مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 318|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھىندىستان تۇنجى قېتىم مارستىكى جىلغىنىڭ 3D سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
ھىندىستان تۇنجى قېتىم مارستىكى جىلغىنىڭ 3D سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى
مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 17-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارستىكى ئوفىر جىلغىسىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 3D سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىگە سوۋغا قىلغان.
    ئوفىر جىلغىسى قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ جىلغا ـــ ۋاللېس جىلغىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 317 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 62 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ جىلغا مارسنىڭ يەر يۈزىدىكى ئوخشىمىغان ماددىلاردىن تۈزۈلگەن كۆپ خىل يەر قاتلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
    سۈرەت 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان، سۈرەتكە تارتىلىش ئېگىزلىكى 1857 كىلومېتىر، سۈزۈكلۈكى 96 مىليون پىكسېل. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جىلغىنىڭ ئەتراپى يەر قاتلىمى ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن ئېگىز ياردىن ئىبارەت. بۇ سۈرەتلەر ئالىملارنىڭ مەزكۇر يەر شەكلىنىڭ يېقىن كۆرۈنۈش خەرىتىسىنى قايتىدىن بېكىتىشىگە ياردىمى تېگىدىكەن.
    ھىندىستاننىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى 2013-يىلى 11-ئايدا بوشلۇققا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، جەمئىي 74 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:30 , Processed in 0.058710 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش