا غەرق قىلماقتا. شۇڭا، بۇ يەردەمېنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەيدىغىنىم، يۇقىرىقى تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ھەربىر دېكتور ۋەرىياسەتچى ئىنچىكە، چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئىگىلىشى شەرت. 6). ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا كىشى ئىسىملىرى، يېزىلىشى بويىچە تەلەپپۇزقىلىنىدۇ. «ئاخۇن، ئاكا، ئاچا، خان، ھەدە» قاتارلىق سۆزلەر كىشى ئىسىملىرى بىلەنقوشۇلۇپ كەلگەندە، تاۋۇشلاردا ۋە ئۇلارنىڭ بوغۇم تەۋەلىكىدە يۈز بېرىدىغانئۆزگىرىشلەر شۇ بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | قادىرئاخۇن قادىر ئاكا قادىر ھاجى زەينەپخان ئاچا زەينەپ ھەدە تالىپ ئاخۇن يۈسۈپ ئاكا | қadi' ra: hun қadi' ra: ka қadi' ra: ji zәynәpha: qa zәynәwәdә ta: liwa: hun yüsüwaka |
7). تىلىمىزدىكى كىرمە سۆزلەر تەركىبىدە قاتار كەلگەن ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭئاۋالقىسى «ئې» بولسا، «ئى» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. شۇ ئاساستا قاتار كەلگەن «iu, oi, ai, io, ia» لارنىڭ ئوتتۇرىسىغا «ي» قوشۇلىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىدىكى سوزۇقتاۋۇش بىلىنەر-بىلىنمەس قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ [①]. مەسىلەن:
ئىملاسى | | رادىئو رېئاكسىيە رېئالىزم پىئونېر مېردىئان | radiyo riyaksiyә riyali: zim piyoner merdiyan |
بىزنىڭ بەزى دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىز مۇشۇپىرىنسىپقىمۇ دېگەندەك ئەمەل قىلالمايۋتىدۇ. نەتىجىدە، كىرمە سۆزلەرنىڭفونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى تەلەپپۇزدا گويا مىللىي تىلىمىزنىڭ فونېتىكىلىققانۇنىيەتلىرىگە بوي سۇنمايدىغان، يېقىمسىز تۈسلەرنى پەيدا قىلىپ قويىۋاتىدۇ. 2. بۈگۈنكى دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭتەلەپپۇزىدا ئىملا قائىدىسىنىڭ تەلىپى بويىچە قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن سۆزئىبارىلەر ھەرپمۇ-ھەرپ تەلەپپۇز قىلىنىشتەك ئېچىنىشلىق ئەھۋال داۋاملاشماقتا.يۇقىرىدا بىز دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىملا قائىدىسى ئۆلچەملىك ئەدەبىي يېزىق تىلئۇسلۇبىغا قارىتىلغاندۇر. ئۇنى تەلەپپۇزغا تېڭىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، تەلەپپۇزقائىدىسى تەلەپپۇزنىڭ مىزانىدۇر. ھازىر رادىئو، تېلىۋىزىيە دېكتورلىقىدا مۇشۇقائىدە پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلمايدىغان ئەھۋال ئومۇملىشىپ بارماقتا. مەسىلەن:ئىملا قائىدىسى بويىچە بېكىتىلگەن مېنىستىرلىق، توغقان، ئېلىپ كەلمەك ... دېگەندەكسۆزلەر يېزىلىشى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنماقتا. 3. بەزى دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىزھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قالايمىقانئىشلەتمەكتە. بۇ ھال تىلىمىزنىڭ ساغلام تەرەقىياتىغا بەلگىلىك توسقۇنلۇقلارنى ئېلىپكەلمەكتە. بىز تۆۋەندىكى ئەمەلىي مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى: ⑴ پروگرامىمىز ئاخىرلاشتى.پروگىرامىمىزنى چىن كۆڭلۈڭلاردىن ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان بولىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ جۈملىدە دېكتور «تەۋسىيە» سۆزىنىڭمەنىسىنى تولۇق بىلمەي قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئىپادىلىمەكچى بولغانئوي-پىكىر ئاڭلىغۇچىغا توغرا يەتمىگەن. مەزكۇر سۆز ئەسلى ئەرەپچىدىن تىلىمزغاكىرىپ ئۆزلەشكەن.ئۇ مۇنداق ئىككى خىل مەنىگە ئىگە:بىرى،بىراۋنى بىرەر ئىشقامۇۋاپىق،لايىق دەپ كۆرسىتىش دېگەن مەنىدە،يەنە بىرى،مەسلىھەت، تەكلىپ دېگەنمەنىدىدۇر [②].يۇقارقى جۈملىگە بۇ سۆزنىڭ ھېچقايسى مەنىسى مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.ئەسلى دېكتور يۇقىرقىجۈملىنى مۇنداق دېسە توغرا بولار ئىدى: پروگرامىمىز ئاخىرلاشتى. پروگىرامىمىزنىچىن كۆڭلۈڭلاردىن ياقتۇرغان بولۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز. ⑵ ئۇ ماڭا تېلىفۇن ئۇرغانىدى. بۇ جۈملىدە «ئۇرماق» پېئىلى جايىدائىشلىتىلمىگەن.ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە بۇ سۆزنىڭ گەرچە 13 خىل مەنىسىبولسىمۇ [③]،لېكىن ئۇنىڭ «بەرمەك» پېئىلى بىلەن مەنىداشلىقى قەيت قىلىنمايدۇ.دېمەك،يۇقىرقىجۈملىدىكى «ئۇرغانىدى» پېئىلى خەنزۇچىدىن لۇغەت مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىنىشتىنكېلىپ چىققان پاجىئەدۇر. ⑶ بۇ ياق بىزنىڭ نادىرئارتىسىمىز، نادىر سەنئەتكارىمىز. «نادىر» دېگەن سۈپەت تىلىمىزغا ئەرەپتىلىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن بولۇپ،مەنە جەھەتتىن ئۇ ئەرەپ تىلىدىكىگە ئوخشاشلائەدەبىي ئەسەر،ئېسىل سۈرەت قاتارلىق نەرسىلەرنى سۈپەتلەپ كېلىپ شۇ نەسىلەرنىڭئوخشاش خىلدىكىلىرى ئىچىدە كەم ئۇچرايدىغانلىقىنى ۋە ئەڭ ئېسىلى ئىكەنلىكىنىئىپادىلەيدۇ.يەنە بىرى،مەزكۇر سۆز ئەرلەرنىڭ ئىسمى بولۇپمۇ كېلىدۇ.بۇنىدىڭدىنباشقا شەيئلەرنىڭ سۈپىتىنى بلدۈرۈشكە ئىشلىتىلىپ كەتمەيدۇ.بولۇپمۇ،ئادەمنىڭسۈپىتىنى بىلدۈرۈشكە قەتئىي ئىشلىتىلمەيدۇ.شۇڭا يۇقۇرقى جۈملىدە ئىشلىتىلگەن«نادىر» سۆزى كونتېكىستتا خاتا قوللىنىلغاندۇر.ئەسلى رىياسەتچى يۇقۇرقى جۈملىنى«بۇ ياق بىزنىڭ تونۇلغان ئارتىسىمىز،داڭلىق سەنئەتكارىمىز» دەپ ئالسا توغرا بولارئىدى. سەھىپە چەكلىمىسى سەۋەبلىك تۆۋەندىكىجۈملىلەردە خاتا قوللىنىلغان ئاتالغۇلارنى بىرمۇبىر چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمەن.پەقەت توغرىسىنى كۆرسىتىش بىلەنلاچەكلىنىمەن. ئەسلىسى | | ئۇ ياش چاغلىرىدا ياپونغا چىقىپ ئوقىغان ئىدى. | ئۇ ياش چاغلىرىدا ياپونىيەدە ئوقىغان ئىدى. | مەيلى دۇنيانىڭ نەرىگلا بارماڭ، يا ئۇنداق يا بۇنداق ئىشلارغا دۇچار كېلىسىز. | مەيلى دۇنيانىڭ نەرىگىلا بارماڭ، ھەرخىل ئىشلارغا دۇچ كېلىسىز. | ...ئەرەپ، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردە... | ...سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردە... | يازلىق ھوسۇلنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. | ھوسۇل يىغىشنى زور كۈچ بىلەن تېزلەتتى. | بۇ يەردە شال ئاقلاش، ئۇن تارتىش تۈگمەنلىرىمۇ بار ئىدى. | بۇ يەردە سوقا، تۈگمەنلەرمۇ بار ئىدى. | بۇ كوچىدا قول ھۈنەرۋەنچىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. | بۇ كوچىدا ھۈنەرۋەنلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. | فېرمىدا توخۇلارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتى ياخشىلاندى... | فېرمىدىكى توخۇلارنىڭ يېمى ياخشىلاندى. | | |
تىلىمىزغا خەنزۇچىدىن قىلىنغان ئۆلۈك ۋەقوپال تەرجىمە تىلىنىڭ دەستىدىن ئۇقۇم ئېنىقسىزلىقى ئامىللىرى سەلدەك بېسىپكىرىپ،ئەقلىي تەپەككۇرىمىزنى خۇنۈكلەشتۈرمەكتە.تەرجىمە خاتالىقىدېكتور،رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ ئاغزاكىي تىلىدىمۇ ئەينەن ساقلانماقتا.بۇ تىلئەمەلىيىتىمىزدە جىددىي تۈزىتىشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.بۇ ھەقتەتۆۋەندىكى ئەمەلىي مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى: دېھقانچىلىق قىلىدىغان سالا-سالا ئېتىزلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. | سالا-سالا ئېتىزلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. | ئۇ يەردە ئىككى مەيدان يىغىن ئېچىلدى. | ئۇ يەردە ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىلدى. | پىچان ناھىيە لۈكچۈن بازار ئامانشاھ كەنت بىرىنچى مەھەللىدىكى ... | پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى ئامانشاھ كەنتىدىكى... | پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات | پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات | ئاز بولمىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ئاز بولمىغان تەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. | نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق كۆپلىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. | ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. | ھاۋا بۇلغىنىشى تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلدى. | ئىلمىي بولغان پىلان تۈزۈلدى. | | توغرا بولغان جامائەت پىكرى ھازىرلاندى. | جامائەتنىڭ دۇرۇس پىكرى ھازىرلاندى. | چوڭقۇر بولغان دوستلۇق ئورنىتىلدى. | چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلدى. | ھەر ئاڭلىشىڭىزنىڭ قىممىتى بار. | ئاڭلىسىڭىز قىممەت قۇچىسىز. ئاڭلىسىڭىز قىممەت تاپىسىز. ھەر ئاڭلىسىڭىز بىر قىممەت | تەشكۈرۈش گۇرۇپپىسى يېزىمىزنى تەشكۈردى. | تەكشۈرگۈچىلەر يېزىمىزنى تەكشۈردى. | كېرىيەدە 7.3 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ... | توغرىسى: كېرىيەدە 7.3 بال يەر تەۋرەپ...
| | | بازارلاردىكى تاۋارلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. | | ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقى مۇنداق دېدى... | ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر باشلىقى مۇنداق دېدى... ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى... | ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە يېزىلاردىمۇ ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. | پات ئارىدا يېزىلاردىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. | فېرما توخۇخانىلارنى قايتدىن تەرتىپكە سالدى. | فېرما كاتەكلەرنى قايتىدىن تەرتىپكە سالدى. | قىزغۇچ ئات مىنىۋالغىنى دەل ئاشۇ يىگىت ئىدى. | تورۇقنى مىنىۋالغىنى دەل ئاشۇ يىگىت ئىدى. |
4. تەرجىمان، تەھرىرلىرىمىز بەزىدە ئاناتىلىمىزنىڭ تىل ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، لۇغەت مەنىسى تەرجىمىسىنى زورلاپتېڭىپ تىلىمىزنىڭ جەزبدارلىقىنى ۋە يېقىملىق ئاھاڭدارلىقىنى سىندۇرۇپ قويىدىغانئەھۋاللارمۇ ھازىر خېلىلا كۆپىيىپ قالدى. بۇ ئەھۋاللارنى بىز رادىئوتېلىۋىزورلىرىمىزدىن ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرساقمۇ، بۇنى دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىزبىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىش دەپ قاراپ ئەپۇ قىلىپ كەلدۇق. ئەمەلىيەتتە بۇمەسىلىدە دېكتور، رىياسەتچىلەرنىڭمۇ بەلگىلىك مەسئولىيىتى بار. چۈنكى،ئاڭلىتىلىدىغان ماتېرىيالنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بېكىتىشى ئەنە شۇ دېكتور،رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي مېھنىتىگە مەنسۇپ. يېقىندىن بۇيان رادىئو،تېلىۋىزىيەلىرىمىزدە تەرجىمىدىن كىرگەن بىرمۇنچە سۆز ئىبارىلەر كۆپىيىپ قالدى.مەسىلەن: تەتقىقات ئېلىپ باردى، داۋالاش ئېلىپ باردى، تەربىيە ئېلىپ باردى، چەكلەشئېلىپ باردى، ئىسلاھات ئېلىپ باردى، رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، چوڭ ياخشىۋەزىيەت، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقۇرىدا ھاۋا رايىدىن مەلۇماتئاڭلاتتۇق. تۆۋەندە ... 5. نۆۋەتتىكىدېكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ جانلىق تىلىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇرغۇ مەسىلىسىمۇ بىزنىجىددىي ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى لېكسىكىلىق بىرلىكلەردە سۆزئۇرغۇسى ئادەتتە ئاخىرىقى بوغۇمغا چۈشىدۇ. سۆزلەر تۈرلەنگەندە سۆز ئۇرغۇسى سۆزئاخىرىدىكى تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارغا يۆتكىلىدۇ. تىلىمىزدا سۆز ئۇرغۇسى ئاساسەن،بوغۇم تەشكىللىگۈچى سوزۇق تاۋۇشتا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن بەزىلەر ئۇنى تاۋۇش ئۇرغۇسىدەپمۇ ئاتايدۇ. تىلىمىزدا بەزى ۋاقىتلاردا ئۇرغۇ ئالدىنقى بوغۇملارغا چۈشىدىغانئەھۋالمۇ بولىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدۇ. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە،ئۇرغۇنىڭ ئالدىنقى بوغۇملاردا كۆرۈلىشى مۇنداق بىر قانچ ئەھۋالدا بولىدۇ: ⑴ ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتى جەريانىدائۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى كۆرۈلدى. ئۈزۈكتاۋۇش چۈشۈپ قالغاندا، ئەنە شۇ چۈشۈپ قالغان تاۋۇشنىڭ ئورنىنى تولۇقلاشئېھتىياجىدىن، شۇ چۈشۈپ قالغان تاۋۇشنىڭ ئالدىدىكى بوغۇمغا تەۋە سوزۇق تاۋۇشسوزۇلۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: بار- با، قار – قا، ...؛ كۆپ بوغۇملۇقسۆزلەردىمۇ مانا مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: بارارمۇ – بارامۇ، كەلسە –كەسە، بەرسۇن – بەسۇن ... ⑵ سوزۇق تاۋۇش «ئا» ئوچۇق بوغۇمدا كەلسەۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش تار سوزۇق تاۋۇش بولسا،«ئا»نىڭ ئۇرغۇنى قوبۇل قىلىشى يەنىمۇ ئاكتىپلىشىدۇ. مەسىلەن: تاكى، زادى، ماھىر،ئائىلە، سادىق، كائىنات ... ⑶ ئادەتتە «ئى» تاۋۇشىمۇ خۇددى «ئا»غائوخشاشلا يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ئۇرغۇنى ئۆزىگە تارتىدۇ. مەسىلەن: ئېغىر، سېرىق،تېرىق، ئېغىش، بېسىم، ئېنىق، سېلىق ... دېگەندەك. دېمەك، مۇشۇنداق بىر قانچە ئالاھىدەئۇرغۇلۇق سۆزلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لوغەت سوستاۋىدىكىبارلىق سۆزلەردە ئۇرغۇ ئاخىرىقى بوغۇمغا چۈشىدۇ. بىز ھازىرقى دىكتور،رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ تەلەپپۇزلىرىدا نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ خالىغان بوغۇمىغا ئۇرغۇيۈكلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمىز. بۇ ھال ئاڭلىغۇچىنى قاتتىق ئارامسىزلاندۇرىدۇ. تىلىمىزدا يەنە جۈملە ئۇرغۇسىمۇ بار. ئۇيغۇرتىلىدىكى جۈملە ئۇرغۇسى — ئاھاڭ ئۇرغۇسىۋە لوگىكىلىق ئۇرغۇدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئاھاڭ ئۇرغۇسى جۈملىگەئۈندەش، سوئال، ئەجەپلىنىش، ھاياجانلىنىش، ئەپسۇسلىنىشقا ئوخشاش تۈرلۈك تۈسلەرنىكىرگۈزىدۇ. مەسىلەن: قەھرىمان راستىنلا كەلدىما؟ (ئەجەپلىنىش) پاھ، قەھرىمان راستىنلا كېلىپتۇ-دە!(ھاياجانلىنىش) ئىسىت، قەھرىمان كېلىپ قاپتۇ-دە!(ئەپسۇسلىنىش) لوگىكىلىق ئۇرغۇ ئەمەلىيەتتە جۈملەئۇرغۇسىنىڭ قايسى سۆزگە چۈشىدىغانلىقى بىلەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سۆزلىگۈچىنىڭجۈملىدىكى قايسى سۆزنى تەكىتلىمەكچى بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. لوگىكىلىقئۇرغۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن جۈملىگە تۈرلۈك سوئاللارنىڭ بېرىشكە بولىدۇ. [④]مەسىلەن: دىلدار ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتىدۇ. كىم ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتىدۇ؟ - دىلدار دىلدار نەدە ئىشلەۋاتىدۇ؟ - ئۈرۈمچىدە دىلدار ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتامدۇ؟ -ئىشلەۋاتىدۇ مۇشۇ جۈملىلەردە جاۋاب بولۇپ كەلگەنسۆزلەر ئۇرغۇلۇق سۆزلەر بولىدۇ. شۇنداقلا لوگىكىلىق ئۇرغۇ ھېسابلىنىدۇ. بەزىچاغلاردا مەلۇم بىر پىكىرگە رەددىيە بېرىش ياكى تەنە قىلىش مۇددىئاسى بىلەن،لوگىكىلىق ئۇرغۇ رەددىيە بېرىلگۈچى پىكىرنىڭ قارشى مەنىسىنى مەركەزلىكئىپادىلەيدىغان سۆزگە چۈشىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، جۈملە ئۇرغۇسىمۇ ھازىرقىزامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىلىرى دائىرىسىگە كىرىدۇ. 6.ھازىرقى ئۇيغۇرچە تاراتقۇلىرىمىزدادېكتور،رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى خەنزۇچىدىن ۋە ئېنگېلىزچىدىن كىرگەنسۆزلەرنى،شۇ تىللار بويىچە ئاتاش توغرا كەلگەن ئاتالغۇلارنى ئەشۇ تىللارنىڭئۆزىنىڭ فونېتېكىلىق ئالاھىدىلىكى بويىچە تەلەپپۇز قىلىپ ئوقۇيدىغان ئەھۋالنىپەيدا قىلدى.بەلكىم بۇ دېكتور،رىياسەتچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ خەنزۇچە ۋە ئېنگېلىزچىدىنبەلگىلىك ساۋاتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغۇچىلارغا نامايىش قىلىۋالماقچى بولغاندۇ.قىزىقىشۇكى،ئۇلار تىلىمىزدىكى ھەممىدىن كۆپ نىسبەتنى تەشكىل قىلىدىغان فارسچە،ئەرەپچە ۋەروسچە كەلىمىلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىك قائىدىسى بويىچەئەمەس،بەلكى ئەشۇ تىللارنىڭ فونېتىك ئالاھىدىلىكى بويىچە تەلەپپۇز قىلىشقا قادىرئەمەستۇر.ئەشۇنداق قىلالىغان تەقدىردىمۇ ئۇ مىللىي تىلىمىزنىڭ تەلەپپۇزقانۇنىيىتىگە ئېغىر دەرىجىدە مۇخالىپتۇر. مەسىلەن:
تىلىمزغا خەنزۇتىلىدىن كىرگەن كىرمەسۆزلەردە،قوشما يۈنمۇلار تەركىبىدىكى ئۆتكۈنچى سوزۇق تاۋۇشلار ئاساسى سوزۇق تاۋۇشبىلەن بىر بوغۇم قىلىپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.ئالايلى:
ئىنگىلىزچە مىساللار رايونى 7.ئۇيغۇر تىلىدا باش ھەرپ بويىچەقىسقارتىلغان سۆزلەر شۇ ھەرپلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى نامى بويىچە تەلەپپۇزقىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | ش ئۇ ئا ر (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) | | ج ك پ (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى) | | ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) | | ش ئا ئە ت (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) | |
8.خەلقئارا ھەرپ بويىچە قىسقارتىپقولىنىش ئادەتلىنىپ كەتكەن قىسقارتىلغان سۆزلەر تىلىمىزغا قوبۇل قىلىنغاندا، خەلقئارادىكىلاتىن ھەرپلىرىنىڭ ئوقۇلۇشى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىملاسى | | WTO(دۇنيا سودا تەشكىلاتى) | | GDP (ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمىي قىممىتى) | | BBC(ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى) | | KGB(دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى) | | VCD(ۋىدىيولۇق ئوپتىكىلىق دىسكا) | | DVD(رەقەملىك ۋىدىيولۇق دىسكا) | | | |
9. خەلقئاراداقىسقارتىلىپ يېزىلىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇق نامىبويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
10.تېلىفۇن ۋەپوچتا نۇمۇرلىرىنى ئوقۇشتا ئالدىنقى ئۈچ خانىسى بىر ئوقۇلۇپ، قالغان خانىلىرى ئىككى-ئىككىدىن ئوقۇلىدۇ. ئەگەر ئالدىنقى ئۈچخانىسىدىن كېيىن بىر قانچە نۆل قاتار كېلىپ قالسا، ئىككى نۆلدىن كېيىن «دانە» دېگەن سۆز قوشۇپ ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن [⑤]: ئىملاسى | | | سەككىز يۈز ئەللىك بەش، يىگىرمە ئۈچ، ئەللىك يەتتە | | بىر يۈز ئوتتۇز ئالتە، ئاتمىش، توقسان ئىككى، ئوتتۇز ئۈچ، ئون | | سەككىز يۈز ئوتتۇز، ئىككى دانە نۆل، بىر |
بۈگۈنكى كۈندە ئاناتىلىمىزنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تاراتقۇلارنىڭ رولى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدەمۇھىم بولماقتا. بۇ ساھەدە دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ ئوينايدىغان رولىغا ھەرگىزسەل قاراشقا بولمايدۇ. دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىز ئانا تىلىمىزنى توغرا ئىشلىتىشمەجبۇرىيىتىنى ئۆز زىممىسىگە يۈكلەپلا قالماي، يەنە مىللىي تىلىمىزنى بېيىتىش ۋەئۇنى تېخىمۇ يېقىمىلىق، جەزبىدار، تەسىرلىك، توغرا ھەم ئېنىق ئىپادىلەش ۋەزىپىسىنىمۇئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئۇلار ئانا تىلىمىزنى قوغدىغۇچىلاربولۇپلا قالماي، يەنە ئانا تىلىمىزنى بېيىتقۇچىلاردۇر. شۇنداق ئىكەن، دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىزئانا تىل بىلىملىرىنى، جۈملىدىن ئانا تىلىمىزنىڭ تەلەپپۇز قائىدىلىرىگەمۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئەستايدىل ۋە ئىنچىكە ئۆگىنىش زۈرۈر. بۇ ئۇلار جەزمەنھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم كەسپىي نەزىرىيىۋى سەۋىيە مەسىلىسىدۇر. ئاناتىلىمىزنى قانچىكى توغرا ئىشلىتەلمىسەك مىللىي تەپەككۇرىمىز شۇنچىكىقالايمىقانلىشىدۇ. بۇ ھەقتە گېرمانىيە ئالىمى خومبولد مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداقبىر تىل مللىي تەپەككۇرنىڭ جۇغلانمىسى، ئۇنىڭدا بىر مىللەتنىڭ دۇنيانى كۆزىتىش، دۇنيانىھېس قىلىش ۋە دۇنيانى چۈشەندۈرۈشتىكى ئالاھىدە تەپەككۇر ئەندىزىسى ئەكس ئەتكەنبولىدۇ» [⑥].تىلىمىزنىڭ ھەر بىر تىنىقى، ھەر بىر ئۇرغۇ ۋە ئىنتوناتسىيەسى ئۇزۇن تارىختىن بۇيانئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىللىي تەپەككۇرىمىزنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. ئۇنىھەرقانداق ئادەمنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ساغلام مىللىي تەپەككۇر يولىمىزنىبۇزۇشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئەشۇ ئۇزۇن تارىختىن بۇيان شەكىللىنىپراۋاجلانغان مىللىي ھېس-تۇيغۇمىز ئانا تىلىمىز بىلەن چەمبەرچاس باغلانغاندۇر. ئاناتىلىمىزسىز مىللىي ھېس-تۇيغۇمىزنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، تۈركولوگئاخمەت جافېر ئوغلۇ «مىللىي ھېس بىلەن تىل ئارىسىدىكى باغلىنىش ناھايىتى چىڭدۇر. تىلنىڭمىللىي ۋە ساپ بولۇشى مىللىي ھېس-تۇيغۇنىڭ ساپ بولۇشىدۇر» [⑦]دەپ توغرا ئېيتىدۇ. يۇقۇرقىسەھىپىلىرىمىزدە تىلىمىزنىڭ تەلەپپۇزىدا ساقلىنىۋاتقان بەزى خاتالىقلارنى كونكىرتكۆرسىتىپ ئۆتتۇق. بۇ مەسىلىلەر مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا تىل-يېزىقبەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا مىللىيمەدەنىيىتىمىزنى، جۈملىدىن مىللىي تىلىمىزنى قوغداش ۋە ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقاتوسقۇنلۇق قىلىدىغان زور مەسىلىدۇر. شۇڭا، دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىز بۇ نۇقتىلارغائەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئانا تىلىمىزنى ھەقىقىي قوغدىغۇچىلاردىن ۋە ئۇنىبېيىتقۇچىلاردىن بولۇپ يېتىلىشى كېرەك!
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى
ئادرىس: شىنجاڭپېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى
[①] ھازىرقى زامانئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىلىرى، 1997-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىتەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا تەلەپپۇزلوغىتى»نىڭ ”تەلەپپۇز قائىدىسى“دىن ئېلىندى. يەنى: شۇ لۇغەتنىڭ 39- بېتىدىن 56-بەتلىرىگىچە بولغان مەزمۇنلار ئاساس قىلىندى.
[②] ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىقلۇغىتى 1991-يىلى 11-ئاي، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 2-توم، 209-بەت.
[③] ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىقلۇغىتى 1996-يىلى 3-ئاي،مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 5-توم، 723-724-بەت.
[④] تۈركىي تىللار تەتقىقاتى(1): 1982- يىلى 8-ئاي مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 319~327- بەتلەر.
[⑤] «ھازىرقى زامانئۇيغۇرئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»(ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى) ش ئۇ ئا رمىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تۈزگەن، 2009-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى نەشىر قىلغان.58-59-بەتلەر.
[⑥] چىيەن گۇەن لىيەن:«تىل ئىنسانىيەتنىڭ ئاداققى ۋەتىنى»، سودا نەشرىياتى، 2005-يىلى 4-ئاي خەنزۇچەنەشرى، 34-بەت.
[⑦] ئاخمەت جافېرئوغلۇ: «قەدىمكى ئۇيغۇر تۈركچىسى سۆزلۈگى»، 1965-يىلى، ئىستانبول، تۈركچە نەشرى،تىتولدىن. |