مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 430|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نەۋائىي: تىل ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
نەۋائىي: تىل ھەققىدە

كىمىكى كۆڭۈلنى قاتتىق سۆز بىلەن جاراھەتلەر ئىكەن، ئاڭا ئاچچىق تىل زەھەرلىك نەيزىدەك سانچىلىدۇ. كۆڭۈلدىكى تىل نەيزىسىنىڭ جاراھىتى پۈتمەس؛ ئۇ جاراھەتكە ھېچ نەرسە مەلھەملىك قىلماس؛
ئەگەر بىر كۆڭۈلدە تىل نەيزىسىنىڭ جاراھىتى بولسا، پەقەت ياخشى سۆز ۋە شېرىن تىل ئاڭا مەلھەم ۋە راھەتدۇر. مۇلايىم سۆز سېھرگەر ئەفسۇن ئوقۇپ، يىلاننى ئۇۋىسىدىن چىقارغاندەك ۋەھشىيلەرنى ئۈلپەتكە ئايلاندۇرىدۇ؛
تىلغا ئىختىيارسىز — ئەلگە ئېتىبارسىزدۇر. كۆپ، مەززىسىز سۆزلەيدىغان ئەزمە — كېچىلىرى تاڭ ئاتقۇچە تىنماي قاۋايدىغان ئىتقا ئوخشايدۇ. تىلى يامان ئادەم — خەلق كۆڭلىنى جاراھەتلەيدۇ، ئۆز باشىغا ھەم ئاپەت يەتكۈزىدۇ. ناداننىڭ ۋەھشىيلەرچە ھۆركىرىمىكى — ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭرىمىقى. خۇشسۇخەن ئادەم يۇمشاقلىق بىلەن دوستانە سۆزلەيدۇ؛ كۆڭۈلگە چۈشۈشى مۇمكىن بولغان تۈرلۈك-تۈمەن غەم خۇشسۇخەننىڭ سۆزى بىلەن غايىب بولىدۇ. سۆزدە ھەر قانداق ياخشىلىقنىڭ ئىمكانى بار.
ئۆزى خۇنۈك، سۆزى تېتىقسىز، ئاۋازى يېقىمسىز ئادەم پاقىغا ئوخشايدۇ. بەخت بېغىشلىغۇچى تازا روھ مەنبەيى ھەم تىل؛ يامانلىقلار كەلتۈرگۈچى ، ئاداۋەت تۈگمىنىگە سۇ باشلىغۇچى ھەم ئاچچىق تىلدۇر. تىل تىزگىنىنى تۇتالىغان ئادەم — دانىشمەن ئاقىلدۇر؛ سۆزگە ئەرك بەرگەن ئادەم — ئەندىشىسىز ۋە پەسكەشتۇر. تىل شېرىن ۋە يېقىملىق بولسا ياخشى؛ تىل بىلەن دىل بىر بولسا ئانىڭدىن ياخشى. تىل بىلەن دىل — ئىنساندىكى ئەڭ ياخشى ئەزالاردۇر. بوستاندا — گۈل كۆپتۇر، گۈلغۇنچە ۋە رەيھانلار ئەڭ يېقىملىق ۋە خۇشھىد گۈللەردۇر.
ئادەم — تىلى بىلەن باشقا ھايۋانلاردىن ئىمتىيازلىقتۇر، ئۇ تىلى ئارقىلىق باشقا ئادەملەردىن ئەۋزەللىكى بىلىنىدۇ، تىل — شۇنچە شەرەپى بىلەن نۇتۇقنىڭ قورالىدۇر. ئەگەر نۇتۇق ناباب چىقسا — تىلنىڭ ئاپىتىدۇر.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
دىۋان
ۋاقتى: 2015-12-7 22:44:25 | ئايرىم كۆرۈش
ئالامەت ھېكمەت جۇمۇ بۇ~!
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:17 , Processed in 0.054731 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش