|
چىراقنى ئۆچۈر
(ھېكايە)
سەئىد ئەھمەد [ئۆزبېكىستان]
مەجلىس رەئىسى تىككۈچىلىك فابرىكاسىنىڭ درېكتورى ئەزلەروۋغا سۆزلەش پۇرسىتى بەردى. ئەزلەروۋ سالماق قەدەملىرى بىلەن ئاستا مېڭىپ مۇنبەر تەرەپكە يول ئالغان ئىدى، خۇددى قارنىدا ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك پۈكلىنىپ مېڭىپ مۇنبەرگە ئاران يېتىپ باردى.
__ يىغىن ئەھلى!
ئۇ “يىغىن ئەھلى” دېگەن سۆزنى شۇنداق قاتتىق ئېيتتىكى، ئالدىدىكى قەغەز ئاغزىدىن چىققان شامالدىن ئۇچۇپ پولغا چۈشۈپ كەتتى. قەغەزدىكى دوكلاتنىڭ بىرىنچى بېتى ئىدى، ئەزلەروۋ باشقا گەپ قىلالماي جەھلى بىلەن يەنە بىر قېتىم “يىغىن ئەھلى” دېدى.
رەئىس سەھنىسىدىكىلەردىن بىرى پولدىن قەغەزنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى.
ئەزلەروۋ بىرىنچى ۋاراقتىكى گەپلەرنى دۇدۇقلىماي ئوقۇپ بەردى. يەنى فابرىكانىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغىنىنى، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ كۆتۈرۈلگىنىنى، بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆلچەمگە توشقانلىقىنى گاھ توختاپ، گاھ دۇدۇقلاپ ئوقۇپ بەردى. بىرىنچى ۋاراقتىكى گەپلەر تاماملاندى، ئىككىنچى ۋاراقنى ئاچماي ساراسىمىگە چۈشۈپ سەل تۇرۇپ قالدى. ئۇ نېمىشقا ئىككىنچى ۋاراقنى ئاچمايدىغاندۇ؟ نېمىشقا خۇددى سەندەلدە قوللىرىنى ئىسسىتىۋاتقاندەك قوللىرىنى يۇقىرىغا چىقارمايدىغاندۇ؟
ئەزلەروۋ شۇ تەرىقىدە ئۇزاق ساراسىمىدە تۇرغاندىن كېيىن قەغەزنى تىلى بىلەن ۋاراقلاپ ئاچتى-دە، قالغان يېرىدىن باشلىدى.
ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن زالدىكىلەر يا كۈلۈشنى، يا كۈلمەسلىكىنى بىلەلمەي، بىراۋلار ھىجىيىپ، بىراۋلار ئاغزىنى ئاچماي يۆتىلىپ قويدى. ئەمما ئەزلەروۋ تاكى دوكلات تۈگىگىچە قالغان يەتتە قەغەزنى تىلى بىلەن ۋاراقلاپ ئاچتى.
دوكلات ئاخىر چاۋاكلار بىلەن تامام بولدى.
دوكلاتقۇ تامام بولدى، ئەزلەروۋ مۇنبەردىن نېمىشقا چۈشمەيدىغاندۇ؟ بىر زالدىكىلەرگە قاراپ بىر نەرسە دەيدىغاندەك، بىر رەئىس سەھنىسىدىكىلەرگە قاراپ بىر نەرسە دەيدىغاندەك ئەلپازدا تۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭغا نېمە بولغاندۇ؟
مەجلىس رەئىسى فابرىكا تېخنىكى، كونا ئىشچى قاسىم ئاتانى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. ئەمما ئەزلەروۋ مۇنبەرنى بوشاتمىدى. بوۋاي سەھنىدە تۇرۇپ ئەزلەروۋغا باشتىن-ئاياق بىر قاراپ چىقتى-دە، سەھنىنىڭ بۇ چېتىگە ئۆتۈپ سۆزىنى باشلىدى.
__ يىغىن ئەھلى! فابرىكامىزنىڭ ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىغىنى راست. دوكلاتچى ئىشتىراكچى ئەزلەروۋ مەھسۇلات سۈپىتى ھەققىدە يالغان سۆزلىدى. تىككەن كىيىملىرىمىزنىڭ سۈپىتى رەسۋا-ناچار. مەن سىزگە فابرىكامىزدا تىكىلگەن ئەڭ ياخشى كاستيۇم-بۇرۇلكىلاردىن بىرىنى كۆرسىتىمەن.
بوۋاي ئەزلەروۋغا يۈزلەندى.
__ ئىشتىراكچى درېكتور، سىزنىڭ كاستيۇمىڭىز فابرىكامىزدا مەخسۇس بۇيرۇتۇپ تىكتۈرۈلگەن، قېنى بۇياققا ئۆتۈپ خالايىققا بىر كۆرسىتىڭچۇ، كۆرۈپ قايىل بولۇشسۇن.
ئەزلەروۋ نېمىدۇر بىرنېمىلەرنى دەپ غۇدرىدى. نېمە دېگىنىنى ھېچكىم ئاڭقىرالماي قالدى.
__ كۆرسەتمەيدۇ، ھەتتا مۇنبەرنىڭ دالدىسىدىن چىقالمايدۇ. بايا دوكلات يېزىلغان تىزىس قەغەزلىرىنى تىلى بىلەن ۋاراقلىشىغا نېمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلەمسىزلەر؟ ئۆزۈملا ئېيتىپ بېرەيا، ئۇ “يىغىن ئەھلى” دەپ بىر ئېغىز گەپكە كۈچىۋىدى، سۈپەتلىك شىمىنىڭ تۈگمىلىرى يەرگە تۆكۈلۈپ كەتىپ، درېكتورنىڭ ئىككى قولى شۇنىڭغا بەنت بولۇپ قالغان.
بوۋاي زالدىكىلەرگە قاراپ كىمنىدۇر ئىزدھستۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ ئىزدىگەن ئادەمنى تېپىپ خۇش بولۇپ كەتتى.
__ ھاي توكچى ئوغلۇم، چىراقنى بىردەم ئۆچۈر، ئەزلەروۋ ئۆيىگە بېرىپ باشقا شىم كىيىپ كەلسۇن!
زالنى بىرھازا كۈلكە قاپلىدى، چىراق لىپ قىلىپ ئۆچتى. چىراق يانغاندا ئەزلەروۋ مۇنبەردە كۆرۈنمەيتتى. مەجلىس رەئىسى ئەمدىكى ناتىققا سۆز بەردى.
|
|