مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 379|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

17 ياشلىق چېمپىيون ئەخلەت تېرىيدىغان ئانىسىغا باش قويۇپ رەھمەت ئېي...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-28 15:09  

تايلاندلىق 17 ياشلىق قىز گۈزەللەر تاللاش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن ئەخلەت تېرىيدىغان ئانىسىغا باش قويۇپ رەھمەت ئېيتتى
تايلاند پاكنامدىكى 17ياشلىق قىز كانىتا بۇ يىللىق تايلاند MissUncensored News Thailandگۈزەللەر تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان.ئۇ ئانىسى بىلەن بىرگە ئەخلەت تېرىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. گۈزەللەر مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇ ئەخلەت چېلىكى يېنىدا تۇرغان ئانىسىغا باش قويۇپ رەھمەت ئېيتقان. بۇ ۋاپادار قىز ھازىر داۋاملىق ئانىسىغا ئەخلەتلەرنى ئايرىشىپ بەرمەكتە.
كانىتا ھەشەمەتلىك كىيىملىرىنى سېلىۋەتمەيلا ئۆيىگە قايتىپ ئانىسىغا تىزلىنىپ رەھمەت ئېيتقان. ئۇ، گەرچە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن بىرقىسىم ئېلان، كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق خىزمەتلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلە ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ياردەم قىلالىسىمۇ، ئەمما ئائىلىسىنىڭ داۋاملىق ئەخلەت تېرىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە :«ۋاقتىم چىقسىلا ئانامغا ياردەملىشىپ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بېرىمەن، بىراق ئانام مېنىڭ ياردەملىشىشىمنى تازا خالىمايدۇ».
كانىتانىڭ دېيىشىچە، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى تۈپەيلى، تولۇق ئۈچۈنچى يىللىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كانىتا داۋاملىق ئوقۇمىغان. گۈزەللەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن ئاۋۋال كانىتا ئائىلىسىدە ئەخلەت تېرىش، كونا كېيىملەرنى سېتىش دېگەندەك نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ باققان، كېيىن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن گۈزەللەر تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، گۈزەللەر تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان.
ئۇ، رېپىر چېمپىيون بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان چاغدا ئۆزىنىڭ خۇددىي چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلغانلىقىنى، ئۆزىدەك ئاددىي بىر قىزنىڭمۇ چېمپىيون بولالايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، ئۆز ئانىسىنىڭ ئەخلەت تېرىدىغانلىقىدىن نومۇس قىلمايدىغانلىقىنى، ئىككى قولىغا تايىنىپ پۇل تېپىشنىڭ نومۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەسلىكىنى، ھەمدە ئۇنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىسىنىڭ دەل ئەخلەت تېرىدىغان ئانىسىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
كانىتانىڭ ھېكايىسى تايلاندتا كەڭ تارقالدى، نۇرغۇن نامرات كىشىلەر دىققەت قىلدى ۋە قوللىدى. كۆپچىلىك ئۇنى ۋاپادارھەم قايسەر، تەق-تۇرقى چىرايلىق بولۇپ قالماي يەنە قەلبىمۇ گۈزەل قىز دەپ تەرىپلىدى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:29 , Processed in 0.059090 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش