كىتاپ كۆرۈڭ «ك» ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى كىتاپنى كۈندە كۆرسىڭىز، كۆڭلىڭىز كائىناتتەك كەڭىرىپ،كېچىدە كۈن كۆرگەندەك، كېلەچىكىڭىز كىتاپتىن كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، كەلگۈسىنى كېرىلىپكۈتۈۋالالايسىز. كىتاپ كۆرگەن كىشىلەرنىڭ كۈنلىرى كۆڭۈللۈك،كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ كۆرۈنىدۇ. كىتاپ كۆرگەنلەر كىتاۋىنى كونا، كۆرۈمسىز كەپىدە كۆرسىمۇ،كەڭ كائىناتتىكى كانادا، كورىيە، كۇبا، كولۇمبىيە، كەشمېر، كورلا، كېرىيە، كەلپىنلەرنىكۆرگەندەك، كۈلۈمسىرەپ كۆڭلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. كاتتا كىتاپنىڭ كارامەت كۇچى كەمتەرلەرنى،كاسىپلارنى، كادىرلارنى، كەمىنىلەرنى كامالەتكە كەلتۈرۈپ، كۆكنى كەزدۈرەلەيدۇ. كىتاپكۆرمىگەن كىشى كامادىكى كېلەدەك، كارىزدىكى كېسەكتەك كۆككە كۆتۈرۈلەلمىگەن كۆكىنەكتەك،كەپىدىكى كۈنجۈرىدەك، كۆكىرىپ كۆپچۈلۈككە كونا كېسەلدەك كۆرۈنىدۇ. كەمكۈتىسىز كۆكەمە، كۈنلەمچى، كوت-كوت، كىبىرلىك كېلىدۇ.كىتاپسىز كىشىنىڭ كۈزى كور، كەلگۈسى كۈلپەتلىك. كىشىلەرنىڭ كەينىدىن كوتۇلداپ-كاڭشىپكوڭكىدا كىتىۋېتىپمۇ كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ، كۆپتىن-كۆپ كىشىلەرنىكۆڭلىدە كېپەنلىۋېتەلەيدۇ. كىمدە-كىم كىتاپ كۆرمەيدىكەن، كوچىسىغا، كۈلبىسىگەكەلكۈن كەلسىمۇ، كەتمەن كۆتۈرمەيدۇ. كۆكتاتلىرىغا كالا كەلسىمۇ كالتەكلەپ كەتكۈزۋەتمەيدۇ.كىيىم-كېچەك، كۆرپە-كىرلىك، كاستىيوم-كۆينەكلىرى كىرلىشىپ، كاللىسى كېپەكلىشىپ،كەپكىسى كىچىكلەپ كەتسىمۇ، كېسەللىنىشنى كۆزلىمەي كىيىۋېرىدۇ. كۈزۈتۈپ كۆرۈش كېرەككى: كىتاپ كۆرمەيدىغانلار كەم،كۆرۈدىغانلار كۆپ. كۈندۈزى كۆرمىگەنلەر كېچىسى كۆرىدۇ، كۈتۈپخانىلارمۇ كەڭ كىتاپخانلارنىكۈزى كۆرۈپ، كونكىرت كۈزۈتۈپ، كەمدىن-كەم كۆرۈلۈدىغان كاتالوگ، كېلاسسىك، كىنايىلىككىتاپلارنى كۆپ كىرگۈزۈپ، كەڭ-كۆلەمدە كۆرسۈتۈش كېرەك. كىتاپ كۆرمەي كىتىۋاتقان كۈنلىرىڭىزگە كۆز تىككىنىڭىزدە،كاكىراۋاتقان كۈيسىز كەچمىشلىرىڭىز كۆڭۈل-كۆكسىڭىزگە كىرىۋېلىپ، كۆڭلىڭىزنى كاۋاپدانداكۆمۈر كۆيدۈرگەندەك كۆيدۈرۈپ كەيپىڭىزنى كۆرۈمسىزلەشتۈرىدۇ. كۆرەي دېسىڭىز كەنت كۈتۈپخانىسىدىمۇ كېرەكلىك كىتاپلاركۆپ. كوچىلاردا كوتۇلداپ كۆنمەي كىتاپخانىغا، كۈتۈپخانىغا كۈندە كېلىپ كىتاپ كۆرۈڭ!!! ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي ئەسكەرتىش ،:ئاپتۇرى ھوقۇقى غا ھۈرمەت قىلىڭ. |