مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 375|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

"تىلچىلار" سالونىدىكى ئ‍ەزالار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2015-11-5 21:54:46 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
"تىلچىلار" سالونىدىكى ئ‍ەزالار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەر

1. تىلچىلار  سالونى ئ‍ۇيغۇر تىلىنىڭ ئ‍ىستېمالىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئ‍ۇيغۇر تىل تەتقىقاتىدىكى ئ‍ەمەلىي مەسىلىلەردە تىلچىلارنىڭ ،شۇنداقلا ئ‍ۇيغۇر تىلىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئ‍ۆزئ‍ارا ئ‍ۇچۇر ئ‍الماشتۇرۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ قۇرۇلغان ،ئ‍ىلمىي مۇھاكىمە سالونى، باشقا ھېچقانداق ئ‍ىشنى مەقسەت قىلمىغان، سالوننىڭ نامىمۇ كېڭەش ئ‍ارقىلىق قويۇلغان.

2. مەزكۇر سالون ئ‍ەزالىرى تىلشۇناسلىق ياكى ئ‍ۇيغۇر تىلىغا ئ‍ائىت ئ‍ۇچۇرلار ۋە پىكىرلەرنى يوللاش بىلەن چەكلىنىشى، مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئ‍ۇچۇرلارنى باشقا سالونلارغا يوللىشى ھەم شۇ سالونلاردىن كۆرۈۋېلىشى كېرەك.

3. مەزكۇر سالون ئ‍ەزالىرى (دۆلىتىمىز پۇقرالىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ) بۇ سالونغا ئ‍ادەم تەكلىپ قىلماقچى بولسا سالون قۇرغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئ‍ېلىشى كېرەك! سالونغا كىرگەن ئ‍ەزالار چوقۇم ئ‍ۆزىنىڭ ھەقىقىي ئ‍ىسمى بىلەن كىرىشى ھەمدە ئ‍ۆزىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇشى كېرەك. تىل ئ‍ەھلى بولمىغانلار ياكى تىلغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلار  بۇ سالونغا تەكلىپ قىلىنمايدۇ.

4. سالون ئ‍ەزالىرىنىڭ چۈشىنىشىگە قۇلايلىق بولۇشى ئ‍ۈچۈن تېلېفونلىرىغا ئ‍ۇيغۇرچە خەت سىستېمىسىنى كىرگۈزۈشى ياكى تىل- يېزىق كومىتېتى بىرلىككە كەلتۈرگەن ئ‍ۇيغۇر  لاتىن ھەرپلىرى لايىھەسىنى قوللىنىشى كېرەك.

5. سالون ئ‍ەزالىرى دۆلەتنىڭ قانۇن-  تۈزۈملىرىگە ئ‍اڭلىق رىئايە قىلىشى، نازۇك، ئ‍ىنچىكە، ئ‍ۆتكۈر مەسىلىلەر ئ‍ۈستىدە مۇنازىرە قىلماسلىقى كېرەك. شۇنداق مۇنازىرىنى باشلىغۇچى بارلىق مەسئولىيەتنى ئ‍ۈستىگە ئ‍ېلىش بىلەن بىرگە،  سالوندىن چېكىندۈرۈلىدۇ.

6. سالون ئ‍ەزالىرى بىر- بىرىمىزنى ئ‍اكا- ئۇكا، ئ‍‍اچا -سىڭىل، كەسىپداش، قېرىنداش دەپ قارىشىمىز ھەم شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك .بىر- بىرىمىزگە كۈچ كۆرسىتىش، مەنمەنچىلىك قىلىش، باشقىلارنىڭ دىلىغا ئ‍ازار بېرىش قاتارلىق ئ‍ەخلاققا، ئادىمىيلىككە ياتمايدىغان ناتوغرا ئ‍ىش- ھەرىكەتتە بولماسلىقىمىز كېرەك.

7. سالونىمىزغا ئ‍اخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئ‍الدىنقى سەپلىرىدە  خىزمەت قىلىۋاتقان  قېرىنداشلىرىمىزمۇ  قەدەم تەشرىپ قىلىۋاتىدۇ، يېزىق ۋە ئ‍ورتاق تەلەپپۇزىمىزنى ئ‍اۋامغا تارقىتىدىغان بۇ كۆزنەك ئ‍ورۇندىكى كەسىپداشلىرىمىز بىلەن ئ‍ورتاقلىشىپ، تەلەپپۇز ۋە ئ‍ىملايىمىزدا، ئ‍اتالغۇ - سۆزلەملەردە ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى ئ‍ىلمىي كېڭىشىپ، شۇ ئ‍ارقىلىق  تىلىمىزنىڭ ساپلىقى ئ‍ۈچۈن سالوندىكى بارلىق ئ‍ەزالار ئ‍ورتاق كۈچ چىقارساق دېگەن ئ‍ۈمىدتىمىز، بۇ نىشان ئ‍ۈچۈن ئ‍ورتاق تىرىشايلى!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
دىۋان
ۋاقتى: 2015-11-6 15:04:17 | ئايرىم كۆرۈش
چاۋاكلار بىلەن ياڭرىغان گۈلدىراس ئالقىش!
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

0

تېما

5

يازما

16

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
16
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-11-25 12:34:56 | ئايرىم كۆرۈش
بۇنداق ئېسىل مۇنازىرە مۇنبىرنىڭ قورۇلغىنىنى بۈگۈن تۇيۇقسىز تور ئارلاۋىتىپ كۆرۈپتىمەن. كۆز تەگمىسۇن، ئىلمىيىلىك ۋە ئاقلانىلىق بىلەن ياشىنغاي بۇ مۇنبەر ۋە تىلىمىز، ھېسىي تۇيغۇلارنىڭ قۇربانىغا ئايلانمىغاي.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:23 , Processed in 0.100374 second(s), 24 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش